ھاكىم تۇرسۇننىڭ: «مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى جەريانىدا مەن ھەقدار بولغان ئىشلار» ناملىق ئەسلىمىسى.
1949-1944-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان مىڭلىغان مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى، زىيالىيلار، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە باشقىلارنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكى ھازىر ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېلىپ بارغان داغدۇغىلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى، جۈملىدىن ئازادلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان جەڭلىرى تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.
ئەنە شۇ ئىنقىلاب شاھىتلىرىنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىلا ئۆزلىرى قاتناشقان، شاھىت بولغان ئىنقىلاب ھەققىدە ئەسلىمىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما مىڭلىغان شاھىتلار بۇنداق ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولالمىدى. دېمەك نۇرغۇن سەرگۈزەشتلەر، مۇھىم ۋەقەلەر، تارىخىي سىرلار ۋە باشقىلار شۇ پېتىچە قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەڭ مەيدانلىرىدىكى، كۈندىلىك خىزمەتلەردىكى نۇرغۇن پىداكار كىشىلەر، قەھرىمانلىقلارنى ياراتقان جەڭچىلەر، ئوفىتسېرلار، ئۆزلىرىنى ئەركىنلىك، ئازادلىق ئۈچۈن ئاتىغان ئوغۇل-قىزلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھېچقانداق يازما خاتىرىلەر قالدۇرۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنتۇلۇپ كېتىلدى.
1949-1944-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئەنە شۇ جەريانلىرىنى، قەھرىمانلىقلارنى، پىداكارلىقلارنى ۋە قەھرىمان ئوبرازلارنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش، تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش ھەم ئۇنتۇلدۇرماسلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ئىنقىلاب شاھىتلىرىدىن بىرى، 1944-يىلى 7-نويابىر كۈنىدىن باشلاپ ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ بارلىق جەڭگىۋار مۇساپىلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بىر ئوفىتسېرنىڭ ئۆزى كۆرگەن، قاتناشقان ۋە ئاڭلىغان ئىنقىلاب مۇساپىلىرىگە ئائىت قول يازما خاتىرىسى قولىمىزدا تۇرۇپتۇ.
ئۇ بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئوفىتسېرى، مەرھۇم ھاكىم تۇرسۇن سادىروفنىڭ «مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى جەريانىدا مەن ھەقدار بولغان ئىشلار» ماۋزۇلۇق تېخى نەشر قىلىنمىغان قوليازما ئەسلىمىسىدۇر. 375 بەتلىك بۇ ئەسلىمىدە مەرھۇم ھاكىم تۇرسۇننىڭ 1942-يىلىدىن تاكى 1950-يىللاردا مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتىلىپ مەۋجۇت بولغانغا قەدەر بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلەر تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. ھاكىم تۇرسۇن 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلىغان بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئىنقىلاب قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن ھاكىم تۇرسۇن بالا پارتىزان بولۇشىغا قارىماي، 1944-يىلى، 12-نويابىردىن باشلانغان 86 كۈنلۈك ھەرەمباغ، ئايرودروم جەڭلىرىگە تولۇق قاتنىشىپ، يارىلانغان بولسىمۇ يەنە سەپكە قايتىپ كېلىپ، ئايرودرومنى قورشاپ، ئازاد قىلىش جېڭىنى داۋاملاشتۇرغان.
ئەسلىمىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھاكىم تۇرسۇن 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى مۇنتىزىم شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ غۇلجا ئاتقۇچىلار 2-پولكىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە غۇلجا شەھىرىدىكى پاراتقا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ رەسمىي مۇنتىزىم ھەربىي ھاياتىنى باشلىغانىدى. ھاكىم تۇرسۇننىڭ ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان قىزى گۈلباھار خانىم مەزكۇر ئىنقىلاب ئەسلىمىسىنى ئۆزى بىلەن چەتئەلگە ئېلىپ چىققاندىن كېيىن ئۇنى بىرمۇ-بىر رەتلەپ نەشر قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغۇچى بولۇپ، ئۇ دادىسىنىڭ ھايات مۇساپىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ھاكىم تۇرسۇننىڭ ئىلگىرى-كېيىن 9 يىل ھەربىي ھايات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ھاكىم تۇرسۇن سادىروف 1929-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە غۇلجادىكى ئۇيغۇرچە ھەم خىتايچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان. ئۇ، 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى ئىنقىلابقا قاتناشقاندىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن ئازاد نىشانلىق 2-ئاتقۇچىلار پولكىنىڭ رازۋېدكا ۋىزۋودى جەڭچىسى، 1-ئاتقۇچىلار زاپاس پولكى رازۋېدكا ۋىزۋود كوماندىرى، باتاليون شتاب باشلىقى، 1947-1946-يىللىرى ئىلى بىلىم يۇرتى ھەربىي قۇرۇلمىسى بويىچە باتاليون شتاب باشلىقى، 1949-1947-يىللىرى ئارىسىدا مىللىي ئارمىيە ھەربىي سوتى ۋە تەپتىش مەھكىمىسى ئوفىتسېرى بولۇپ ئىشلىگەن. مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئارمىيە گېزىتى تەھرىرى ۋە باشقا خىزمەتلەرنى ئاتقۇرۇپ، 1953-يىلى ھەربىي سەپتىن بوشىغان ھەم
كانچىلىق ۋە سانائەت ئىنستىتۇتىنى ئوقۇپ، ئاخىرى شۇ ساھەدە ئىشلەپ، پېنسىيەگە چىقىپ، 2006-يىلى ۋاپات بولغانىدى.
گۈلباھار خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسى ھاكىم تۇرسۇن ئۆز ئەسلىمىسىنى 2005-2006-يىلى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا يېزىپ چىققان بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن كېسەل بىلەن ئېلىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن مەزكۇر ئىنقىلاب ئەسلىمىسىنى ئاخىرقى تىنىقى توختىغۇچە يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرى تاماملاپ بولۇپ ۋاپات بولغان ھەم بۇنى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغان
شۇنى ئەسكەرتىش مۇمكىنكى، ھازىرغىچە 1930-1940-يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب مۇساپىلىرى ۋە شۇ مەزگىللەردىكى تۈرلۈك ۋەقەلەرنى، بولۇپمۇ 1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نامى ئاستىدا بايان قىلىدىغان ھەر خىل ئەسلىمىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى-سىرتىدا يېزىلىپ بىر قىسمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
تۈركىيەدىكى ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە تارىخىي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى ئىچىدە نەشر قىلىنغان بۇ ئەسلىمىلەر تۈرلۈك سېنزورا ۋە ھۆكۈمەت ئىدېئولوگىيەسى بەلگىلەپ بەرگەن رامكا ئاستىدا يېزىلىپ تارقىتىلغان، چەتئەللەردىكىلىرى بولسا بىر قەدەر ئەركىن يېزىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەيلى چەتئەللەردە ۋە ياكى ئۇيغۇر ئىلىدا يېزىلغان بولسۇن بۇ ئەسلىمىلەر شۇ دەۋرنى چۈشىنىش ۋە بىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلدى. بۇ ئەسلىمىلەر ئەۋلادلارنىڭ ئۆز تارىخى مۇساپىلىرىنى بىلىشىدە ۋە تەربىيەلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.
ھاكىم تۇرسۇننىڭ مەزكۇر ئەسلىمىسىدە 7-نويابىردىن تارتىپ تاكى 1950-يىلى مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتىلگەنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەر، تارىخىي شەخسلەر، ھەر مىللەت ئوفىتسېرلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئىلگىرىكى ئەسلىمىلەردىن پەرقلىق ھالدا بىر قەدەر ئەتراپلىق ئۇچۇرلار قالدۇرۇلغان بولۇپ، ھاكىم تۇرسۇن ئۆزى كۆرگەن، قاتناشقان، بىلگەن ھەممە ۋەقەلەرنى ئاساسەن يېزىپ قالدۇرغانىدى. (داۋامى بار)
0:00 / 0:00