ئۇيغۇر قەھرىماننى ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇر جاللات
1945-يىلى، 9-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئاز ساندىكى قىسىملىرى ئاقسۇ يېڭى شەھەر سېپىلىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. 10-ئاينىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى گومىنداڭ ئايروپىلانلىرى سېپىل ئىچىگە قورال-ياراق، يېمەك-ئىچمە، پۇل قاچىلانغان شارلارنى تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما شارلارنىڭ بىر قىسمى سېپىل سىرتىغا چۈشۈپ، ئىككى تەرەپ شار تالىشىپ بىر مەيدان جەڭ قىلدى. مانا شۇ كۈنى ئاقسۇدىكى جاۋ خەنچى باشلىق خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى 20 كۈنلەر ۋاقىت ئەسىرلىكتە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئايشەمخاننى جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىقىپ ئۆلتۈردى.
ئايشەمخاننىڭ ئاخىرقى تەقدىرىگە ئائىت ئەھۋاللاردىن خەۋەردار شاھىتلارنىڭ بايانلىرى ئاساسىدا قالدۇرۇلغان خاتىرىلەر توپلىمىدا قەيت قىلىنىشىچە، گومىنداڭنىڭ ئوسمان ئىسىملىك ناھايىتى قارام ۋە قارا كۆڭۈل بىر ئۇيغۇر ئەسكىرىگە ئايشەمخاننىڭ كاللىسىنى ئېلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئايشەمخان نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقان گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ ھەربىي دوختۇرخانىسىنىڭ خادىمى، تۇڭگان ئايالنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، قىلىچىنى يالىڭاچلاپ ئايشەمخاننى ئېلىپ ماڭماقچى بولغاندا، ئايشەمخان ئۇچىسىدىكى مىللىي ئارمىيە كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرگەن ھالدا ھېچ قورقماستىنلا ئۇنىڭ ئالدىغا كۆكرەك كىرىپ چىقىدۇ. ئايشەمخاننىڭ قەتئىي ئىرادىسىدىن قايىل بولغان بۇ تۇڭگان ئايال ئوسمانغا قاراپ: «ئۇ ئايالمۇ ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان، سىزمۇ ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان تۇرسىڭىز، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە قانداق قولىڭىز بارىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئوسمان: «ماڭىمۇ نېمە چارە، ئىجرا قىلمىسام ‹دۈشمەنگە ئىچ ئاغىرتتىڭ›-دەپ مېنىمۇ جادۇغا باسىدۇ ياكى ئېتىۋېتىدۇ» دەپ ئايشەمخامنى ئېلىپ ماڭىدۇ.
ئوسمان ئايشەمخاننى ئالدىغا سېلىپ، ئۇنى سېپىل تۈۋىدىكى بىر ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئورەكنىڭ يېنىغا ئېلىپ ماڭىدۇ، ئەتراپىدا خىتاي ئوفىتسېرلار ئوسماننىڭ ئايشەمخاننى ئۆلتۈرۈشىنى نازارەت قىلىشىپ قاراپ تۇرۇشقان بولۇپ، ئۇلار ھەتتا ئوسمان ئايشەمخانغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەي قالسا ئۇنىمۇ قوشۇپ ئۆلتۈرۈشكە تەييار ئىدى. ئايشەمخان جازا مەيدانىغا كېتىۋېتىپ: «سەنمۇ ئۇيغۇرمۇ ؟، سەنمۇ مۇسۇلمانمۇ؟ سەنمۇ بىر ئەركەكمۇ؟ قانداقسىگە سەن بىر ئۇيغۇرنى، مۇسۇلمان قېرىندىشىڭنى، ماڭا ئوخشاش ئاجىز بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭ بارىدۇ؟ بىز ۋەتەننى، ئاقسۇنى ئازاد قىلىمىز دەپ جاڭ تىكىپ ئېلىشىۋاتساق، سەن قولۇڭدىكى قورالنى دۈشمەنگە ئەمەس، بىزگە ئىشلىتىۋاتىسەن، ئوغۇل بالا بولساڭ قورالىڭنى ئەنە شۇ باسقۇنچىلارغا قارىتىپ ئىشلەت» دەپ خىتاب قىلغان. لېكىن، ئوسماندا قىلچە رەھىم-شەپقەت، ۋىجدانى تۇيغۇسى يوق بولۇپ، ئۇ ئايشەمخاننىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلماي، ئۇنى سېپىل تۈۋىدىكى ئورەكنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، قولىدىكى قىلىچ بىلەن ئۇنى چېپىشقا تەييارلىنىدۇ.
ئايشەمخان ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ قاراپ: «ئاكا مېنىڭ ياش جېنىمغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن!» دەيدۇ. ئەمما ئوسمان قىلىچىنى تەڭلەپ تۇرۇپ: «ئەگەر جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىغان بولسا، تەسلىم بولۇپ، بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلساڭ بولمامدۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئايشەمخان، : «مەن سەپداشلىرىم ئالدىدا قەسەمياد قىلغان، قەسەمياد قىلغان كىشى قەسىمىگە ئاسىيلىق قىلسا ئىككى ئالەمدە قارا يۈز بولىدۇ. مەن قەسىمىمنى بۇزمايمەن، ئۆلتۈرسەڭ ئۆلتۈر، لېكىن سېنىڭدىن بىر تەلىپىم بار، مېنىڭ كاللامنى ئالغاندىن كېيىن بېشىمنى سېپىل سىرتىغا تاشلىۋەتكىن، سەپداشلىرىم بېشىمنى تېپىپ مېنىڭ قانداق ئۆلتۇرۈلگەنلىكىمنى بىلىدۇ ۋە چىرايلىق دەپنە قىلىدۇ» دەپ ئۆتۈنىدۇ. ئەمما، بۇ سۆزلەر ئوسماندا قىلچىمۇ رەھىم-شەپقەت، مىللىي ۋە ئىنسانى غۇرۇر تۇيغۇسى ئويغىتالمايدۇ.
ئۆزىنىڭ ئايشەمخاننى تېخىچە چاپماي، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان جاۋ خەنچى، خوڭ يادوڭ قاتارلىق گومىنداڭ كوماندىرلىرىنىڭ يانلىرىدىن تاپانچىلىرىنى چىقارغانلىقىنى كۆرگەن ئوسمان ئۇلار مېنى ئاتىدىغان بولدى دەپ قورقۇپ، دەرھال ئايشەمخاننى بېسىپ ئولتۇرغۇزۇپ، بېشىغا قىلىچ ئۇرىدۇ.
لېكىن، ئايشەمخان ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قىلىچ چاچقا تېگىپ بوينى ئۈزۈلمىگەندە، ئوسمان ئىككىنچى قېتىم زەرب بىلەن چېپىپ ئايشەمخانىڭ گۈزەل چىرايلىق كۆزلىرى ياراشقان بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىدۇ. ئايشەمخاننىڭ مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيگەن گەۋدىسى بىر ئاز ھەرىكەت قىلىپ توختايدۇ. ئوسمان قىلىچىنى سۈرتۈۋېتىپ، گەۋدىنى ئورەككە تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى كۆزىتىپ تۇرغان خوجايىنلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بېرىپ، ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغانلىقىنى دوكلات قىلىدۇ.
قىزىق نۇقتا شۇكى، ئايشەمخان ۋەقەسى، يەنى ئۇنىڭ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈش ئەھۋالىغا ئائىت توپلانغان ماتېرىياللاردا قەيت قىلىنىشىچە، جاللات ئوسمان ئۆزىنىڭ ئايشەمخاننى قانداق ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا يۇقىرىقى سۆزلەرنى دېگەنلىكىنى ھېلىقى تۇڭگان ئايالنىڭ ئەسكەر ئېرىگە ۋە باشقا گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىگە بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بەرگەن. ئوسماندىن بۇ تەپسىلاتنى ئاڭلىغانلار تېخى يېقىنقى يىللارغىچە ياشاپ بۇ ۋەقەنى كېيىنكىلەرگە سۆزلەپ بەرگەن. ئايشەمخاننىڭ كاللىسى ئېلىنىش ئالدىدىمۇ يەنىلا ئۆز قەسىمىگە ۋە ئىرادىسىگە سادىق بولغان، قورقماس روھىدىن ھەتتا جاللات ئوسمان ۋە ئوسماندىن بۇ ئەھۋالنى ئاڭلىغان باشقا ئۇيغۇر ئەسكەرلەرمۇ تەسىرلىنىپ، ئايشەمخاننىڭ باتۇرلۇقىغا قايىل بولۇشقان، ھەتتا بەزىلىرى ئىچ ئاغرىتقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم قولىدىكى قوراللىرىنى جاۋ خەنچى باشلىق خىتاي جاللات كوماندىر-ئەسكەرلىرىگە قارىتىپ، سېپىلنى قورشاپ ياتقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى تەرەپكە ئۆتۈپ، ئاقسۇنى ئازاد قىلىپ، ئۆز يۇرتىدىن مۇستەبىتلەرنى قوغلاپ چىقىرىش كۈرىشىگە ئاتلانمىغان. ئاقسۇدىكى گومىنداڭ 5-ئاتلىق پولكىنىڭ ئاشۇ ئوسمان، ھەمدۇل ۋە باشقا ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كوماندىرلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداپ، سوپاخۇن سوۋۇروف كوماندىرلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋە ئاقسۇنى ئازاد قىلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ، مىللىي ئارمىيەگە ياردەم كۆرسىتىۋاتقان خەلق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان. ئەنە شۇلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقلىرى نەتىجىسىدە ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشى غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن.
ئايشەمخان ئۆلتۈرۈلۈپ، بىر ھەپتىلەردىن كېيىن، يەنى 1945-يىلى، 10-ئاينىڭ 12-كۈنى مىللىي ئارمىيە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋەكىلى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى ئارىسىدا تىنچلىق سۆھبىتى باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاقسۇ قورشاۋىنى بىكار قىلىپ، چېكىنىپ كەتكەن. خىتاينىڭ ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى چېكىنگەن مىللىي ئارمىيەنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ نۇرغۇن جەڭچىلەرنى ۋە پىدائىيلارنى ھەم بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىلىشقا قاتناشقان ئىدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، دوكتورى قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ئوسمانغا ئوخشاش خىتاينىڭ بۇ ئۇيغۇر ئەسكىرىنىڭ ئۆز قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈش يولىنى تۇتۇشى شۇنىڭدەك ئاقسۇدىكى خىتاي قوشۇنىنىڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقى ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان مىللىي ئارمىيەگە قارشى جەڭ قىلىشى مىللىي ئاڭ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر. ئەسلىدە بۇ ئۇيغۇر ئەسكەرلەر ئۆز ئىچىدىن قوزغىلىپ، مىللىي ئارمىيە تەرەپتە تۇرۇپ، ئاقسۇدىكى ئازغىنا خىتاي گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى يوقىتىپ، مىللىي ئارمىيەگە ماسلىشىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇنداق قىلمىدى. بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مىللىي روھنىڭ كەمچىللىكىدىن ئىبارەت تراگېدىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
جاۋ خەنچى باشلىق جاللاتلارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئايشەمخاننىڭ تېنى دەپنە قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. بىراق، بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ بېشى ۋە تېنى غايىب بولغان. ھېچكىم نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن، بەزىلەر ئۇنى غالجىر ئىتلارغا يەگۈزۈۋېتىلگەن ياكى جەسەت تاشلىۋېتىدىغان ئازگالغا تاشلىۋېتىلگەن ۋە ياكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن مەخپىي دەپنە قىلىۋېتىلگەن دېگەندەك ھەر خىل قاراشتا بولغان. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئايشەمخان قەبرىسىز ۋە نامسىز قەھرىمانغا ئايلانغان.
1949-يىلىدىن كېيىن ئاقسۇ جەڭ مەيدانىدا مىللىي ئارمىيەگە قارشى جەڭ قىلغان جاۋ خەنچى، خوڭ يادوڭ قاتارلىق خىتاي ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرلىرى بىلەن بىر قاتاردا مەزكۇر ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى، ھەتتا ئايشەمخاننى قىلىچ بىلەن چاپقان ئوسمان ئىسىملىك ئۇيغۇر جاللاتمۇ شۇنىڭدەك مىللىي ئارمىيەنى ئاقسۇ سېپىلىغا چىقارغۇزماي، مىللىي ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرگەن خىتايچە خاچېڭ، يەنى ھەمدۇل ئىسىملىك ئۇيغۇر كوماندىرمۇ ھەقىقەتكە قايتىپ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەرەپكە ئۆتكەن. ئوسمان، ھەمدۇل قاتارلىقلار 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە پېنسىيە مائاشى ئېلىپ ياشىغان. ئايشەمخان، لۇتفۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئۇيغۇر قەھرىمان ياشلىرىنى ئاقسۇ سېپىلى ئىچىدە ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى بەرگەن، ئاقسۇدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى مىللىي ئارمىيەگە ياردەم بەردىڭ دەپ قىرغان پولك كوماندىرى جاۋ خەنچى، 1947-يىلى جاڭ كەيشى تەرىپىدىن قەھرىمان سۈپىتىدە نەنجىڭغا چاقىرتىلىپ تەقدىرلەنگەن، ئەمما ئۇ 1952-يىلى، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان.
23 ياشلىق ئايشەمخان، 1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى دەۋرىدىكى قەھرىمان شەخسلەرنىڭ، بولۇپمۇ نامى رىۋايەتلەرگە ئايلانغان رىزۋانگۈلگە ئوخشاش ئايال قەھرىمانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز ئىرادىسى، ئۆز قەسىمى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا سادىق بولۇپ، دۈشمەن قىلىچى ئالدىدا باش ئەگمەسلىك روھى ۋە ئۇنىڭ نامى 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا تېگىشلىك ئورنىنى تاپقۇسى!
0:00 / 0:00