ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى تارىخى ۋەقەلەرنىڭ، جۈملىدىن 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخى شاھىتلىرىنىڭ ھازىر ھايات ياشاۋاتقانلىرى ناھايىتى ئاز قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسىم تارىخى شاھىتلار ھازىر قازاقىستان، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشىماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىن ئانچە يىراق ئەمەس تۈرگېن يېزىسىدا ياشاۋاتقان 89 ياشلىق نۇرمۇھەممەد سادىقوف ئەپەندىدۇر.
نۇرمۇھەممەد ئەپەندى 1945-يىلى، ماي ئايلىرىدا مىللىي ئارمىيىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ مىللىي ئارمىيىنىڭ مىرزىگۈل ناسىروپ كوماندىرلىقىدىكى ئاتلىق مۇھاپىزەت دىۋىزىيونىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە 1945-يىلى، 5-ئايدىن 1946-يىلى 7-ئايغىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ۋە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى جەڭ مەيدانلىرىدا بولغان.
نۇرمۇھەممەد سادىقوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ بېشىدىن تارىخى ۋەقەلەرنى، بولۇپمۇ 1945-يىلى مىللىي ئارمىيىگە قاتنىشىپ، ئاقسۇغا ئەۋەتىلىشى ۋە ئاقسۇدىن قايتقاندىن كېيىن كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئەسلىدى. نۇرمۇھەممەد ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى مىرزىگۈل ناسىروپ كوماندىرلىقىدىكى ئاتلىق دىۋىزىيوننى 1945-يىلى،ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا تېكەس ئارقىلىق تەڭرى تېغىدىن ئۆتۈپ، ئاقسۇنىڭ باي ۋە كۇچار ناھىيىسى تەۋەسىدە كۇچاردىن كېلىدىغان گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن.
نۇرمۇھەممەد ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە ئېيتىشىچە، ئۆزلىرىگە كەلگەن بۇيرۇق بويىچە مۇز داۋاندىن ئۆتۈش كېرەك بولغان، ئەمما كېيىن ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇلار موڭغۇلكۈرەدىن قىزىلكۈرەگە كېلىپ، شۇ يەر ئارقىلىق تەڭرى تاغلىرىدىن ھالقىپ باي تەۋەسىگە چۈشكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار قىزىلكۈرەدىن(تېكەس) چىقىپ، قاراجۇڭ، قۇشتاي دېگەن جايلاردىن ئۆتۈپ، ئاقبۇلاق دېگەن سايدىن، ئۇنىڭدىن كېيىن، تىكەن داۋان، ئۇنىڭدىن كېيىن قارا داۋان ۋە ئاق داۋان دېگەن ئېگىز، خەتەرلىك داۋانلاردىن ئېشىپ باينىڭ قىيىر يېزىسىغا چۈشكەن. ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى ئاسىلخان تۆرىمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە بولغان. نۇرمۇھەممەد ئەپەندى مۇنداق دېدى: «قىيىر دېگەن جايغا چۈشتۇق، كىچىك بازىرى بار ئىكەن، شۇ يەرگە چۈشكەندىن كېيىن، ئارقىمىزدىن بىر كاپىتان كەلدى. ئۇ ناسىروپقا كومىسسارلىققا ئەۋەتىلگەن ئىكەن، مىللىتى ئۆزبېك، سوۋېتتىن كەلگەن. ئۇ قىزىلكۈرەدە بىزگە قوشۇلغان ئىدى. ئۇ بىزگە ئاسىلخان تۆرىنىڭ ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە دېمەڭلار، خەلققە بۇ ھەقتە پاراڭ قىلماڭ دەپ جېكىلىدى».
ئۇ، مەزكۇر قوشۇن بايغا كەلگەندىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ: «ئاسىلخان تۆرە مىرزىگۈل ناسىروپ بىلەن پىلىموت ئىزۋوتىنى ئېلىپ ئاقسۇغا كەتتى، بىزنىڭ بىرىنچى ئېسكادرون، يەنى ماخمۇتنىڭ ئېسكادرونى بايدا، يەنى قىيىر دېگەن يەردە قالدى، ئىبراھىموفنىڭ ئېسكادرونى كۇچارنىڭ قىزىل دېگەن يېرىگە كەتتى. ئۇلار كۇچارنىڭ يولىنى توساتتى. مېنى دىۋىزىيوننىڭ ئىمامىغا كانۋاي قىلىپ قويدى، مەن بۇ ئادەم قىزىلغا بارسا قىزىلغا بارىمەن، بەزىدە بايغىچە بارىمىز، بايدا بىزنىڭ پۈتۈن ئىشخانىلار قۇرۇلغان، كىيىم-كېچەكلەرنى تەييارلايتتى. شۇ يەردە بازا قۇرغان ئىدۇق» دېدى.
تارىخى مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، مىرزىگۈل ناسىروپ، ئاسىلخان تۆرە باشلىغان ئىككى ئېسكادرون ئەتراپىدىكى قوشۇن 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ بېشىدا بايغا چۈشكەندىن كېيىن، مىرزىگۈل ناسىروپ ۋە ئاسىلخان تۆرە قاتارلىقلار ئاقسۇغا بېرىپ، سوپاخۇن سوۋۇروپ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئاقسۇنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە قاتناشقان.
باي ۋە كۇچار ئەتراپىدىكى ئىككى ئېسكادرون ئوخشاشلا 1945-يىلى، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاقسۇ تەۋەسىدىن ئىلىغا چېكىنىپ چىققان.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.