1945-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ مىرزىگۈل ناسىروف كوماندىرلىقىدىكى ئايرىم ئاتلىق دىۋىزىيونىنىڭ 89 ياشلىق سابىق جەڭچىسى نۇرمۇھەممەد سادىقوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1945-1946-يىللىرى مىللىي ئارمىيە سېپىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش ۋە ھەربىي ھايات مۇساپىلىرىنى ئەسلىدى. ئۇ، ئەسلىمىسىنىڭ داۋامىدا ئۆزى ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزكۇر دىۋىزىيوننىڭ 1945-يىلى 11-ئايدا بايدىن ئىلى تەۋەسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى كۆرگەن بىلگەنلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى بۇ ۋاقىتتا، يەنى 1945-يىلى 9-ئايلاردا جەنۇبىي فرونت بويىچە موڭغۇلكۈرەدە قوماندانلىق شتابى تەسىس قىلغان بولۇپ، گېنېرال ئىسھاقبېكنىڭ قوماندانلىقىدىكى بىر قىسىم قوشۇن بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان ئىدى.
1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخىغا ئائىت بىر قىسىم مەنبەلەردە ۋە مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى مەرھۇم سوپاخۇن سوۋۇروپنىڭ «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، موڭغۇلكۈرەدە تەسىس قىلىنغان جەنۇبىي يۆنىلىش شتابىغا ئاتلىق ئەسكەرلەر 1-بىرىگادىسى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر 2-بىرىگادىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر بىرىگادا تەركىبىدە ئىككىدىن پولك بولغان.
نۇرمۇھەممەد ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلىدە مەزكۇر قوشۇننى جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە جەنۇبنى ئازاد قىلىشقا ئەۋەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت تەرەپ قوشۇلمىغان ئىكەن.
مىرزىگۈل ناسىروف كوماندىرلىقىدىكى ئايرىم ئاتلىق دىۋىزىيون ئىسھاقبېكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تەڭرى تاغلىرى ئارقىلىق باي تەرەپكە ئۆتىدىغان تاغ ئېغىزلىرى، يەنى قارا داۋان ۋە ئاق داۋان دېگەن جايلارنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئاقبۇلاق دېگەن جايدا ئۆز شتابىنى قۇرغان. مەزكۇر دىۋىزىيوننىڭ بىرىنچى ئېسكادرون، بىرىنچى ئىزۋوتىنىڭ جەڭچىسى نۇرمۇھەممەد سادىقوف ئۆز ئىزۋوتى بىلەن تەڭرى تېغىدىن باي-كۇچار تەرەپكە ئۆتىدىغان ئەڭ جاپالىق تاغ ئېغىزىدا مۇداپىئەدە تۇرغان.
تەڭرى تاغلىرىدىكى قارا داۋان بىلەن ئاق داۋان ئارىسىدا بىر كۆل بولۇپ، شۇ كۆل بويى ئەتراپى چېگرا لىنىيەسى ھېسابلانغان ئىدى. بىرىنچى ئېسكادروننىڭ بىرىنچى ئىزۋوتى مەخسۇس ئاشۇ داۋاندا قاراۋۇلدا تۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ شارائىتى ناھايىتى قىيىن ئىدى. ئىزۋوت ھەر كۈنى ئۈچ ئەسكەرنى تاغ تەرەپكە ئەۋەتىپ، مەخپىي پوستا تۇرغۇزىدىغان بولۇپ، قىشنىڭ ھاۋاسى بەك سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن پوستا تۇرغانلار چوڭ تاشلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ ئىسسىنغان، چۈنكى مۇنداق چوڭ تاشلارنىڭ ئارىسى بىرئاز ئىسسىق بولاتتى. ئاشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈچ جەڭچى قاراۋۇلدا تۇرغاندا، تاش ئۆرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسىنى ئاشۇ چوڭ تاش بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ بىرى نەق مەيداندا ئۆلگەن،بىرى يارىلانغان، نەتىجىدە، بۇ خەۋەرنى ئاقبۇلاقتىكى ئېسكادرون شتابىغا نۇرمۇھەممەد ئەپەندى بېرىپ يەتكۈزگەن. ئۇلار ۋاپات بولغان جەڭچىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ، ئاق بۇلاققا دەپنە قىلىپ، تاشتىن خاتىرە قەبرىسى تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى تاشقا ئويغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار 1946-يىلى، ماي ئايلىرىدا بۇ تاغدىن قايتىپ، موڭغۇلكۈرەگە ئورۇنلاشقان.
تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1946-يىلى 6-ئايدا گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تىنچلىق بىتىمى تولۇق ھاسىل قىلىنىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش، مىللىي ئارمىيىنى 6 پولكقا قىسقارتىش ۋە ئۇنىڭ ئادەم سانى 12 مىڭ بولۇش بەلگىلەنگەن. ئەنە شۇ تەلەپ بويىچە، بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيەدە قىسقارتىش باشلىنىپ، مىللىي ئارمىيە ئىخچاملانغاندا، موڭغۇلكۈرە، تېكەس قاتارلىق جايلاردىكى قوشۇنلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، سوپاخۇن كوماندىرلىقىدىكى تېكەس پولكى تەركىبىگە قوشۇۋېتىلگەن. نۇرمۇھەممەد ئەپەندىمۇ ھەربىي سەپتىن بوشاپ، غۇلجىغا قايتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋاقىتتا موڭغۇلكۈرەگە توپلاشقان قوشۇن تەركىبىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەمگە كەلگەن مىرزىگۈل ناسىروف قاتارلىق 40-50 سوۋېت ئىتتىپاقى ئوفىتسېرى موڭغۇلكۈرە چېگراسى ئارقىلىق ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن.
0:00 / 0:00