ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپى بولغان (1)

0:00 / 0:00

1945-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىنىڭ تۈزۈلمىسى

خەلق ئىچىگە تارقالغان 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ كۆپلىگەن سۈرەتلىك خاتىرىلىرى ئارىسىدا جەلپ قىلارلىق بىر مەشھۇر سۈرەت بار. ئۇ بولسىمۇ، بىر توپ مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ ئولتۇرغان ۋە ئۆرە تۇرغان كوللېكتىپ سۈرىتىدۇر. سۈرەتتىكى بىرىنچى رەتتە يەردە ئولتۇرغان 12 ئوفىتسېرنىڭ ئالدىغا پىلىموتنىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرى ۋە مىناميوتلار قويۇلغان. ئىككىنچى رەتتە ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان 13 ئوفىتسېرنىڭ كۆپىنچىسى ھەربىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ يۇقىرىسى پودپولكوۋنىك، مايور ۋە كاپىتان ئۇنۋانىدىكىلەردۇر. ئۈچىنچى رەتتە 15، تۆتىنچى رەتتە 16، بەشىنچىرەتتە 15 ئادەم ئۆرە تۇرغان بولۇپ، مەزكۇر سۈرەتتىن جەمئىي 71 ئوفىتسېر ئورۇن ئالغان. سۈرەتنىڭ بېشىغا، «مىللىي ئارمىيە تەركىبىدىكى ھەربىي مەكتەپ 3-نۆۋەتلىك پىيادىلەر بۆلۈمى ئوقۇغۇچى- ئوفىتسېرلىرى، 1949-يىلى، 4-ئاينىڭ 4-كۈنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.

مانا بۇ غۇلجا باياندايدىكى مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە كوللېكتىپ خاتىرە سۈرىتىدۇر. رەتلىك، قەددى قامىتى مۇستەھكەم، جەڭلەردە تاۋلانغان، چىرايىدىن ئىرادە ۋە قەيسەرلىك يېغىپ تۇرغان مەزكۇر مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى ئارىسىدا پەقەت مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، 92 ياشلىق باتۇر ئەرشىنوفلا ھايات ياشىماقتا. 70 يىللىق بۇ سۈرەت 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىقى تارىخى مۇساپىلىرىنىڭ، يەنى ئاشۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شانلىق تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى ۋە يالدامىسىدۇر.

1945-يىلى، 8-ئاپرېلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە غۇلجا باياندايدا ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپى ئېچىپ، بىر قانچە قارار ئاتلىق ۋە پىيادە قىسىملار ئوفىتسېرلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئىدى. مەزكۇر ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇش ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارىغىنىمىزدا، تارىخ ماتېرىياللىرى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى غەلىبىسى نەتىجىسىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا قويغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى پۈتۈن خەلقنى ئىنقىلابقا سەپەرۋەر قىلىپ، خىتاي گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى يوقىتىپ، ئالدى بىلەن پۈتۈن ئىل ۋىلايىتىنى، ئارقىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى ئازاد قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ۋە زور ساندىكى قوراللىق مىللىي قوشۇن ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىناتتى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ھەيئىتى 1945-يىلى، 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 6-قېتىملىق يىغىنىنى چاقىرىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىشلار نازارىتى قۇرۇشقا ئائىت 6-نومۇرلۇق قارارىنى ماقۇللاپ، شەرقىي تۈركىستان پارتىزانلىرى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى پېتر رومانوۋىچ ئالېكساندروفنى ھەربىي ئىشلار نازىرىلىقىغا تەيىنلىدى شۇنىڭدەك يەنە مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇپ، ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋە مەزكۇر مۇنتىزىم ئارمىيە ئاتلىق، پىيادە ۋە توپچىلار قوشۇنىدىن تەركىب تېپىشنى قارار قىلدى.

بۇ ۋاقىتتا يەنە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇشىغا زۆرۈر بولغان تەييارلىقلارنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى باتاليون، روتا، ئىزۋوتلارغا كوماندىرلىق قىلىدىغان ئوفىتسېرلارنى جىددىي تەربىيەلەش ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن 1945-يىلى، 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قورغاستا ئۈچ ئايلىق قىسقا مۇددەت بويىچە ئۈچ قارار ھەربىي ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. بۇ كۇرسلارنى پۈتتۈرگەنلەر مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندا مىللىي ئارمىيەنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرى بولۇپ خىزمەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ئىزچىل تۈردە ئوفىتسېر تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، 1945-يىلى، 6-ئايلاردا قورغاستىكى قىسقا مۇددەتلىك ئوفىتسېر تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئورنىغا غۇلجا باياندايدا ئوفىتسېرلار مەكتىپى ئېچىپ، سوۋېت ئىتتىپاقلىق بىر ھەربىي خادىملارنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ ئىزۋوت، روتا ۋە باتاليون دەرىجىلىك كوماندىرلىرىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىدى، ھەربىر قاراردا 300 دىن ئارتۇق ئادەم تەربىيە كۆردى. بۇ ئوفىتسېرلارنىڭ بەزىلىرى جىڭ، شىخو ۋە باشقا جايلاردىكى قوشۇنلارغا ئەۋەتىلىپ، كوماندىرلىققا تەيىنلەندى.

بايانداي ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، غۇلجىدا ئېچىلغان ھەربىي مەكتەپ، ئارىلىقتا توختاپ، 1947-يىلى، 8-ئايدىن باشلاپ قايتىدىن ئېچىلىپ، سىستېمىلىق رەۋىشتە جانلاندۇرۇلغان. بايانداي ھەربىي مەكتىپى قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي كۇرس ئەمەس بەلكى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى مۇنتىزىم ۋە سىستېمىلىق تۈردە ھەربىي ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەيدىغان ھەربىي مەكتەپ ئىدى. باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەربىي مەكتەپنىڭ 1947-يىلى، قايتا ئېچىلىشىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بۇيرۇقى بار بولۇپ، بۇ، ئىككى مەقسەتتىن چىقىش قىلىنغان، يەنى، بىرى بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى ئىنقىلابى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ، مىللىي قوشۇن بىلەن بىرگە غۇلجىغا چىققان پىدائىي ياشلار ۋە بىتىم بۇزۇلغاندا ئۈرۈمچى، ئاقسۇ ۋە باشقا ۋىلايەتلەردىن غۇلجىغا كېلىۋالغان خېلى كۆپ ساندا ياش زىيالىيلار بار ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى بۇلارنى ھەربىيگە قوبۇل قىلىش ۋە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئارقىلىق تەمىنلەشنى قارار قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «بىتىم» دىن ئىلگىرى مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوفىتسېرلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، ئۇيغۇر، رۇس ۋە باشقىلار بولۇپ، بىتىم مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلار قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ھەر قايسى قىسىملاردىكى ئىزۋوت، روتا، باتاليون، پولكلارغا كۆپلەپ ئوفىتسېر كېرەك بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بۇيرۇق بويىچە باياندايدا مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپى ئېچىلىپ، بىر يىللىق ئوقۇش ۋاقتى ئۆلچىمى بويىچە ھەر قايسى قىسىملاردىن ھەربىي تەجرىبىسى بار ۋە مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن جەڭچىلەر ھەم بىر قىسىم كىچىك ئوفىتسېرلار تاللاپ كېلىنىپ مەخسۇس تەربىيەلەندى.

بايانداي مىللىي ئارمىيە ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپى 1947-يىلى، 1948-يىلى، 1949-يىلى، ئۈچ قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ئوفىتسېر يېتىشتۈردى. ھەربىر قارار ئىككى روتىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرى ئاتلىق روتا، يەنە بىرى پىيادىلەر روتىسى ئىدى. بۇلار 200 دىن ئارتۇق ئادەم بولۇپ، بۇنىڭدا 100 ئاتلىق ۋە 100 پىيادە ئەسكەرلەر ئوفىتسېرلىرى تەربىيەلىنەتتى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەسلى ئوفىتسېر بولمىغانلار بولۇپ، ئۇلار ياخشى ئوقۇسا، يەنى ھەممە دەرسلەردە بەشتىن نومۇر ئالسا، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئۇلارغا پودپورۇچىك ئۇنۋانى بېرىلەتتى. بۇ يەنى، بىر بالداق ئىككى يۇلتۇزلۇق پاگون تاقايدىغان ئوفىتسېرلار بولاتتى. ئوتتۇراھال ئوقۇغانلار پەقەت بىر بالداق، بىر يۇلتۇزلۇق ئوفىتسېرلار بولاتتى. بۇلار قىسىملارغا بۆلۈنگەندە ئىزۋوت كوماندىرى ياكى مۇئاۋىن ئىزۋوت كوماندىرى بولۇپ، بىر يىلدىن كېيىن پورۇچىك ئۇنۋانى بىلەن روتا كوماندىرى بولالايتتى.

(داۋامى بار)