مىللىي ئارمىيە مەكتىپى ئەڭ ئىلغار ھەربىي ئىلىملەرنى ئۆگەتكەن ئىدى
1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ غەلىبە مېۋىسىنىڭ كاپالەتچىسى بولغان شۇنىڭدەك ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنى دۇنيادىكى تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ بىرى دەپ داۋراڭ سالغان خىتاي گومىنداڭ دۆلەت ئارمىيەسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان قۇدرەتلىك مىللىي ئارمىيە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن 30 مىڭدىن ئارتۇق جەڭچى-ئوفىتسېرىغا ئىگە بولغانلىقى تارىخى مەنبەلەردە قەيت قىلىنىدۇ. مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ئۆز ئارمىيەسىنىڭ مۇنتىزىملىشىشى، كۈچىيىشى ۋە ھەربىي تەلىم تەربىيە ئىشلىرىغا باشتىن ئاخىرى يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. مىللىي ئارمىيە تەركىبىدىكى بايانداي مىللىي ئارمىيە ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپى 1947-يىلى، 1948-يىلى، 1949-يىلى، ئۈچ قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ئوفىتسېر يېتىشتۈردى. ھەربىر قارار ئىككى روتىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرى ئاتلىق روتا، يەنە بىرى پىيادىلەر روتىسى ئىدى. ھەر بىر قاراردا 200 دىن ئارتۇق ئوفىتسېر بولۇپ، بۇنىڭدا 100 ئاتلىق ۋە 100 پىيادە ئەسكەرلەر ئوفىتسېرلىرى تەربىيەلىنەتتى.
باياندايغا جايلاشقان مىللىي ئارمىيە ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، 92 ياشلىق باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ سىستېمىلىق دەرسلىرى بار بولۇپ، پىيادىلەر قىسمى بۆلۈمىنىڭ ئوفىتسېرلىرى ئۆگىنىدىغان ئاساسلىق دەرسلەرنىڭ بىرى سەپ تۈزۈش قائىدىلىرى، يەنى پىيادە قوشۇننىڭ سەپ تۈزۈلۈشى، كوماندا بېرىش ۋە باشقىلار ئىدى. بۇنىڭدا ئەڭ تۆۋىنى ۋىزۋوتتىن تارتىپ تاكى يۇقىرىسى پولكقىچە بولغان زور قوشۇنلارنىڭ سەپ تۈزۈلۈشى، قوماندانلىق قىلىش قائىدىلىرى سۆزلىنەتتى. يەنى بۇنىڭدا روتىلارنى، باتاليون، پولكلارنى توغرا ئورۇنلاشتۇرۇش، قانداق ۋاقىتتا قانداق كۆلەمدىكى قوشۇننى ئىشقا سېلىش، روتا، باتالىيونلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى ۋە باشقىلارمۇ ئۆگىتىلەتتى.
ئىككىنچى خىل دەرس گارنىزون تۈزۈلمىسى بولۇپ، بۇنىڭدا بىر شەھەرنى قانداق قوغداش، گارنىزوننى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر تىنچلىقى، ھەربىي مەخپىيەتلىك، ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرلارنىڭ ئىنتىزامى ھەم تەرتىپكە بويسۇنۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ھەم باشقىلار ئۆگىتىلەتتى. گارنىزونلار بىر شەھەرنىڭ مۇداپىئەسى ۋە ئۇنىڭ ھايات-ماماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قوشۇن تۈرى ئىدى.
باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، يەنە بىر ئەڭ مۇھىم دەرس تاكتىكا دەرسى بولۇپ، تاكتىكا دەرسىدە ئۆگىنىلىدىغان مەزمۇنلار كۆپ ئىدى. بۇنىڭدا ۋىزۋوت، روتا، باتاليون، ھەتتا پولكقىچە بولغان قوشۇنلارنىڭ ئۇرۇشتىكى رولى سۆزلىنىدۇ. بۇ، قانداق ۋاقىتتا ۋىزۋوت، ياكى روتا ئۇرۇشتا قانداق رول ئوينايدۇ؟ قانداق ۋاقىتتا روتا ياكى باتاليونى قانداق ئىشقا سېلىش؟ دېگەندەك مەسىلىلەر ھەم ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ۋە باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىكى، 1960-1980-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەش ھەربىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە مىللىي ئارمىيە ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىدىكى دەرسلىكلەر سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكلىرىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۆگەنگەن تاكتىكا دەرسىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئەڭ مول، بىر ئوفىتسېر ئۈچۈن چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ھېسابلىنىدۇ، تاكتىكا ئىلمىنىڭ دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولۇپ، بۇ يەنە قوشۇنلارنى قانداق ئىشقا سېلىش، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش، چېكىنىش، ھۇجۇمغا ئۆتۈش، پىلىموت، زەمبىرەك ۋە باشقا ئېغىر ھەم يېنىك تىپتىكى قورال-ياراقلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانداق ۋەزىيەتتە ئىشقا سېلىش، ئالاقە قىلىش ۋە باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە چېتىشلىق ئىدى.
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي تاكتىكىسى پەقەت سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ تاكتىكىلىرىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈۋالماستىن بەلكى ئۆز ئەھۋالى، جۇغراپىيەلىك شارائىتى ھەم باشقا ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن. مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىدە ئۆگىتىلگەن تاكتىكا دەرسلىكى روشەنكى، سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 1945-يىلىدىن كېيىنكى، يەنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى تەجرىبىلەر ئاساسىدا يېڭىلانغان ۋە يەكۈنلەنگەن ئەڭ يېڭى، ئىلغار ۋە زامانىۋىلاشقان ھەربىي تاكتىكا نەزەرىيەسى بولۇشى مۇمكىن. ئەنە شۇ نەزەرىيەلەر ۋە دەرسلىكلەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى.
1947-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىدىكى يەنە بىر مۇھىم دەرس ئوفىتسېرلار چوقۇم مۇكەممەل بىلىشكە تېگىشلىك بولغان توپوگرافىيە دەرسى بولۇپ، بۇ ھەربىي خەرىتە ۋە يەر تۈزۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇنىڭغا يەنە ئاكوپنى قانداق قېزىش، بىر ئەسكەر قانداق قىلىپ يوشۇرۇنۇشى كېرەك؟ ئەسكەر قانداق ئاكوپ ياسىشى كېرەك ياكى چوڭ ئاكوپلارنى قانداق ياساش كېرەك، دۆت -زوت قاتارلىق قوغدىنىش ئورۇنلىرى ۋە ئىستىھكاملارنى قانداق ياساش كېرەك شۇنىڭدەك قورال-ياراقلارنى ئىستىھكاملارغا قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، مەسىلەن زەمبىرەكلەرنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟پىلىموتلارنى قانداق قويۇش كېرەك دېگەندەك ۋە باشقا نۇرغۇن سوئاللارغا چېتىشلىق بىلىملەردۇر
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، باتۇر ئەرشىدىنوف دېگەندەك، مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىدىكى توپوگرافىيە دەرسلىرى يەنە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگىمۇ ئىگە ئىدى.
ئوفىتسېرلار ئۈچۈن جايلارنىڭ يەر شەكلىنىڭ ئۇرۇشتىكى رولىنى بىلىش بەك مۇھىمدۇر شۇنىڭدەك خەرىتىلەرمۇ ناھايىتى مۇھىم، خەرىتىلەردىكى ماسشىتابقا قاراپ ئارىلىق ۋە ۋاقىتنى بەلگىلەش مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىي خەرىتىلەردىكى زور ساندىكى ھەر خىل شەرتلىك بەلگىلەرنى بىرمۇ بىر بىلىش كېرەك.
باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئەسلىشىچە، ئوفىتسېرلار يەنە پىلىموت ۋە باشقا قوراللارنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىنى ئىشلىتىشنىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى شەرتتۇر. قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ دەلىللىشىچە، مىللىي ئارمىيە پىلىموتلىرى ۋە باشقا قوراللىرىمۇ ھەر خىل ئىدى. ئوفىتسېرلار چوقۇم مۇنداق قوراللارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى بىلىش شەرت ئىدى. بۇ ئۆلچەم ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ھەربىي مەكتەپلىرىدە ۋە باشقا ئەللەر ھەربىي مەكتەپلىرىدىمۇ ئورتاق ئىدى ئەلۋەتتە. ئوفىتسېرلار ئاشۇ ھەر خىل قوراللارنى ئىشلىتىشنى ياخشى بىلگەندە جەڭچىلەرگە ھەم ئۇنى ئۆگىتەلىشى شۇنىڭدەك پىلىموت ۋە باشقا تىپتىكى قوراللارنى جەڭ ئەھۋالىغا قارىتا قانداق چاغدا ۋە قانداق شەكىلدە ئىشلىتىشنى بەلگىلىيەلەيتتى.
مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ مۇقىم دەرسلىك ماتېرىياللار بار بولۇپ، پۈتۈن دەرسلىك قوللانمىلار رۇس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇلار رەسمىي مەتبەئەدە بېسىلىپ كىتاب -قوللانما سۈپىتىدە تەييارلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلەتتى. سابىق سوۋېت ئارمىيەسى پولكوۋنىكى، تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپى ئۆز دەۋرى شارائىتىغا نىسبەتەن مۇكەممەل ۋە سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى ھەربىي مەكتەپ بولۇپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭلەردىكى غەلىبىلىرى ۋە ئۇنىڭ گومىنداڭ ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بۇ مەكتەپنىڭ تەربىيەلەش ئىقتىدارى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي قوماندانلىق سەنئىتى، بىلىم ئىقتىدارى، مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان. ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان روتا، باتاليون، پولك ۋە برىگادا كوماندىرلىرى مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۈچ يۆنىلىشتىكى جەڭلىرىگە توغرا كوماندىرلىق قىلىپ، ئۆزلىرىدىن بىر قانچە ھەسسە كۆپ گومىنداڭ ئارمىيەسىنى تارمار قىلدى.
مىللىي ئارمىيەنىڭ بايانداي ھەربىي مەكتىپى ئۆزىنىڭ يېتەرلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ، كۆپىنچە دەرسلەرنى ئۇيغۇر ئوفىتسېرلار ئۆزلىرى بېرەتتى. پۈتۈن دەرسلەر ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىنەتتى.
مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپى ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە مەركىزى ئاسىيا رايونىدىكى بىردىنبىر مىللىيلىققا ئىگە، مىللىي تىلدا، يەنى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان كەسپىي ھەربىي مەكتەپ ئىدى. مۇنداق ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، ئېزەر قاتارلىق تۈركىي تىللاردا دەرس بېرىدىغان ھەربىي مەكتەپلەر يوق بولۇپ، سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ھەربىي مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي رۇس تىلى ئىشلىتىلگەن ئىدى.
باتۇر ئەرشىدىنوف 1949-يىلى، 12-ئايدا مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتىلىپ، ئىككى دېۋىزىيەگە ئايرىلغاندا، مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف قوماندانلىقىدىكى 13-دېۋىزىيەنىڭ شتابى بىلەن قەشقەرگە بېرىپ ئورۇنلاشقان ھەمدە 1950-يىللاردىن كېيىن ھەربىي سەپتىن بوشاپ، مەمۇرىي ۋە ئىلمىي ساھەلەردە ئىشلىگەن. 1960-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن ئىدى.
0:00 / 0:00