مىللىي ئارمىيەگە 72 يىل: بىر پېشقەدەم جەڭچىنىڭ ئەسلىمىلىرى (6)

0:00 / 0:00

تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 1949-يىلى 10-ئايدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تارىخىدا زور ئۆزگىرىشلەر باشلاندى.

1949-يىلى، 12-ئايدا «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت » قۇرۇلۇپ، بۇرھان شەھىدى رەئىس، سەيپىدىن ئەزىز مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلەندى ۋە ئارقىدىن 1950-يىلى، 1-ئايدا مىللىي ئارمىيە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، 5-كورپۇس شتابى غۇلجىدا تەسىس قىلىندى ھەم بۇ قوشۇن ئىككى دېۋىزىيەگە ئايرىلىپ، 13-دېۋىزىيە جەنۇبقا ئەۋەتىلدى. شۇ يىلى، 3-ئايدىن باشلاپ، خىتاي كومپارتىيەسى سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە ئارقىمۇ-ئارقىدىن كومپارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، قەدەممۇ-قەدەم بارلىق ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىنى ئىگىلىدى.

سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىنىڭ داۋامىدا ئۆزىنىڭ 1944-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە بولغان بەش يىل جەريانىدا بىر يىللىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسىلىق ھاياتى ۋە قالغان تۆت يىلدا شەخسىي تىجارەت ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى ئۇنىڭ ھايات يولىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى پۈتۈن ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگىلەش بىلەن تەڭ ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ دەۋرىدىن قالغان مائارىپ ئورۇنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ۋە يېڭىدىن بىر قىسىم كادىر تەربىيەلەش مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىپ، جىددىي رەۋىشتە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەشكە كىرىشتى.ئۇ، 1951-يىلى، باشقا بىر قىسىم غۇلجا ياشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك كادىرلىرى مەكتىپىگە تاللىنىپ،ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى باشلىغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەزكۇر كادىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسلىرى ۋە مەكتەپلىرىدىكى ئاساسلىق ئوقۇغۇچى مەنبەسى مىللىي ئارمىيەنىڭ ئوفىتسېرلىرى، جەڭچىلىرى شۇنىڭدەك مائارىپ ۋە باشقا ھەر ساھەدە ئىشلىگەنلەر، ئازراق مەدەنىيەت سەۋىيىسى بار شەخسلەر بولغان.

نۇرمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك كادىرلار مەكتىپىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان سىياسىي-ئىدىيە تەربىيەسى ئېلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، مەكتەپتە ئاساسلىقى خىتاي كوممۇنىستلىرى دەرس ئۆتكەن ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرجىمانلىققا سېلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارى تارىخىغا ئائىت تارىخى ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش تەدبىرلىرى قاتارىدا باشقا ئۆلكىلەردە يولغا قويغا ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش ۋە يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتىنى سەل كېچىكىپ باشلىغان بولۇپ، 1952-يىلىدىن 1953-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغان. نۇرمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 800-دىن ئارتۇق ئادەم قەشقەر ۋە يەكەن قاتارلىق جايلاردىكى يەر ئىسلاھاتىغا قاتناشتۇرۇلغان.

نۇرمۇھەممەت ئەپەندى 1954-يىلىنىڭ 4-ئايلىرىدا يەر ئىسلاھاتى خىزمىتىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ مەكتىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 1955-يىلى، 5-ئايدا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، غۇلجىغا قايتىپ، تاكى 1958-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكىچە شۇ يەردە خىزمەت قىلغان.