باتۇر ئەرشىدىنوف: مىللىي ئارمىيە ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ سىياسىي پروگراممىسى پەقەتلا مۇستەقىللىق ئىدى.
1946-1949-يىللىرى ئارىسىدا غۇلجىدىكى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە كۇرسانتلار ئاتلىق ۋە پىيادىلەردىن ئىبارەت ئىككى خىل قىسىم تۈرى بويىچە مەخسۇس بىر يىلدىن تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، ئۇلار بىر يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئوفىتسېرلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك مۇھىم ھەربىي ئىلىم دەرسلىرىنى ئۆگەنگەندىن سىرت يەنە مەخسۇس سىياسەت بويىچىمۇ تەربىيە ئالغان.
1946-1949-يىللىرى ئارىسىدا غۇلجىدىكى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىدا ئىشلىگەن ۋە باياندايدىكى مىللىي ئارمىيە ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان 92 ياشلىق باتۇر ئەرشىدىنوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھەربىي مەكتەپ ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئۇ مەزكۇر ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە مەخسۇس سىياسەتتىن دەرس بەرگەن بولۇپ، سىياسىي دەرس مىللىي ئارمىيە ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ تۈرلۈك ھەربىي بىلىملەرگە ئائىت دەرسلىرى قاتارىدىكى ناھايىتى مۇھىم دەرس ئىدى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى، سابىق سوۋېت ئارمىيەسى پولكوۋنىكى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، بايانداي مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىدە ھەربىي كەسپىي دەرسلەردىن باشقا يەنە سىياسىي دەرس تەسىس قىلىش ئەينى ۋاقىتلاردىكى ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتەپلىرىنىڭ تۈزۈملىرىگە ئۇيغۇن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىدىمۇ ئوفىتسېرلار چوقۇم سىياسەتتىن بىلىم ئالاتتى. مىللىي ئارمىيە دەرسلىك ۋە ھەربىي نەزەرىيە جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۈلگە ئېلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە، سىياسەت دەرسى ئۆگىنىشتىمۇ ئۈلگە ئالغان. ۋەھالەنكى، مىللىي ئارمىيە مەكتىپىدىكى سىياسىي دەرسلىك تامامەن پەرقلىق بولۇپ، ئۇ مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنى مىللەتپەرۋەرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1944-يىلى باشلانغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ مەھسۇلى بولغان 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى 1945-يىلى، 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 9 ماددىلىق خىتابنامە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ 2-ماددىسىدا « شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقى باب باراۋەر بولۇش ئاساسىدا ھەقىقىي ئەركىن، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش» دەپ جاكارلانغان ئىدى.
سابىق مىللىي ھەربىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ قارىشىچە، گەرچە، 1946-يىلى، 6-ئىيۇن كۈنى ئىمزالانغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپ بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى « 11 ماددىلىق تىنچلىق» بىتىم مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇغان ۋە ئۇنى قوغدىغان ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن قازاق ۋە باشقا خەلقلەر مۇستەقىللىق، ئازادلىق غايىسىدىن ۋاز كەچكەن ئەمەس، مىللىي ئارمىيەمۇ ئۆز نىشانىدىن ۋاز كەچكەن ئەمەس.
باتۇر ئەرشىدىنوف ئەسلى شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدە ئاچقان ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان بولۇپ، 1946-يىلىدىن ئېتىبارەن مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى بولغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىدىكى سىياسىي دەرسلەر، جۈملىدىن سىياسىي پروگرامما پەقەتلا مىللىي مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، شۇنىڭدەك يەنە دەرسلەردە ئۆلكە ۋەزىيىتى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھۋالى، خەلقئارا ۋەزىيەت، بىتىم مەسىلىسى ئەخمەت ئەپەندى سۆزلىرى، گومىنداڭ قانداق ھۆكۈمەت، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى قاداق ھۆكۈمەت، نېمە ئۈچۈن بىتىم بۇزۇلدى، ۋە باشقىلار سۆزلىنەتتى.
«ھەربىي سىياسىي دەرستە، ھەربىي سىياسىي پروگراممىدىكى سىياسىي نىشان مەسىلىسىدە كەلگۈسىدە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىمىز، مۇستەقىل دۆلەت قۇرىمىز، دېگەن ئىدىيە سۆزلىنەمتى؟ ياكى كېيىنكى تارىخچىلار دەۋاتقاندەك كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ بىر قىسمى بولىمىز دېگەن نۇقتا سۆزلىنەمتى؟ »دېگەن سوئالىمىزغا قارىتا باتۇر ئەرشىدىنوف ئەپەندى كەسكىن قىلىپ :« ياق، ئۇ ۋاقىتتا پەقەتلا بىرلا مۇستەقىللىق ئىدى» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەتتا كومپارتىيە شىنجاڭ چېگراسىغا كىرگەندىمۇ 1949-يىلى 9-ئايلاردا، بىزنىڭ مىللىي ئارمىيە تېخى بىز مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز دەپ يۈرگەن ئىدى. بىتىم بولغاندىمۇ مۇستەقىللىق دېگەن شوئار بولۇۋەرگەن. ئەگەر مۇستەقىللىق شوئارى بولمىسا، ئوفىتسېرلار ياكى جەڭچىلەر ئىنقىلابتىن سوۋۇپ كەتكەن بولار ئىدى. قىسقىسى، قارا تىل بىلەن ئېيتقاندا، ھەممە ئادەم مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان».
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە؛ «كېيىنكى خىتاي تارىخچىلىرى دېگەندەك مىللىي ئارمىيەدە كەلگۈسىدە جۇڭگو كومپارتىيەسى غەلىبە قىلسا، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىمىز دەيدىغان گەپ بولغان ئەمەس، بۇنداق گەپ غۇلجىدا تارقالمىغان».
ھەربىي مەكتەپتە، جەنۇبتىن، ئاقسۇ تەرەپتىن كەلگەنلەرنىمۇ تەربىيەلەشتىكى مەقسەتتىن قارىغاندا، ئىنقىلابنى كەلگۈسىدە جەنۇب تەرەپكە كېڭەيتىمىز دەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك پىلان بولغانمۇ؟ مۇشۇ ئوفىتسېرلار مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارىغانمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئۇ : «شۇنداق بولغان. ئۇ ۋاقىتلاردا بىتىم بولدى، ئۇرۇش تۈگىدى، ئەمدى بولدى بىزنىڭ ئىشىمىز تۈگىدى دېگەن گەپ بولمىغان ئىنقىلابىي رايونلاردا، چوڭلارنىڭ كاللىسىدا نېمە بار بىلمەيمىز، ئەمما بىزنىڭ كاللىمىزدا مۇستەقىللىق ئىدى» دەيدۇ.
باتۇر ئەرشىدىنوف بايانداي مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىدىكى پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئىكەنلىكى، ئەمما بەزى دەرسلەرنى يەنە سابىق چار رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىلىغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئوفىتسېرلىرى، يەنى رۇسلار بېرىدىغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقلىق ئوقۇتقۇچى بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئاساسلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسىملىرىنى ساناپ ئۆتتى. ھەربىي مەكتەپتە، تۇراق ئىسمائىل، مەسىمجان زۇلپىقاروف، مۇتەللىپ چوقا ئىسىملىك كاپىتان، ئەنۋەر قاتارلىقلار ئىشلىگەن.
باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئەسلىشىچە، مەكتەپنىڭ مۇدىرى پودپولكوۋنىك ھۆسەيىن غازى بولۇپ، ھۈسەيىن غازى بىر مەزگىل غۇلجا كومېندانت باشلىقى بولغان ھەم سوپاخۇن سوۋۇروف، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف بىلەن ئاقسۇغا ئەۋەتىلگەن قوشۇندا شتاب باشلىقلىق ۋەزىپىسى ئاتقۇرغان ئىدى. مايور نۇر سادىروف مەكتەپنىڭ كومىسسارى بولغان.
باتۇر ئەرشىدىنوف، ھەربىي مەكتەپتە يەنە پولكوۋنىك ئابدۇرېشىت تۇردىيېفنىڭمۇ 1949-يىلى، بىر مەزگىل مۇدىر بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان قابىل ۋە بىلىمى مول كەسپىي ھەربىي كادىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئابدۇرېشىت تۇردىيېفمۇ مەزكۇر مەكتەپتە دەرس بەرگەن.
پولكوۋنىك ئابدۇرېشىت تۇردىيېف ئەسلى شېڭ شىسەينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ئىدى. ئۇ، چۆچەكتە مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان. ئۇ باش قوماندانلىق شتابىدا ھەربىي تەييارلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. شۇ ئادەم 1949-يىلى، ھەربىي مەكتەپنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن.
0:00 / 0:00