ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قاينىمىغا كىرگەن ئىككى ئۇيغۇر كاپىتان (1)

0:00 / 0:00

1949-1944-يىللاردىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاينى ئاساس قىلغان كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى جەريانىدا قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيە تەركىبىدە ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىدىن يېتىشىپ چىققان قابىل ئوفىتسېرلار مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىلىرىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنقىلابقا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقانلىقى ئۇيغۇر تارىخى شاھىتلار تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە.

سابىق مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ 1946-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىرى توختى ئىبراھىم ۋە زاھىر ساۋدانوف قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇساپىلىرى ھەققىدە يازغان ئەسلىمىلىرىدە مىللىي ئارمىيىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر،قازاق، قىرغىز، تاتار، رۇس، ئۆزبېك، تۇڭگان، شىبە، موڭغۇل ئوفىتسېرلىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئىككى نەپەر جەڭگىۋار ئوفىتسېرى سوپاخۇن سوۋۇروپ بىلەن مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ نامى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا دائىم ئىپتىخار ۋە قايىللىق تۇيغۇلىرى بىلەن ئەسلىنىدۇ.

مەزكۇر ئىككى ئوفىتسېرنىڭ بىرى سوپاخۇن سوۋۇروپ ئۆزى ھايات ئەسلىمىسىنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسى 2010-يىلى نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھاۋالىسىگە سۇنۇلدى.

ئەمما مىرزىگۈل ناسىروف ئۆزى ئەسلىمە يازمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەققىدە قازاقىستاندا بىر قاتار كىتابلار،ئەسلىمىلەر، فىلىم ۋە باشقا مەزمۇندىكى ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

مەزكۇر ئىككى ئوفىتسېرنىڭ نامى كۆپىنچە، 1945-يىلى 8-10-ئاي ئارىسىدىكى ئىككى ئايلىق ئاقسۇ ئۇرۇشى جەريانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ جەنۇبىي فرونتتىكى جەڭلىرى مانا بۇ ئىككى ئوفىتسېرنىڭ ھەربىي قوماندانلىق سەنئىتى ۋە باتۇر خىسلەتلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىدى.

قىزىقارلىق نۇقتا شۇكى، مىللىي ئارمىيىنىڭ مەزكۇر ئىككى ئوفىتسېرىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ھايات قىسمەتلىرى مۇرەككەپ ۋە مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئەسلىدە باشقا دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى ئىدى. مىرزىگۈل ناسىروف ئەسلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ لېتىنانت دەرىجىلىك ئوفىتسېرى، سوپاخۇن سوۋۇروپ بولسا ئەسلىدە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ كاپىتان دەرىجىلىك ئوفىتسېرى بولۇپ، ئۇلار ئاقىۋەتتە مىللىي ئارمىيە سېپىدە جەڭ قىلغان.

1920-يىلى،قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى تۈگمەن يېزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مىرزىگۈل ناسىروف 1939-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە كەتمەن يېزىسىدىكى 7 يىللىق مەكتەپتە، 1940-1942-يىللىرى ئارىسىدا تۈگمەن يېزىسىدىكى 7 يىللىق مەكتەپتە مۇئەللىم بولغان. ئۇ، 1942-1944-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ لېيتىنانت دەرىجىلىك ئوفىتسېرى سۈپىتىدە ئۆز ئىزۋوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، گىتلېر ئارمىيىسىگە قارشى جەڭلەرگە قاتناشقان. بۇ ھەقتە مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئوغلى، ئالماتادىكى چىش كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مىرشېكەر ناسىروپ توختالدى.

مىرزىگۈل ناسىروف 1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى مەخسۇس ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىلەرنى غۇلجىغا، يەنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەندە، باشقا بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئوفىتسېرلىرى بىلەن ئىلىغا كەلگەن.

ئۇنىڭ قول ئاستىدا جەڭچى بولغان، ھازىر ئالماتا شەھىرى يېنىدىكى تۈرگېن يېزىسىدا ياشاۋاتقان نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، مىرزىگۈل ناسىروف يەرلىك مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنى ھەربىي جەھەتتىن تەربىيىلىگەن ھەمدە مىللىي ئارمىيە ئايرىم ئاتلىق دىۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى بولۇپ، ئاقسۇ تەۋەسىدە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتىلگەن ئىدى.

مىرزىگۈل ناسىروف 1946-يىلى، 7-ئايلاردا ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆمۈر بويى كولخوز ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قازاقىستاندا داڭلىق كولخوز رەئىسلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلغان ھەم ئۆمرىنى ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تۈگمەن يېزىسىدا ئۆتكۈزۈپ، 88 يېشىدا،2008-يىلى شۇ يەردە ۋاپات بولغان.