ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قاينىمىغا كىرگەن ئىككى ئۇيغۇر كاپىتان (2)

مىرزىگۇل ناسىروف. 1945-يىلى قىش مەزگىلى.
مىرزىگۇل ناسىروف. 1945-يىلى قىش مەزگىلى. (Photo: RFA)

0:00 / 0:00

ئۇلاردىكى ئورتاقلىق: قورقۇمسىزلىق ۋە باتۇرلۇق

20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخسلىرىدىن سوپاخۇن سوۋۇروف ۋە مىرزىگۇل ناسىروف ھەققىدە يېزىلغان ئەسلىمىلىلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ كوماندىرلىقىدا ئاقسۇ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇلار بىلەن بىرگە بولغان سابىق جەڭچىلەرنىڭ ئەسلىشىچە، سوپاخۇن سوۋۇروپ ۋە مىرزىگۇل ناسىروف ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ 1944-1949-يىللاردىكى مىللى ئازادلىق ئىنقىلابى تارىخى، بولۇپمۇ مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىككى مەشھۇر ئىسىمدۇر.

بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئوفىتسېر ئەسلىدە ئوخشىمىغان ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى بولۇپ، مىرزىگۇل ناسىروف مەيلى ئۆز دۆلىتى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن غۇلجىغا ئەۋەتىلگەن بولسۇن ۋە سوپاخۇن سوۋۇروف گومىنداڭ تەرەپتىن يۈز ئۆرۈپ، ئىلى ھۆكۈمىتى تەرەپكە ئۆتكەن بولسۇن، بەرىبىر ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىلا، ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ئارمىيەسى سېپىدە ئورتاق دۈشمەنگە قارشى، ئازادلىق كۈرىشىگە قاتنىشىش يولىنى تاللىۋالغان ئىدى.

مىرزىگۇل ناسىروفنىڭ ئالماتا شەھىرىدە ياشايدىغان ئوغلى، ئالماتا چىش كېسەللىكلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مىرشېكەر ناسىروفنىڭ ئېيتىشىچە، مىرزىگۇل ناسىروف 1920-يىلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالماتا ئوبلاستىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تۈگمەن يېزىسىدا 1881-1882-يىللىرى ئارىسىدا ئىلى دىيارىدىن كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، 1942-1944-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى سۈپىتىدە گىتلېر فاشىست ئارمىيىسىگە قارشى كۆپلىگەن جەڭلەرگە قاتنىشىپ تاۋلانغان. ئۇ جەڭ مەيدانىدىن چاقىرتىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غۇلجىدا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن شۇنىڭدەك تاكى 1946-يىلى، 7-ئايدا بۇيرۇق بويىچە ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكۈچە مىلى ئارمىيەنىڭ ئايرىم ئاتلىق دىۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى بولغان.

سوپاخۇن سوۋۇروپ بولسا، 1915-يىلى، قۇمۇلدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە 1930-يىللاردىكى خوجا نىياز ھاجى رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭغا قاتناشقان، كېيىن شېڭ شىسەينىڭ ئۆلكىلىك ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇ،1945-يىلى 5-ئايغىچە گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ شىخودا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ كاپىتان ئۇنۋانىدىكى روتا كوماندىرى بولۇپ تۇرغاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بىر روتا ئۇيغۇر ئەسكىرىنى باشلاپ، مۇشەققەتلىك مۇساپىلارنى بېسىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپكە ئۆتكەن.

سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ كوماندىرلىقىدىكى پارتىزان ئەترىتى تەركىبىدە ئاقسۇ جەڭلىرىگە قاتناشقان، بۇ يىل 3-ئايدا بىشكەك شەھىرىدە ۋاپات بولغان سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى، مەرھۇم خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ھايات ۋاقتىدا، يەنى 2013-يىلى سۆزلەپ بېرىشىچە، سوپاخۇن سوۋۇروپ جەڭگە ماھىر ئوفىتسېر ئىدى. ئۇ شۇ يىلى، ئاقسۇغا ئەۋەتىلىدىغان پارتىزان ئەترىتىگە كوماندىر بولۇپ، 1945-يىلى، 8-ئايدىن تاكى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىككى ئايلىق ئاقسۇ ئۇرۇشىغا ھەربىي جەھەتتىن قوماندانلىق قىلغان. باشتا ئۇنىڭغا كاپىتانلىق ئۇنۋانى، كېيىن تەدرىجىي تۈردە پولكوۋنىكلىق ئۇنۋانى بېرىلىپ، مىللىي ئارمىيە تېكەس پولكىنىڭ كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ھەم بىر مەزگىل باش قوماندانلىق شتابىدا خىزمەت قىلغان.
مەزكۇر ئىككى كوماندىرنىڭ قوماندانلىقىدا مىللىي ئارمىيەنىڭ ئاقسۇ فرونتىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان سابىق جەڭچىلەرنىڭ ئەسلىشىچە، بۇ ئىككى كوماندىردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك قەيسەرلىك، قورقۇمسىزلىق ۋە باتۇرلۇق بولۇپ، ئۇلار ھۇجۇمغا ئۆتكەندە ھەر دائىم ئۆزلىرى ئالدىدا باشلامچىلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتىدىكەن.

مىرزىگۇل ناسىروف كوماندىرلىقىدىكى ئاتلىق دىۋىزىيونىنىڭ جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 1945-يىلى، 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تەڭرى تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، باينىڭ قىيىر يېزىسىغا چۈشكەن ۋە باي-كۇچار ئارىلىقىدا مۇداپىئەدە تۇرغاندا، مىرزىگۇل ناسىروف بىر ئەترەتنى ئېلىپ سوپاخۇن ئەترىتىگە ياردەم بېرىشكە كەتكەن. ئۇلار تاكى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، بۇيرۇق بويىچە يەنە خەتەرلىك تەڭرى تاغ چوققىلىرىدىن ئېشىپ ئىلى ۋادىسىغا چېكىنگەن. نۇرمۇھەممەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ مىرزىگۇل ناسىروف كوماندىرلىقىدا جەڭچى بولۇش جەريانىدا ئۆز كوماندىرىنىڭ باتۇرلۇقى ۋە قەيسەرلىكىدىن ناھايىتى قايىل بولغانلىقىنى ئەسلىدى.

مىرزىگۇل ناسىروفنىڭ باتۇرلۇق نامى ئۇ 1944-يىلى، 11-ئايلاردا غۇلجىغا كېلىپ، تاكى 1945-يىلى، 2-ئايغىچە، ھەرەمباغ، سۈيدۈڭ ۋە باشقا جايلارنى ئازاد قىلىش جەڭلىرى جەريانىدا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. قازاقىستاندا ئىشلەنگەن مىرزىگۇل ناسىروفنىڭ ھايات مۇساپىسىگە ئائىت«باتۇر كاپىتان» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا بايان قىلىنىشىچە، 1945-يىلى، ئەتىيازدا، مىرزىگۇل ناسىروفنىڭ غۇلجا ۋە باشقا جايلاردىكى جەڭلەردە كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى ئۈچۈن جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا «باتۇرلۇق » مېدالى تەقدىم قىلغان. بىراق، مىرزىگۇل ناسىروف بۇ مېدالنى شۇ يىلى 10-ئايدا ئاقسۇدىن چېكىنىش جەريانىدا گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلىشتا خىزمەتكە كۆرسەتكەن بىر ئىزۋوت كوماندىرىنىڭ كۆكسىگە تاقىغان ئىدى.