ئۇلار: ئۆز خەلقىنىڭ ئازادلىقىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى
1945-1949-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى بازا قىلغان مىللىي ئارمىيەنىڭ ئىككى ئۇيغۇر ئوفىتسېرى - سوپاخۇن سوۋۇروف ۋە مىرزىگۇل ناسىروف ئەينى ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيەدىكى يەرلىك خەلقلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان، مەخسۇس كەسپى ھەربىي تەلىم تەربىيە كۆرگەن ۋە ئۇرۇش مۇساپىلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئاز ساندىكى ئوفىتسېرلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشى، تەلىم-تەربىيەسىدە ئوينىغان رولىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى ئۇلارنىڭ سەپداشلىرى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ كېلىنمەكتە.
قازاقىستاندىكى تارىخچى، «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-سىياسىي تارىخى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەدىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئىككى ئوفىتسېر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىش ھەرىكەتلىرى ۋە قازانغان شەرەپلىرى ئارقىلىق مىللىي ئارمىيەدىكى سىمۋوللۇق شەخسلەر ھېسابلىنىدۇ.
1945-يىلى، 4-ئايدا مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندا گەرچە يەتتە پولك ۋە ئالتە باتاليون بولسىمۇ، ئەمما بۇ قوشۇننى يېتەرلىك تەجرىبىلىك ئوفىتسېرلار بىلەن تەمىنلەش ۋە ئەسكەرلەرنى تېز تەربىيەلەش ۋەزىپىسى تۇراتتى. شۇڭا قورغاس قاتارلىق جايلاردا ئېچىلغان قىسقا مۇددەتلىك كۇرستا بىر قىسىم تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار يېتىشىپ چىقىپ، بۇلار ھەر قايسى قىسىملارغا سەپلەندى. مىرزىگۇل ناسىروفقا ئوخشاش سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر، رۇس، قازاق ۋە باشقا مىللەت كوماندىرلىرى مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنى ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇپ، تېز ۋاقىتتا تەربىيەلىدى. مىرزىگۇل ناسىروفنىڭ قول ئاستىدا ئەسكەر بولغان نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئۆزىنىڭ ئەنە شۇلارنىڭ قولىدا ھەربىي مەشىق كۆرگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مىرزىگۇل ناسىروف ئۆز جەڭچىلىرىنى پەقەت ھەربىي مەشىقنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىي ساپاسى ۋە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنىلا قاتتىق تەلەپ قىلماستىن بەلكى يەنە جەڭچىلەرگە دائىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىدىيە ۋە مىللىي روھ جەھەتتىنمۇ تەربىيەلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىشنى ئادەت قىلغان. يەنى ئۇ، جەڭچىلەرگە دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا شانلىق دۆلەتلەرنى قۇرغان،سەلتەنەت سۈرگەن بىر خەلق بولغانلىقىنى سۆزلەپ، ئۇلارنى روھلاندۇراتتى.
ھەقىقەتەن، مىرزىگۇل ناسىروف ھەربىي سەپكە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، تاكى 1942-يىلىغىچە، ئىككى يىل ئەتراپىدا ئۆز يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان ۋە چونجىدىكى ئۇيغۇر ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنى باشقۇرغان ئىدى. مىرزىگۇل ناسىروف ھەققىدە مەخسۇس كىتاب يېزىپ نەشر قىلدۇرغان، ئالماتادىكى ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئەخمەتجان ئىسراپىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، مىرزىگۇل ناسىروف ئۆمۈر بويى ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئۇ تارىخىي ئەسەرلەرنى قالدۇرماي دېگۈدەك ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن ئىدى.
مىرزىگۇل ناسىروفنىڭ ئوغلى مىرشېكەر ناسىروفمۇ دادىسىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت كۆپ كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى قابىلىيەتلىك ئوفىتسېرلارغا موھتاج بولۇپ، مىرزىگۇل ناسىروف ۋە سوپاخۇن سوۋۇروفلارنىڭ ئاقسۇ تەۋەسىدە جەڭ قىلىدىغان ئىككى قوشۇنغا كوماندىرلىققا تەيىنلىنىشىمۇ شۇ ئېھتىياجدىن كېلىپ چىققان ئىدى. ئۇلارمۇ ئۆز رولىنى بەلگىلىك دەرىجىدە جارى قىلدۇردى. لېكىن، قازاقىستاندىكى تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ئەسلىدە مىرزىگۇل ناسىروف ۋە سوپاخۇن سوۋۇروفلار ئاقسۇدىكى پارتىزانلىق تىپىدىكى ئۇرۇشقا قارىغاندا، ئوتتۇرا ۋە شىمالىي فرونتىكى سەپ ئۇرۇشلىرىدا ئۆز قوماندانلىق سەنئىتىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشى مۇمكىن ئىدى.
تارىخى پاكىتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن ياردەم كۆرسەتكەن. ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان ۋە ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر ئارخىپ ھۆججىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى 1945-يىلى، 26-ئىيۇن كۈنى مىللىي ئارمىيەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 500 ئوفىتسېر ۋە 2000 ئەتراپىدا جەڭچى ئەۋەتىشنى ھەم مىللىي ئارمىيەنى قورال-ياراقلار بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلغان. ئەنە شۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلگىرى-كېيىن ئەۋەتكەن ئوفىتسېرلار ئارىسىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، مىرزىگۇل ناسىروف بىلەن بىرگە ئۇنىڭ يۇرتداشلىرىدىن، چوڭ ئاقسۇ يېزىسىلىق سەيدەخمەت ئۆمەروف، كىچىك ئاقسۇ يېزىسىلىق ئاسىم ئىبراھىموف ۋە باشقىلارمۇ بار ئىدى. سەيدەخمەت ئۆمەروف ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا يارىلانغاندا قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈل ئۇنى جەڭ مەيدانىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان ئىكەن.
ئۇ، 1945-1946-يىلى ئارىسىدا ھەربىي نازارەتتە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلدى. ئاسىم ئىبراھىموف بولسا مىرزىگۇل ناسىروفنىڭ قول ئاستىدا ئېسكادرون كوماندىرى بولۇپ، ھەرەمباغ ۋە ئاقسۇ ئۇرۇشلىرىدا بولدى. بۇلار مىرزىگۇل ناسىروف بىلەن بىرگە ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، مىرزىگۇل ناسىروف چارىن، تۈگمەن قاتارلىق يېزىلاردا كولخوز باشلىقى، سەيدەخمەت ئۆمەرەف چونجىدىكى ئىچكى ئىشلار ئىدارىسىدە، ئاسىم ئىمبراھىموف چوڭ ئاقسۇدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ئىدى.
تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، مىرزىگۇل ناسىروف قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىلىغا بېرىپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر جەڭچىلەر گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا مىللەتپەرۋەرلىك، يەنى ئۆز ئانا ۋەتىنى ۋە ئۆز خەلقىنىڭ ئازادلىقىغا ھەسسە قوشۇش خاھىشى كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە بېرىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئازادلىق ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقانلىقىدىن خوشاللانغان ۋە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان، قىسقىسى ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ ئازاد بولۇشىنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلغان ئىدى.
ئەلۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن ئەربابلار ئارىسىدا مەخسۇس سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىجرا قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ بار بولسىمۇ، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن مىرزىگۇل ناسىروفقا ئوخشاش ئۆز خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئۈمىد قىلىش ئاساسى ئىدىيە ئىدى.
0:00 / 0:00