مىللىي ئارمىيەگە 72 يىل: بىر پېشقەدەم جەڭچىنىڭ ئەسلىمىسى (7)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى تارىخى ۋەقەلىرىنىڭ، جۈملىدىن 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ھايات قالغان شاھىتلىرىنىڭ بىرى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان تۈرگېن يېزىسىدا ياشاۋاتقان 89 ياشلىق نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئەپەندىدۇر.

نۇرمۇھەممەت ئەپەندى 1945-يىلى، ماي ئايلىرىدا مىللىي ئارمىيەگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ مىللىي ئارمىيەنىڭ مىرزىگۇل ناسىروپ كوماندىرلىقىدىكى ئاتلىق مۇھاپىزەت دىۋىزىيونىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە 1945-يىلى، 5-ئايدىن 1946-يىلى 7-ئايغىچە ھەربىي خىزمەت قىلغان ۋە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى جەڭ مەيدانلىرىدا بولغان.

نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تارىخى ۋەقەلەر، جۈملىدىن 1944-يىلى 11-ئايدا غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلىغاندا كۆرگەن بىلگەنلىرى ھەققىدە توختالدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1944-يىلى 7-نويابىر غۇلجىدا مىللىي ئىنقىلاب باشلانغاندا 16 ياشتا ئىدى. ئىنقىلابقا پۈتۈن غۇلجىنىڭ ئۇيغۇر، تاتار، ئۆزبېك، تۇڭگان، قازاق، رۇس قاتارلىق ھەر مىللەت ياشلىرى ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇ، ئۆزىنىڭ 1945-يىلى، 1-ئاينىڭ ئاخىرى ھەرەمباغ، ئايرودروم، بۇتخانا قاتارلىق جايلارنى ئازاد قىلىشقا بىۋاسىتە قاتناشقانلىقىنى، ئەنە شۇ ھەرەمباغنى ئېلىش ئۇرۇشىغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم رۇس قاتارلىق ئەسكەرلىرىنىڭ ياردەمگە كىرگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئەسلىدى.

مىللىي ئىنقىلاب تارىخى شاھىدلىرىدىن توختى ئىبراھىم، زاھىت ساۋدانوف ۋە باشقىلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدىكى مەلۇملاتلارغا ئاساسلانغاندا، 1944-يىلى، 12-نويابىردىن باشلاپ، قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن تارمار بولغان گومىنداڭ كۈچلىرى ۋە بىر قىسىم ئىدارە-جەمئىيەت، ساقچى خادىملىرى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ، ئايرودروم، بۇتخانا قاتارلىق جايلارغا بېكىنىۋالغان. پارتىزانلار ۋە خەلق بۇ ئۈچ نۇقتىغا 80 كۈن ئەتراپىدا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان، ئاخىرى 1945-يىلى، 1-ئاينىڭ 28-كۈنلىرىدىن باشلاپ، ئومۇمىي يۈزلۈك ھۇجۇم باشلاپ، 30-يانۋار كۈنى ھەرەمباغ، ئايرودروم قاتارلىق جايلارنى ئازاد قىلغان ۋە 2-ئاينىڭ 1-كۈنى قاچقان گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا غۇلجا شەھىرى سىرتىدا قوغلاپ زەربە بېرىپ، كۆپ قىسمىنى ئەسىرگە ئالغان. نەتىجىدە، پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتى تولۇق ئازاد بولۇپ، ئىنقىلابنى باشقا ۋىلايەتلەرگە كېڭەيتىش شەرت-شارائىتلىرى يارىتىلغان. ئاشۇ ۋەقەلەر ئىشتىراكچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھەرەمباغ، ئايرودروم، بۇتخانا قاتارلىق جايلارنى قورشاش ۋە ھۇجۇم قىلىشقا غۇلجا شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى، چوڭ-كىچىك دېمەي ئاكتىپ قاتناشقان بولۇپ، بۇ كۈرەشلەردە خەلقنىڭ ئوينىغان رولى زور بولغان. ھەتتا ئۆزىگە ئوخشاش 15-16 ياشلىق بالىلارمۇ ئاكتىپ قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار بۇ جايلارنى ئازاد قىلغاندا، زور ساندىكى قورال-ياراق، ھەربىي خام ئەشيالار ۋە ھەر خىل ماددىي بۇيۇملارنى ئولجا ئالغان بولۇپ، يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ، خەلق گومىنداڭدىن ئولجا ئالغان بۇيۇملارنى يىغىپ، ھۆكۈمەت ھېسابىغا ئۆتكۈزگەن.

نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئەپەندى يەنە 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى ئوز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئەسلىدى. ئۇ يەنە 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى غۇلجا شەھىرىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، مىللىي ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى شۇنىڭدەك شۇ كۈنى پۈتۈن غۇلجا خەلقىنىڭ خۇشاللىققا چۆمگەنلىكىنى، بايرام بولۇپ، نەغمە-ناۋا قىلغانلىقىنى ئەسلىدى.