ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى تۈرگېن يېزىسىدا ياشاۋاتقان 89 ياشلىق سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەد سادىقوف ئەپەندى ئۆز ھايات كەچۈرمىشلىرى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدىكى ھايات پائالىيەتلىرىنى ئەسلىگىنىدە 1944-يىلى، نويابىر ئايلىرىدىن 1945-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە بۇتخانا قاتارلىق جايلارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش جەريانلىرىدا ئۇچرىغان كۆپلىگەن ۋەقەلەرنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، پارتىزانلارنىڭ 1944-يىلى نويابىرنىڭ بېشىدا گومىنداڭنىڭ غۇلجادىكى ساقچى ئىدارىسىنى ئىگىلىگەندە قۇدۇقلاردىن گومىنداڭ ئۆلتۈرۈپ تاشلىۋەتكەن زور ساندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ جەسەتلىرى تېپىلغاندا خەلقنىڭ ناھايىتى غەزەپلەنگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ پاجىئەنى كۆرگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇشمۇ-تۇشتىن قوزغىلاڭغا قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە ھەرەمباغ قاتارلىق نۇقتىلارغا كىرىۋالغان گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاھالىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى، ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇتۇپ ئۆزلىرى مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان جايلىرىغا ئېلىپ كىرىۋېلىپ، قىيناپ ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
نۇرمۇھەممەد سادىقوف ئەپەندى يەنە 1945-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئاچال داۋىنى ئارقىلىق غۇلجىغا ھۇجۇم قىلغان، ئىنتايىن خەتەرلىك ۋەزىيەتتە بولغان ۋەقەلەرنى ئەسلىدى. بۇ ۋەقە مىللىي ئىنقىلاب تارىخىغا ئائىت ئەسلىمىلەر ۋە بەز تارىخى ماتېرىياللاردىمۇ تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ، 1945-يىلى، 1-ئاينىڭ 11-19-كۈنلىرى ئارىسىدا گومىنداڭ دائىرىلىرى غۇلجادىكى ھەرەمباغ، ئايرودروم، بۇتخانا قاتارلىق نۇقتىلاردىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا ياردەم بېرىپ، مىللىي ئىنقىلابچىلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ يوقىتىش پىلانى بويىچە گېنېرال شې يىفېڭ، لى يۈشاڭ قاتارلىقلارنىڭ قوماندانلىقىدا بىر قانچە پولكنى ئىشقا سېلىپ ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان. بىر قىسىم قوشۇن كەڭساي ئېغىزىغا قاراتقان ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن، گېنېرال شې يىفېڭ ۋە پولكوۋنىك پەن يۈرېن قوماندانلىقىدىكى قوشۇنلار كۆكۈرچىن داۋىنى، مازار جىلغىسى قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىگەن. مىللىي ئىنقىلاب تارىخى شاھىتلىرىدىن توختى ئىبراھىم، ئاسىلخان تۆرە، ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم قاتارلىق ئەربابلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە 16-يانۋار كۈنى خىتاي گېنېرالى قوماندانلىقىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى غۇلجا شەھەر مەركىزىگە 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان پىلىچى خاڭ دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، مانا بۇ ۋاقىتتا ھەرەمباغ، ئايرودروم قاتارلىق جايلاردىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىلەن ياردەمگە كەلگەن مەزكۇر قوشۇن بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلسا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى خەتەرگە يولۇقاتتى ھەم مەزكۇر گومىنداڭ قوشۇنلىرى غۇلجىدا كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ باراتتى. نۇرمۇھەممەد سادىقوفنىڭ ئەسلىشىچە بۇ خەتەرلىك پەيتتە بىر قىسىم كىشىلەر قورغاس تەرەپكە چېكىنگەندىن تاشقىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى بەزى ھەربىي-سىياسىي ۋەكىللىرىمۇ ئەلىخان تۆرىدىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلغاندا قەتئىي رەت قىلىشقا ئۇچرىغان.
نۇر مۇھەممەد سادىقوفنىڭ ئەسلىشىچە، 17-يانۋار كۈنى پۈتۈن غۇلجا خەلقى سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ئاخىرىدا پىلىچى خاڭ ئەتراپىغا كەلگەن گومىنداڭ قوشۇنلىرى يوقىتىلغان.
تەيۋەن تارىخچىسى جاڭ داجۈننىڭ «شىنجاڭدىكى 70 يىللىق بوران چاپقۇن» ماۋزۇلۇق كىتابىدىمۇ بۇ ۋەقە گومىنداڭ نۇقتىئىنەزەرىدە تۇرۇپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، 19-يانۋار كۈنى شې يىفېڭ جەڭدە يارىلىنىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ، ئۇ ئاز بىر قىسىم ئادىمى بىلەن قېچىپ قۇتۇلغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى بىتچىت بولۇپ، ئىنقىلابنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا ئاساس سېلىنغان.
0:00 / 0:00