1944-1949-يىللاردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى تارىخىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گومىنداڭ ئارمىيەسىنى جىڭ ۋە شىخودا تارمار قىلىپ، ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچىنى ئازاد قىلىشقا يۈرۈش قىلىپ ماناس دەرياسى بويىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز ھۇجۇمنى توختىتىپ قويۇشى شۇنىڭدەك مىللىي ئارمىيىنىڭ قولىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەمىنلىگەن بارلىق ھەر خىل قورال-ياراقلارنىڭ يىغىۋېلىنىپ، ئېلىپ چىقىپ كېتىلىپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈشى 20-ئەسىر ئۇيغۇر دىيارى سىياسىي تارىخىدىكى مۇھىم خەلقئارا مۇناسىۋەت خاراكتېرىگە ئىگە ۋەقەلەر ھېسابلىنىدۇ.
بۇنداق ئەھۋال ئاقسۇ فرونتىدىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، تارىخى شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ فرونتىدىكى سوپاخۇن سوۋۇروف، مىرزىگۇل ناسىروف قاتارلىقلار كوماندىرلىقىدىكى قوشۇنلارمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلگەن. سوپاخۇن سوۋۇروف ۋە مىرزىگۇل ناسىروف قاتارلىق كوماندىرلار 1945-يىلى، 10-ئاينىڭ بېشىدا يۇقىرىدىن ئاقسۇدىن چېكىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغاندا قاتتىق ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئىجرا قىلماسلىققا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما قاتتىق ھەربىي ئىنتىزام ۋە بۇيرۇق سەۋەبىدىن ئۆز ئەترەتلىرىنى باشلاپ ئىلىغا چېكىنگەن. ئۇلار بۇ چېكىنىشنىڭ، جۈملىدىن مىللىي ئارمىيىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىلىپ قويۇلۇشىنىڭ ئىنقىلابقا ياردەم بېرىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا نىسبەتەن قاتتى نارازىلىق كەيپىياتىدا بولغان. بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيە باش شتابى بۇيرۇق بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىسى ئىسكەندەر، يەنى ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوفنى قورغانغا ئەۋەتىپ، ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئاقسۇ فرونتىدىكى بارلىق سوۋېت قوراللىرىنى يىغىۋېلىش بۇيرۇقىنى يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇ بۇيرۇق سوپاخۇن سوۋۇرۇپ، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، مىرزىگۇل ناسىروف قاتارلىق باشلىقلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇققا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغان. بىراق، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، مىرزىگۇل ناسىروف ھەتتا ئۆزى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن كىشى بولۇشىغا قارىماي، ئاقسۇدىن چېكىنىش ئالدىدا سوۋېت ئىتتىپاقلىق مەسلىھەتچىنىڭ سوۋېت قوراللىرىنى يىغىۋېلىش تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلغان ۋە ئۇ بۇ قوراللارنى مەن «جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئېلىخان تۆرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە تاپشۇرىمەن» دېگەن.
مىرزىگۇل ناسىروفنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ۋەكىلىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىش ۋەقەسى 1945-يىلى، 10-ئاينىڭ بېشىدا قورغاندا يۈزبەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسكەندەر ئىسىملىك سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، قوراللارنى تاپشۇرمىغانلىقىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سوۋېت ۋەكىلى كۆرۈشكەن جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئېلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى ئاسىلخان تۆرىمۇ ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان ئۆز ئەسلىمىسىدە بايان قىلىدۇ.
مىرزىگۇل ناسىروفنىڭ ئۆزى ئەسلى سوۋېت ئىتتىپاقلىق ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى ھەم سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غۇلجىغا ئەۋەتىلگەن بولۇشىغا قارىماي، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ۋەكىلىنىڭ سوۋېت بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماستىن، مەن «ئېلىخان تۆرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمەن» دەپ جاۋاب بېرىشى، 2-دومدىكى سوۋېت ھەربىي ۋەكىللىرىنى غەزەپلەندۈرگەن ئىدى. ئۇ بۇ ھەرىكىتى ئۈچۈن جازاغا تارتىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
مىرزىگۇل ناسىروف ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن بۇ ۋەقەنى ئۆز پەرزەنتلىرىگىمۇ سۆزلەپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئالماتادا تۇرۇشلۇق ئوغلى مىرشېكەر ناسىروف ئېيتىشىچە، دادىسى بۇ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن بېسىملارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقاچان ئۆكۈنمىگەن ئىكەن.
ئەنە شۇ مىرزىگۇل ناسىروفنىڭ 2-دومنىڭ سوۋېت قوراللىرىنى يىغىۋېلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى باي ۋە قىزىل قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقان ئىككى ئېسكادرون ئەسكەردىن قورال يىغىۋېلىش بولمىغان. بۇ ھەقتە مىرزىگۇل ناسىروف كوماندىرلىقىدىكى ئاتلىق دىۋىزىيوننىڭ جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئەپەندى شۇنداق دەيدۇ.
ئەمما، ئاقسۇ ئۇرۇشىغا قاتناشقان سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى، بۇ يىل 3-ئايدا بىشكەكتە ۋاپات بولغان مەرھۇم خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېيتىشىچە، ئاقسۇنى قورشاپ تۇرغان سوپاخۇن سوۋۇروپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى ئەترەتنىڭ قولىدىكى بارلىق سوۋېت ئاپتوماتلىرى ۋە پىلىموتلىرى يىغىۋېلىنىپ، پەقەت گومىنداڭدىن ئولجا ئالغان قوراللارلا قالدۇرۇلغان.
ئاقسۇ تەۋەسىدىكى بۇ قوشۇننىڭ قولىدىكى ياخشى سوۋېت قوراللىرىنىڭ يىغىپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى سوپاخۇن سوۋۇروفمۇ ئۆزىنىڭ «مەن كەچكەن كېچىكلار» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە ئاچچىق بىلەن تىلغا ئالىدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋال قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا قاتتىق زەربە بولغان ئىدى.
مىرزىگۇل ناسىروفنىڭ ئالماتادا ياشايدىغان ئوغلى، ئالماتاتىدىكى چىش كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مىرشېكەر ناسىروفنىڭ بايان قىلىشىچە، دادىسى مىرزىگۇل ناسىروف ئۆزىنىڭ ئىنقىلاب ئەسلىمىلىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇ تاكى ۋاپات بولغۇچە ئۆزىنىڭ غۇلجادىكى ھاياتىدىن پەخىرلىنىپ ئۆتكەن.
مىرزىگۇل ناسىروف گەرچە 1950-يىللاردىن 1985-يىلىغىچە قازاقىستاندىكى بىر قانچە يېزىدا كوللېكتىپ ئىگىلىك باشلىقى بولۇپ، چارىن دەرياسى ۋادىلىرىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنى گۈللەندۈرگەن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بوز يەرلەرنى ئاچقان، مەكتەپلەر قۇرغان، زامانىۋى يوللار، كۆۋرۈكلەر، بالىلار يەسلىلىرى، دەم ئېلىش ئۆيلىرى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ھەسسە قوشقانلىقى ئۈچۈن ئىككى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي لېنىن ئوردېنى ۋە باشقا كۆپلىگەن مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. لېكىن، مىرشېكەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە مىرزىگۇل ناسىروف ئۆزىنىڭ 88 ياشلىق ھاياتىدا گەرچە كۆپلىگەن سوۋېت ئالىي ئوردېن ۋە مېتاللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەر ۋاقىت ئۆز ۋەتىنى، يەنى ئېلىخان تۆرە باشلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1945-1946-يىللىرى بەرگەن «باتۇرلۇق»، «پىدائىي» قاتارلىق مېداللارنى ھەر دائىم مەيدىسىگە ئېسىپ يۈرگەن ئىكەن.
مىرزىگۇل ناسىروف 2008-يىلى، قازاقىستاننىڭ ئۆزى تۇغۇلغان تۈگمەن يېزىسىدا 88 يېشىدا ۋاپات بولغان.
0:00 / 0:00