سابىق مىلى ئارمىيە جەڭچىسى: بىز ماناس دەرياسىدىن نارازىلىق ئىچىدە قايتقان ئىدۇق

0:00 / 0:00

تارىخى مەلۇماتلار بويىچە 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ماناس دەرياسىغا بويىغا يېتىپ كېلىپ، داۋاملىق ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىشتىن توختىتىپ قويۇلغان مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوتتۇرا يۆنىلىشتە جەڭ قىلغۇچى قوشۇنلىرى ئاكتىپ ھۇجۇمدىن پاسسىپ مۇداپىئەگە ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ 9 ئاي ئەتراپىدا ئابورون تۇتۇپ يېتىش مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1946-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ماناس دەرياسى بويىدىكى ئاكوپلىرىنى تاشلاپ، ئارقىغا چېكىندى.

ماناس دەرياسى ئالدىنقى سېپىدىن غۇلجا پىيادىلەر 2-پولكىنىڭ بارلىق جەڭچى ئوفىتسېرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈيدۈڭ پىيادىلەر پولكى، ئارتىلىرىيە دىۋىزىيونى ۋە باشقا تارماقلار شىخۇغا ۋە داۋاملىق غۇلجا قاتارلىق جايلارغا چېكىندى. كېچە-كۈندۈز بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتمەستىن بەلكى ئارقىغا چېكىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋېلىشى ناھايىتى ئېغىر زەربە بولغان ۋە ئۇلار ئارىسىدا غۇلغۇلىلار پەيدا بولغان.

ئەنە شۇ ماناس دەرياسى بويىدا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان غۇلجا پىيادىلەر 2-پولكىنىڭ جەڭچىسى ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۆزلەپ بەرگەن ئەسلىمىلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار ئۈرۈمچى تەرەپكە يۈرۈش قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنى، 1946-يىلى، 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا جىددىي يىغىلىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغاندا، جەڭچىلەر ھاياجانلىنىپ، «بىز ئەمدى ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىدىكەنمىز» دەپ خۇشال بولۇشقان، بىراق كوماندىرلار ئۇنىڭ ئەكسىچە، يەنى ئارقىغا چېكىنىش بۇيرۇقى بەرگەن غۇلجا پىيادىلەر 2-پولكىنىڭ جەڭچىلىرى، پولكوۋنىك قەيۇمبەك غوجانىڭ مىللىي ئارمىيە باش شتابىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا 11 ماددىلىق بىتىم ئىمزالانغانلىقى، ئەنە بىتىم بويىچە پۈتۈن قوشۇننىڭ ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى بارلىق ئاكوپلارنى تاشلاپ، غۇلجا تەرەپكە چېكىنىدىغانلىقى، ئەمدى ئۇرۇش بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، پىيادە ھالدا ئالدى بىلەن شىخۇغا، ئارقىدىن داۋاملىق غۇلجاغا قايتىش سەپىرىنى باشلىغان.

ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كوماندىرلار قالايمىقانچىلىق چىقىشتىن ئەنسىرەپ، جەڭچىلەرگە ھەر خىل ۋەدىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ جاپا-مۇشەققەت چەكمەستىن ئاپتوموبىل بىلەن غۇلجاغا قايتىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەدىلەر ئورۇندالماستىن، جەڭچىلەر جاپالىق پىيادە يول يۈرۈشكە، ھەتتا ئوزۇق-تۈلۈك كەملىك قىيىنچىلىقلىرىغا دۇچ كەلگەن.

مەزكۇر چېكىنىش ھەققىدە، سابىق مىللىي ئارمىيە غۇلجا پىيادىلەر 2-پولكىنىڭ شتاب ئوفىتسېرى زاھىر ساۋدانوفمۇ ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنغان «ماناس دەرياسىدىن قايتىش» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى قالدۇرغان بولۇپ، مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت جاپالىق پىيادە يول يۈرۈپ، ئاخىرى غۇلجاغا قايتىپ كەلگەن. بۇ ۋاقىتتا قوشۇندا بۇيرۇق ئاڭلىماسلىق، جەڭچىلەرنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆيلىرىگە كېتىش قاتارلىق تەرتىپسىزلىكلەر كۆرۈلگەن. ئابدۇرېشىت ئەپەندىڭ ئېيتىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى نارازىلىقتىن كېلىپ چىققان.

1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخى ھەققىدە كىتاب ۋە ماقالىلەرنى يازغان شۇنىڭدەك مىلى ئارمىيىنىڭ بىر قىسىم سابىق كوماندىرلىرى بىلەن سۆھبەتلەردە بولغان قازاقىستاندىكى تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەقىقەتەن، بىرىنچى قېتىم، 1945-يىلى، 9-ئايدا مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويۇلغاندا ۋە ئارقىدىن بۇ جايدىن چېكىندۈرۈلگەندە قاتتىق نارازى بولۇشقا ئىدى.

مىللىي ئارمىيە ئەينى ۋاقىتتا مۇنتىزىملاشقان، ئۆزىنىڭ قاتتىق ھەربىي قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىنتىزامى بار، ھەربىي بۇيرۇق ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، تۆۋەن ئۆزىدىن يۇقىرىغا، يۇقىرى، ئۆزىدىن تېخىمۇ يۇقىرى باش قوماندانلىققا بويسۇنىدىغان قوشۇن بولغاچقا ئۇ باشتىن-ئاخىرى غۇلجادىكى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇندايتتى، باش شتابقا بولسا، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بۇيرۇق بېرەتتى. شۇنىڭدەك مىللىي ئىنقىلاب ئارقىسىدا تۇرۇۋاتقان ستالىن ھۆكۈمىتىمۇ ھەل قىلغۇچ تەسىر كۈچكە ئىگە ئىدى.

تارىخى مەلۇماتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، تىنچلىق بىتىمىنىڭ روھى بويىچە، غۇلجا تەرەپتىن مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف، خىتاي ئارمىيىسى تەرەپتىن ماناس ئالدىنقى سېپىدە تۇرىدىغان قوشۇنلارنىڭ پولك كوماندىرى يې جىڭفاڭ باشچىلىقىدا قوشۇنلارنىڭ ماناس لىنىيەسىدىن چېكىنىشنى نازارەت قىلىش بىرلەشمە كومىسسىيىسى قۇرۇلۇپ، ئۇلار ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەزگىلىدە مىللىي ئارمىيە قىسقارتىلىپ، قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىپ، كونا ۋە يېشى چوڭراق جەڭچىلەر ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلدى ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوتتۇرا يۆنىلىش فرونتى قوماندانلىق شتابى شىخۇغا ئورۇنلاشتى. نەتىجىدە، مىللىي ئارمىيە بىلەن گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى ۋاقتىنچە ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ماناس دەرياسى يەنىلا پاسىللىق رولىنى يوقاتمىدى ۋە 1947-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن ئىككى ئارمىيە قايتىدىن تاكى 1949-يىلى، 10-ئايغىچە ماناس دەرياسى بويىدا تىركىشىپ تۇرۇش ئەسلىگە كەلدى. مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ، دۈشمەنگە قارشى تىغمۇ-تىغ تۇرۇشى نەتىجىسىدە گومىنداڭ قوشۇنلىرى ماناس دەرياسىنىڭ غەربىگە ھۇجۇم قىلىشقا ھېچقاچان پېتىنالمىغان ئىدى.