ئۈرۈمچىدىكى ئەنگلىيە كونسۇلى ۋالتېر گراخامنىڭ غۇلجا سەپەر خاتىرىسى (1)

0:00 / 0:00

(1946-يىلى، 3-20-سېنتەبىر كۈنلىرى)

1944-1949-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى، جۈملىدىن 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاكى 1945-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتىكى خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسىنى تولۇق تارمار قىلىپ، ماناس دەرياسى بويىدا توختىشى، ئاقىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، 1946-يىلى، 1-ئىيۇلدىن تا 1947-يىلى، 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراكىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن ئىبارەت تارىخى جەريان ئەينى ۋاقىتتا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوف يېقىندا تۇران ئۇنىۋېرسىتېت ئىلمى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان « سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى 1940-يىللىرىدىكى شىنجاڭدىكى چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، 1943-يىلى، ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئايرىم-ئايرىم كونسۇلخانىلىرى قۇرۇلۇپ، بىر يىل ئۆتمەي، ئىلى دىيارىدا قوزغىلاڭ پارتلاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەت گومىنداڭ ئارمىيەسىنى تارمار قىلىپ، ماناس دەرياسىغىچە يېتىپ كەلدى. مانا شۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا. ئەنگلىيە دىپلوماتلىرى ۋە ھەتتا ژۇرنالىستلىرى بۇ ئىنقىلابقا ئالاھىدە قىزىقتى ھەتتا غۇلجىغا بېرىشقا ئىنتىلدى. پەقەت 1946-1947-يىللىرى، بىرلەشمە ھۆكۈمەت دەۋرىدىلا ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچى باش كونسۇلى جون خول پاكىستون، ئەنگلىيە كونسۇلى ۋالتېر گراخام ھەم ئىككى نەپەر ئامېرىكا ژۇرنالىستى-باربارا ستېفېنس ۋە Маرگارىت لايونىس، يەنى ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مۇئاۋىن كونسۇلى دوگلاس ماككېرناننىڭ ئايالى غۇلجىغا بېرىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان.

ئابلەت كامالوفنىڭ تەكشۈرىشىچە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە كونسۇللىرىنىڭ زىيارىتى ۋە ئامېرىكا ژۇرنالىستلىرىنىڭ سەپەرلىرىنىڭ كۆزلىگەن تۈپ كۆزلىگەن مەقسەتلىرى بار بولۇپ، مەزكۇر ئىككى نەپەر كونسۇل زىيارەتتىن كېيىن مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، ئۆز ھۆكۈمەتلىرىگە يوللىغان. ئۇ: «ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەقسىتى قوزغىلاڭ بولغان جايدىكى سوۋېت تەسىرىنى كۆزىتىش بولغان ئىدى» دەيدۇ.

ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئەنگلىيە كونسۇلى ۋالتېر گراخام ئەڭ بۇرۇن غۇلجىغا بارغان غەربلىك بولۇپ، 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخىغا ئائىت « ئىلى ئىنقىلابى» ماۋزۇلۇق غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى مەخسۇس كىتابنىڭ ئاپتورى ئامېرىكا تارىخچىسى، پروفېسسور لىندا بېنسونمۇ ئۆز ئەسىرىدە ۋالتېر گراخامنىڭ 1946-يىلى، 3-سېنتەبىر كۈنى ماناس دەرياسىدىن ئۆتكەنلىكى ۋە 13-سېنتەبىر كۈنى غۇلجىدا بولغانلىقى، ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ ئاساسى مەقسىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىنقىلابقا ھەربىي-سىياسىي جەھەتتىن ئارىلىشىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇلۇغ برىتانىيەنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى كونسۇللىرىنىڭ 1930-1940-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە تەييارلىغان تەپسىلىي دوكلاتلىرى ھازىر لوندوندىكى برىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا ۋە دۆلەتلىك باش ئارخىپخانىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى ئابلەت كامالوف ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇش جەريانىدا مەخسۇس تۈردە مەزكۇر ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلىغان ھەمدە ئۈرۈمچىدىكى ئەنگلىيە كونسۇلى گراخامنىڭ غۇلجا زىيارىتى ھەققىدىكى دوكلاتى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى رۇس تىلىدا ئېلان قىلغان ئىدى.

ئابلەت كامالوفنىڭ ئەنگلىيە كونسۇلى گراخامنىڭ دوكلاتى ئاساسىدا تونۇشتۇرۇشىچە؛ گراخام 1946-يىلى 24-سېنتەبىر كۈنى ئۇلۇغ برىتانىيەنىڭ نەنجىڭدىكى باش ئەلچىسىگە ئۆزىنىڭ غۇلجىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات سۇنغان بولۇپ، سەپەرنىڭ مەقسىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچ ۋىلايەتتىكى تەسىرىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشتىن ئىبارەت ئىدى. خىتاي تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچ ۋىلايەتتىكى تەسىرىنى ھامان ئاشۇرۇپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ غەرب دىپلوماتلىرىنى قايىل قىلالمىغان. شۇڭا ئەنگلىيە كونسۇلخانىسى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىلى ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە سوۋېتنىڭ تەسىرىگە قارىتا ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆزىتىش ئېلىپ بارغان.

گراخام 1946-يىلى 3-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئاران 11كۈندە غۇلجىغا يېتىپ بارىدۇ ھەم ئۇ يەردە 6 كۈن تۇرۇپ 20-سېنتەبىر كۈنى ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ.

گراخام ماناس چېگراسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تەبىئەت مەنزىرىسى، يوللار ۋە شەھەر ھەم مەھەللىلەر ھەققىدە تەپسىلىي بايان قىلغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ئۇ شىخۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىدۇ. ئۇنىڭ يېزىشىچە؛ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋىۋىسكىسى ئۇيغۇرچە ۋە رۇسچە يېزىلغان بولۇپ، ھاكىم تولىمۇ مۇلايىم ئۇيغۇر كىشىسى ئىكەن. ئۇ گراخامغا ياخشى تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ.

گراخام ئۇنىڭدىن كېيىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جىڭنى بېسىپ ئۆتۈپ، غۇلجىغا قاراپ ماڭغاندا ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قېلىپ، رېمونت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىراق، رېمونت قىلىش مۇمكىن بولمىغاچقا ئۇ شوپۇرنى غۇلجىغا ياردەمگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى بەش كۈن چۆلدە خەۋەر كۈتۈپ ياتىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇق-تۈلىكى تۈگىگەندە يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلاردىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئوزۇق-تۈلۈك بېرىپ تۇرىدۇ، ئاخىرى ئىلى ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئاپتوموبىل ئەۋەتىپ، ئۇنى ئېلىپ كېتىدۇ.

ۋالتېر گراخام سايرام كۆلى بويىغا ۋە تەلكە داۋانلىرىغا كېلىپ، ئاجايىپ تەسىرلىنىدۇ ھەم بۇ كۆل مەنزىرىسىنى ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيە مەنزىرىلىرىگە ئوخشىتىدۇ. گراخام غۇلجىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كېيىنكى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ھاكىمبەگ غوجا ئۆز ئۆيىدە قارشى ئالىدۇ. گراخام ھاكىمبەگ غوجا بىلەن تەنھا تاماقتا بولۇپ سۆھبەتلىشىدۇ، ئۇ سۆھبەتلەر ۋە كۆزىتىشلىرى ئارقىلىق ھاكىمبەگ غوجىنىڭ ھوقۇقىنىڭ شەكلىي تۈس ئالغان، ئەمەلىي ھوقۇقنىڭ ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرىنىڭ قولىدا بولۇشى ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

گراخام يەنە غۇلجىدا مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن مۇھىم مۇنازىرە خاراكتېرلىك سۆھبەتلەردە بولغانلىقىنى، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خەلق ئىچىدىكى ھۆرمىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەم سىياسىي قابىلىيىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ.

گراخام بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە يەنە ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىغا كەلگەنلىكىگە ئىككى ئاي بولغان ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ باش مۇپەتتىشى مەسئۇد سەبىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى، مەسئۇد سەبىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان يۈكسەك بىر سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

گراخامنىڭ يېزىشىچە؛ ئۇ غۇلجىغا كەلگەن كۈنى ساقچى ئىدارىسى ئىككى ئوفىتسېر ۋە ئۈچ ئەسكەردىن ئىبارەت بىر گۇرۇپپىنى مەخسۇس ئۇنى قوغداشقا تەيىنلەيدۇ. بىراق، مەزكۇر ئەنگلىيە كونسۇلى بۇنىڭدىن نارازى بولىدۇ، چۈنكى، بۇ كىشىلەر ئۇ نەگە بارسا، شۇ يەرگە تەڭ بارغاچقا گراھام بۇنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىش دەپ چۈشەنگەن. ئاخىرىدا مەسئۇد سەبىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ساقچى ئىدارىسى گراخامنى قوغداش گۇرۇپپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تەلەپ قىلغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا قوغدىغۇچى بەلگىلەشكە قوشۇلىدۇ.

گراخام غۇلجىدا يەنە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى ئەنۋەر مۇسابايوف قاتارلىق كىشىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى، ئاخىرىدا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غولىدىكى مۇئاۋىن كونسۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

گراخام سوۋېت كونسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت ئەتىۋارىنى بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت تىن ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدە كۆپلىگەن مەخپىي سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ ب جاسۇسلىرىنىڭ بارلىقىنىڭ ئېھتىماللىققا يېقىن ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىدۇ. زاتەن گراخامنىڭ مەقسىتىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئېنىقلاشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق نەرسىگە دىققەت بىلەن قارىغان.

ئابلەت كامالوف ئەنگلىيە كونسۇلى ۋالتېر گراخامنىڭ غۇلجا زىيارىتى ئارقىلىق، خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئويناپ چىققان ئويۇنى، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش نىيىتى يوق، ئۇلارنى رۇس كوممۇنىستلىرى كۈشكۈرتكەن، دېگەندەك مەلۇماتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.