سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى: بىز ماناس دەرياسى بويىدا تىركىشىپ تۇرغان ئىدۇق (1)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.09.07
milliy-armiye-qurulghan-72-yilliq-xatire-1.jpg بىشكەكتىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە شېھىتلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلماقتا. 2017-يىلى 8-ئاپرېل.
RFA/Firuze

1944-1949-يىللاردىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخىدا، 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيەنىڭ بېسىپ ئۆتكەن جەڭگىۋار مۇساپىلىرى مۇھىم ۋە شانلىق بىر سەھىپە ھېسابلىنىدۇ.

مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخى شاھىتلىرىدىن مەرھۇم زاھىر ساۋدانوفنىڭ ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنغان «ماناس دەرياسىدىن قايتىش»، توختى ئىبراھىمنىڭ «مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىسى» قاتارلىق كىتابلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندا 7 پولك ۋە بەش باتاليوندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەنە شۇ 7 پولك ئىچىدە ئۈچ پىيادىلەر پولكى بار ئىدى. مەزكۇر ئۈچ پىيادىلەر پولكى سۈيدۈڭ پىيادىلەر پولكى، غۇلجا ئازادلىق نىشانلىق پىيادىلەر 2‏-پولكى ۋە غۇلجا زاپاس پىيادىلەر 4-پولكىدىن ئىبارەتتۇر.

ئەنە شۇ سابىق ئازاد نىشانلىق پىيادىلەر 2-پولكىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى سابىق جەڭچىسى ئابدۇرېشىت ئەپەندى ئۆزىنىڭ مىللىي ئىنقىلابقا قاتنىشىش، يەنى مىللىي ئارمىيەنىڭ 2-پىيادىلەر پولكىغا جەڭچى بولۇپ كىرگەندىن كېيىن تاكى 1946-يىلى، 7-ئايدا ماناس دەرياسىدىن قايتقانغا قەدەر بولغان جەرياندا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئەسلىدى. ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ بىر قىسىم ياشلار بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئارمىيەنىڭ 2-پىيادىلەر پولكىغا 1946-يىلى، 3-ئايلاردا جەڭچى بولۇپ كىرىپ، ماناس ئالدىنقى سېپىدە تۇرغان. بۇ دەل مىللىي ئارمىيىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا گومىنداڭ بىلەن تىركىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا 6 ئاي ئەتراپىدا بولغان ۋاقىت ئىدى.

پىيادە 2-پولك بىلەن زاپاس 4-پولك غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ قۇرۇلغان، سۈيدۈڭ پىيادىلەر پولكى بولسا، سۈيدۈڭ، قورغاس قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ئۈچ پىيادىلەر پولكى 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 4-9-كۈنلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا جىڭ ۋە شىخو جەڭلىرىگە قاتنىشىپ، ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. غۇلجا 2-پىيادىلەر پولكى، 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جىڭدىن ماناس دەرياسى بويىغا كېلىپ، بۇيرۇق بويىچە ھۇجۇملىرىنى توختىتىپ، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى قۇرۇپ، 10 ئايغا يېقىن ۋاقىت داۋاملاشقان مۇداپىئەدە تۇرۇش مۇساپىسىنى باشلايدۇ.

ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، غۇلجا پىيادىلەر پولكىنىڭ كوماندىرلار تەركىبىدە دەسلەپكى ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئوفىتسېرلار، جۈملىدىن رۇسلار كوماندىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان. مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، مەزكۇر رۇسلار مول ھەربىي كوماندىرلىق قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە ئىدى.

بىراق، 1946-يىلى، 6-ئايدىكى 11 ماددىلىق «بىتىم» ئىمزالىنىش ئالدىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن رۇس ۋە باشقا مىللەت كوماندىرلىرى ۋەتىنىگە كېتىپ، ئۇيغۇرلار پۈتۈن كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ۋە غۇلجا 2-پولك بىلەن زاپاس 4-پولك بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشىشى بىلەن 1945-يىلى، 9-ئايدا مىللىي ئارمىيە ھۇجۇملىرىنى توختاتقان ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى ئارىسىدا تىنچلىق سۆھبىتى باشلانغان ئىدى.

مىللىي ئارمىيە 2-پىيادىلەر ۋە 4-زاپاس پولكىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا ئۇزۇن ۋاقىت مۇداپىئەدە تۇرۇشى ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە موسكۋادىن كەلگەن بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەنە شۇ پولكلاردىكى سوۋېتلىك ئوفىتسېرلار مەخسۇس بۇ بۇيرۇقنى ئەمەلگە ئاشۇراتتى.

ئابدۇرېشىت ئەپەندى قاتارلىق 2-پولك جەڭچىلىرى ماناس دەرياسى بويىدا تاكى 1946-يىلى، 7-ئايغىچە گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىلەن يۈزمۇ-يۈز تىركىشىپ  تۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.