شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى سوۋېت رازۋېدچىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قالدۇرغان سىرى (1)

0:00 / 0:00

1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى يېتەكچىلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى باش قوماندانى گېنېرال لېيتىنانت ئىسھاقبېك مۇنونوف، مۇئاۋىن باش قوماندانى گېنېرال مايور دەلىلقان سۇگۇربايېف، تەشۋىقات-ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە باشقا خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۆمەكنىڭ كوللېكتىپ ھالدا 1949-يىلى، 8-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيەسىدە قازاغا ئۇچرىشى سوۋېت ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن «ئايروپىلان قازاسى» دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر ئايروپىلان ھادىسىسى تاكى ھازىرغىچە تارىخچىلار تەرىپىدىن 20-ئەسىر دۇنيا تارىخىدىكى «سىرلىق ۋەقەلەر» نىڭ بىرى ۋە «سىرلىق ئايروپىلان ھادىسىسى» دەپ قارالماقتا.

خىتاي كومپارتىيەسى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار قازاغا ئۇچراپ، 3 ئايدىن كېيىن «ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك بىرىنچى قېتىملىق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىركۇتسكىي رايونىدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى» دەپ ئېلان قىلغان شۇنىڭدەك ئۇلارنى «يېڭى جۇڭگو قۇرۇش يولىدىكى» «ئىنقىلابى قۇربانلار» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. ۋەھالەنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ بۇ قازاسىغا ئىشەنمىگەن، گۇمانلانغان ۋە ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ بۇ قازاغا ئىشەنمەي كەلمەكتە.

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار راستىنىلا بېيجىڭدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشماقچىمىتى؟ ئۇلار بۇ يىغىنغا بارالىغان بولسا، نېمە تەلەپ ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن ئىدى؟ ياكى ئۇلار، كېيىن ساق-سالامەت بېيجىڭغا بېرىپ، يىغىنغا قاتناشقان سەيپىدىن ئەزىزگە ئوخشاش ھېچقانداق تەلەپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماي، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە شەرتسىز بويسۇنىدىغانلىقى، ھېچقانداق مىللىي سىياسىي ھوقۇق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلماي، پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورتاق سىياسىي پروگراممىسىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىشى مۇمكىنمىدى؟ ياكى ئۇلار بېيجىڭغا خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تەقدىرى مەسىلىسىدە مەخسۇس سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن بارماقچىمىتى؟ مانا بۇ سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا چەتئەللەردە ھەر خىل تىللاردا ماقالە ۋە قىياسلار ئېلان قىلىنىپ كەلدى. ۋەھالەنكى، تەھلىلچىلەر ئۇلارنىڭ خىتاي تەرەپكە قانداق بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىغا ئائىت قانداق بىر لايىھە بارلىقى، بۇنىڭغا نىسبەتەن خىتاي كومپارتىيەسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى قانداق پوزىتسىيەدە بولغانلىقى ئەنە شۇ پاجىئە بىلەن مۇناسىۋەتلىك «سىرلىق نۇقتىلار» دەپ قارىماقتا.

ئەمما، 1949-يىلى، 7-ئايدا ۋە 1950-يىلى، 2-ئايدا سوۋېت ۋە خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئورنىتىلغان ھەم پۈتۈشۈلگەن كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە چېتىشلىق بولغان مەزكۇر سىرلارنى پەقەت ئەڭ مەخپىي سوۋېت ئارخىپلىرى ۋە شۇنىڭدەك خىتاي ئارخىپلىرى پاش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە بۇ سىر رەسمىي شەكىلدە كىشىلەرنى قانائەتلەندۈرگىنى يوق. خىتاي تەرەپنىڭ ئېلان قىلغان رەسمىي مەلۇماتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشەندۈرەلمىگەنلىكى مەلۇم.

بۇنداق ئەھۋالدا 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ئۆزلىرى بۇ «سىرلار» نى ئېچىشقا ئۇرۇنۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازاسى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنىڭ سىرلىرىنى پاش قىلىشقا تىرىشتى. مەزكۇر «سىر» نى پاش قىلىشقا ئىنتىلگۈچى مىللىي ئىنقىلاب شاھىتلىرى ئەنە سىرلىق سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشلەرنىڭ گۇۋاھچىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ تەشكىلىي ئىشلىرىغا باشتىن ئاخىرى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك خادىمى ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوفنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىشىغا تايىنىدۇ.

1990-1991-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن بىرى، ژۇرنالىست، شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ كاپىتانى ئاسىم باقى ئەنە شۇ ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوفنىڭ ئۆزىگە مەخپىيەتلىك سۈپىتىدە ئېيتىپ بەرگەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سىرلىق تەقدىرىگە ئائىت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. ئاسىم باقى «خۇنزىرلىق» دەپ ئاتالغان مەزكۇر خاتىرە ماقالىسىدە 1970-يىللاردا ھاكىم جاپپارنىڭ تاشكەنتكە كەلگەندە ئۆزىگە بىر سىرنى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ فرۇنزېدىن ئالمۇتاغا ئېلىپ بېرىلىپ، 1949-يىلى، 8-ئايدا غۇلجىدىن كەلگەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلىكىنىڭ ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى مەخپىي سۆھبەتكە تەرجىمانلىق قىلىش جەريانىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ موسكۋا ۋەكىللىرىنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىنغا قاتنىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە ھېچقانداق تەلەپ قويماي، يېڭى خىتاي تەركىبىگە شەرتسىز قوشۇلۇش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى، مانا بۇ ئىشنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. ئاسىم باقىنىڭ كىتابىدا ھاكىم جاپپارنىڭ مەزكۇر ئوخشاش سىرنى ئالمۇتادىكى يەنە بىر ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفقىمۇ سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلغان بولۇپ، ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفمۇ ھاكىم جاپپارنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزىگە شۇ ئىشلارنى بىرمۇبىر سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى دەلىللىدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە 1990-يىللىرى ھاكىم جاپپار ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى ھاشىر ۋاھىدىيمۇ فرۇنزېغا بېرىپ، ھاكىم جاپپاردىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئالمۇتادىكى سۆھبىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈم سىرى ھەققىدە ئاۋازلىق خاتىرە ئالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار. مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى-ھاشىر ۋاھىدى ۋە سابىت ئابدۇراخمان قاتارلىقلار ھاكىم جاپپارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ستالىن ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يوق قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھاكىم جاپپارنىڭ سۆزلەپ بەرگەن، يەنى پاش قىلغان ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازاسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا ئائىت سىرلارنىڭ راستلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ.

ئۇنداق ھاكىم جاپپار زادى كىم؟

ھاكىم جاپپار 1942-1949-يىللىرى نامدا غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دوختۇرخانىسىنىڭ باش دوختۇرى بولۇپ خىزمەت قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ غۇلجىدىكى مۇھىم خادىملىق سالاھىيىتىگە ئىگە ئىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى، «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سىياسىي تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاكىم جاپپار ئىنقىلابنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە باشقا بارلىق ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق سوۋېت خادىمى ئىدى.

ھاكىم جاپپارنىڭ غۇلجىغا كېلىپ ئىش باشلىغان ۋاقتى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزگەن شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسى 1943-يىلى، ماي ئېيىدا مەخپىي يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاش، شۇ ئارقىلىق شېڭ شىسەينى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى قارار قىلغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ھەر قايسى جايلاردا شېڭ شىسەيگە ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مەخپىي تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا كىرىشكەن ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى، يەنى «رازۋېدچىكلىرى» نى ئىشقا سالغان. ھاكىم جاپپار غۇلجا شەھىرىدە ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى، ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى جەريانلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخس ئىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئەزاسى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ 2003-يىلى ھايات ۋاقتىدا سۆزلەپ بېرىشىچە، ھاكىم جاپپار ئازادلىق تەشكىلاتىنى تەشكىللەشتىكى ئاساسىي كىشى بولۇپ، ھەتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا كىرىشى ئۈچۈن باشلامچىلىق قىلغان.

قىرغىزىستان-سلاۋيان ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان ھاكىم جاپپار تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى خاتىرىسىگە ئائىت تونۇشتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەسلى 1907-يىلى، ئالمۇتانىڭ يېنىدىكى يېڭىشەھەر يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، 1932-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا كەسپىنى پۈتتۈرۈپ فرۇنزېدا دوختۇرلۇق قىلغان ھاكىم جاپپار 1930-1970-يىللاردا قىرغىزىستاندىكى مۇھىم يېتەكچى دوختۇرلارنىڭ بىرى ئىدى. سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوف 1942-يىلى، ئائىلىسى بىلەن بىرگە غۇلجىغا ئەۋەتىلىپ، تاكى 1950-يىلىغىچە غۇلجىدا خىزمەت قىلغان.