ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان 82 ياشلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ 1975-يىلىنىڭ ياز ئېيىدا فرۇنزې، يەنى ھازىرقى بىشكەك شەھىرىدە ياشايدىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە غۇلجادا دوختۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن پائالىيەت قىلغان بىخەتەرلىك خادىمى ھاكىم جاپپار بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە سۆھبەلەشكەن. بۇ سۆھبەتتە ئابدۇرېھىم راخمان ئىسىملىك يەنە بىر شائىرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان. ئەسلى ھاكىم جاپپار ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفقا ئۆزىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ تەقدىرىگە ئائىت ئۆزى بىلىدىغان سىرلارنى ئېيتىپ بېرىشنى قارار قىلىپ، ئۇنى چاقىرتقان ئىكەن.
ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوفنىڭ ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفقا سۆزلەپ بېرىشىچە، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 24-ئاۋغۇست كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە موسكۋادىن كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرى ۋە قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر قازاق رەھبىرىي كىشىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر سۆھبەت قاتتىق مۇنازىرە تۈسى ئالغان. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇ چاغدا فرۇنزېدا تۇرۇۋاتقان ھاكىم جاپپارنى مەخسۇس مەخپىي تەرجىمانلىققا ئېلىپ كېلىپ، سۆھبەتكە تەرجىمانلىققا سالغان.
ھاكىم جاپپار سۆھبەتتە موسكۋادىن كەلگەن ھەربىي رەھبىرىي كىشىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى بېيجىڭدىكى خىتاينىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا شەرتسىز قاتنىشىشى ۋە ھېچقانداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقىنى تەلەپ قىلغاندا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى چىققانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.
ھاكىم جاپپارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ھېچ بولمىغاندا فېدېراتىپ ھوقۇق بېرىشكە قوشۇلمىسا، پەقەتلا خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ قېلىش پروگراممىسىنى يولغا قويماقچى بولسا، بېيجىڭغا، يەنى مەزكۇر سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتقاندا موسكۋا ۋەكىلى ناھايىتى نارازى بولغان. ئىسھاقبېك مۇنونوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف ۋە باشقىلارمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى ئېيتىپ، ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئوخشاش مەيدانىنى ئىپادە قىلغان.
قازاق رەھبەر بولسا ھازىر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇۋاتقانلىقى، دۇنيانىڭ تىنچلىققا موھتاج ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق ئارتۇقچە تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ پىكىر بايان قىلغان.
سۆھبەت ئىنتايىن كەسكىن تالاش-تارتىش ئىچىدە ئۆتكەن. ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ھاكىم جاپپارنىڭ بۇ ۋەقەنى چوڭقۇر ھاياجان ئىچىدە بىرمۇ-بىر بايان قىلغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.
خىتاي رەسمىي تارىخى مەنبەلىرى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق 8 كىشى بېيجىڭدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 23-كۈنى غۇلجادىن ئالمۇتاغا بارغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ 8-ئاينىڭ 27-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بايقال كۆلى بويىدىكى ئىرتكۇتسك رايونىدا ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى رەسمىيلەشتۈرگەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىر شەرتى ۋە تەلىپى بولغانلىقىنى تىلغا ئالمايدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئەخمەتجان قاسىمىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىچە باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىدە چىڭ تۇرغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئالمۇتاغا كەلگەن ئاشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە زادى نېمە ۋەقەلەر بولدى، ئالمۇتادا سوۋېت تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن قانداق ئۇچرىشىشلار بولدى؟ دېگەن مەسىلىلەرنى ۋە ھاكىم جاپپار سۆزلەپ بەرگەندەك ئاشۇ سۆھبەتلەرنى ھۆججەتلىك دەلىللەيدىغان مەخپىي سوۋېت ئارخىپى تېخى ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق. ئەمما، 1947-1949-يىلى غۇلجادىكى «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان 91 ياشلىق تارىخشۇناس مۇنىر يېرزىننىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە بۇ ھەقتە ئارخىپ ھۆججىتى ئاشكارا بولمىسىمۇ، ئەمما ئاشۇنداق بىر سۆھبەتنىڭ بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئەلا بىلىدىغان رەھبەر ئىكەنلىكىدە شەك يوق.
0:00 / 0:00