ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان 82 ياشلىق ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ئەسلىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە، غۇلجىدا پائالىيەت قىلغان بىخەتەرلىك خادىمى دوختۇر ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوفنىڭ 1975-يىلى، يازدا بىشكەك شەھىرىدە ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىشىچە، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە موسكۋادىن كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرى ۋە قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر قازاق رەھبىرى كىشىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ھاكىم جاپپار ئۆزى تەرجىمانلىق قىلغان بۇ سۆھبەتتە ئەخمەتجان قاسىمى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرىي شەخسلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا ھېچقانداق سىياسىي تەلەپ ۋە شەرت قويماي قاتنىشىپ، خىتاينىڭ سىياسىي پروگراممىلىرىنى ھىمايە قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئەگەر ئۆزلىرى يىغىنغا قاتناشسا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تەقدىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇستەقىللىق مەسىلىسى، پەقەت بولمىغاندا فېدېراتسىيە تۈزۈم بويىچە ھوقۇققا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، بولمىسا مۇنداق يىغىنغا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى كەسكىن ئېيتقان ئىكەن.
ھاكىم جاپپارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، مەزكۇر سۆھبەتكە ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، دەلىلقان سۇگۇربايېفتىن باشقا يەنە بىر خىتاي، شۇنىڭدەك غېنى كەرىموف، ئابدۇرېشىت ئىمىن قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپى ئەخمەتجان قاسىمىنى قوللاش پىكرىنى بىلدۈرگەن
سۆھبەت جەريانىدا موسكۋا ۋەكىلى، گېنېرال ئىسھاقبېك مۇنونوف، گېنېرال دەلىلقان سۇگۇربايېف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، خىتاي ۋەكىل لوجى قاتارلىقلارنىڭمۇ پىكرىنى سورىغان. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئالىي باش قوماندانى ئىسھاقبېك مۇنونوف، مۇئاۋىن قوماندانى دەلىلقان سۇگۇربايېفمۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قاراشلىرىنى قوللاش پىكرىنى بىلدۈرگەن. بولۇپمۇ موسكۋا ۋەكىلىنىڭ بىۋاسىتە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ئىسھاقبېك مۇنونوف ئۆز مەيدانىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى كەسكىن ئېيتقان. ئابباسوف، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قاراشلىرىدىن قىسمەن باشقىچىرەك پىكىرنى، خىتاي ۋەكىل پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسىنى ھىمايە قىلىش پىكرىنى ئېيتقان.
ھاكىم جاپپارنىڭ ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفقا سۆزلەپ بېرىشىچە، سۆھبەت ئىنتايىن كەسكىن تالاش-تارتىش ئىچىدە ئۆتكەن ۋە شۇ كۈنى كېچىگىچە داۋاملاشقان. تالاش-تارتىشنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف ۋە باشقىلار ئاخىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا مىللىي مەسىلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مودېلى بويىچە ھەل قىلىشى، يەنى فېدېراتىپ تۈزۈمگە مېڭىپ، ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشقان. بىراق، موسكۋا ۋەكىللىرى بۇنىڭغىمۇ رازى قىلارلىق جاۋاب بەرمىگەن، ئاخىرى سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھاكىم جاپپار فرۇنزېغا (ھازىرقى بىشكەككە ) ماڭدۇرۇۋېتىلگەن.
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ھاكىم جاپپارنىڭ بۇ ۋەقەنى چوڭقۇر ھاياجان ئىچىدە بىرمۇ-بىر بايان قىلغانلىقىنى، موسكۋادىن كەلگەن رۇس گېنېرالنىڭ ئاچچىق بىلەن سۆزلىگەن جايلىرىنى رۇسچە تەكرارلاپ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، شۇ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى نەق ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەشكە تىرىشقانلىقىنى ئەسلىدى.
ھاكىم جاپپار ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى قوغداش، خەلقنىڭ قانلىق كۈرەشلەرنى قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن مۇستەقىل ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئەسلەش بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالمۇتادىن ئايرىلىپ، 27-ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە بايقال كۆلى بويىدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بېكىتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىندا ھېچقانداق مىللىي ۋە سىياسىي ھوقۇق تەلىپى سۇنمايدىغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ يېڭى جۇڭگونى تولۇق قوللىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.
ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ بېيجىڭدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىشتا ھەقىقەتەن خەلقنىڭ تەلەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىرەر شەرت ۋە تەلەپ تەييارلىغانمۇ؟ بېيجىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان بۇ شەرت ۋە تەلەپلەر 1949-يىلى، 7-8-ئايدا موسكۋانى زىيارەت قىلغان خىتاي كومپارتىيە رەھبىرى ليۇ شاۋچىغا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تېز قۇرۇش ۋە خىتاي ئارمىيەسىنى ئۇيغۇر دىيارىغا تېز كىرگۈزۈپ ئىشغال قىلىش ۋە بۇنىڭغا ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى بەرگەن ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ پروگراممىسىغا ھەم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىشى مۇمكىنمىدۇ؟
1949-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار غۇلجادىن ئايرىلغان ۋاقىتتا «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن، ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەردە بولغان ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان 91 ياشلىق تارىخچى مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە بۇ ھەقتە ئارخىپ ھۆججەتلىرى ئاشكارا بولمىسىمۇ، ئەمما مۇنداق بىر سۆھبەتنىڭ بولۇشى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆز مىللىي مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىشتا چىڭ تۇرغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، لېكىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي تەقدىرى، يەنى مۇستەقىللىقى ۋە ياكى باشقا يۈكسەك بىر مىللىي ھوقۇققا ئېرىشىشى ئۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە ياكى خىتاي كومپارتىيەسىگە كېرەك ئەمەس ئىدى. مۇنىر يېرزىن ئەپەندى: «لېكىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھايات ۋاقىتلىرىدا سۆزلىگەن سۆزلىرى، قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ ئەگەر بېيجىڭغا بارغان بولسا، چوقۇم شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان خەلقنىڭ تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن ئىدى، چۈنكى بۇ ئىنقىلاب پەقەت ئۈچ ۋىلايەتتىكىلا ئەمەس، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنقىلاب ئىدى» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1970-يىللاردا ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ خادىمى، سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى كاپىتانى ئاسىم باقىمۇ ھاكىم جاپپارنىڭ ئۆزىگە بۇ ئوخشاش ۋەقەنى، يەنى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن موسكۋا ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئالمۇتا بولۇپ ئۆتكەن بۇ سۆھبەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى دەلىللەپ، شۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى «خۇنزىرلىق» ماۋزۇسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان ئىدى.
0:00 / 0:00