ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ يىل ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا «ئۈچ ئەپەندىلەر» دەپ تونۇلغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا دەل 50 يىل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە.
بۇ پائالىيەتلەر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ھەر تەرەپلىمىلىك چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم. مەلۇم بولغاندەك، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۇيغۇر خەلقى 20 - ئەسىردە يېتىشتۈرگەن بۈيۈك شەخسلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
ئۇ،دىنىي ئالىم، سىياسەتچى ۋە تارىخچى بولۇشتەك كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بولۇپمۇ ئۇنىڭ تارىخچىلىق كىملىكى ۋە تارىخچىلىقى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك. ئۇ ئافغانىستاندىكى ۋاقتىدا تارىخ تەتقىقاتىغا كىرىشكەن. بۇ جەرياندا تۈركچە، ئەرەبچە، پارسچە ۋە ئىنگىلىزچە قاتارلىق تىللاردىكى 40 پارچىدەك مەنبە ئەسەردىن پايدىلىنىپ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كاتتا ئەسىرىنى يېزىپ چىققان. ئەگەر ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىنى يېزىشتا پايدىلانغان مەنبە ئەسەرلەرگە، مېتود ۋە تېرمىنولوگىيىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ تۈركچىلىكتىن ئىبارەت يېتەكچى ئىدىيىگە ۋە 1930 - يىللاردا تۈركىيەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرك تارىخ كۆز قارىشىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. ئۇنداق بولسا تۈرك تارىخ كۆزقارىشى قانداق بىر كۆز قاراشتى؟ بۇ كۆزقاراش 19 - ئەسىردە غەربتە ئوتتۇرىغا چىققان ھىندى - ياۋروپا تارىخ كۆزقارىشىغا قارشى بەرپا قىلىنغان بىر كۆزقاراش ئىدى. بۇ كۆزقاراشنىڭ نېگىزى 1) تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيالىق بىر مىللەتۇر. 2) مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيادۇر. 3) تۈركلەر ئانايۇرتى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىن قۇرغاقچىلىق سەۋەبى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆچۈپ كەتكەن ۋە ئۇ يەرلەرگە مەدەنىيەت ئېلىپ بارغان دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. تۈركىيەدە بۇ كۆز قاراشنى ئىلمىي جەھەتتىن ئىزاھلاش ئۈچۈن «تۈرك تارىخىنىڭ ئانا خاتلىرى» ۋە «مۇپاسسال تۈرك تارىخى» ناملىق كىتابلار يېزىلغان ئىدى. بۇ ئىككى كىتاب مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدىكى مەنبە ماتېرىياللىرىنىڭ بېشىدا ئورۇن ئالغان. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كىتابىدىكى تۈركلەرنىڭ ئىپتىدائىي دەۋىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانلار، تۈركلەرنىڭ كۆچ سەۋەبلىرى ۋە كۆچۈش ئىستىقامەتلىرى «تۈرك تارىخىنىڭ ئانا خاتلىرى» ۋە «مۇپاسسال تۈرك تارىخى»ناملىق كىتابلاردىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.
بىز تۈرك تارىخ كۆزقارىشىنىڭ قاچان، نېمە سەۋەپ ۋە نېمە مەقسەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دېگەن سوئالغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور سەرقان ئاجار ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئىمپېرىيە يىمىرىلىپ يېڭى تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى قۇرۇلۇشقا باشلىغاندا جۇمھۇرىيەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىرگە تۈرك تارىخ كۆزقارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۈرك تارىخ كۆزقارىشىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بىرىنچىدىن، تۈركلەرنىڭ قەدىمقى دەۋىرلىرىنى تەتقىق قىلىش، يەنى ئوسمانلى ۋە سەلجۇقلۇ دۆلىتىدىن بۇرۇنقى دەۋىرلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىككىنچىدىن تۈركلەرنىڭ مەدەنىيەتكە قوشقان تۆھپىسى نېمە، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى نېمە، بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۈچىنچىدىن، قەدىمقى دەۋىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئىنسانلارنىڭ تۈركلەر بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار ئىدى، ئۇ دەۋىردە ياشىغان تۈركلەرنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكلىرى نېمە ئىدى، بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت. قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق، تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تارىخى قانداق ئىدى، سۈمەر، ھىتىت، قەدىمقى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار ئىدى، بۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر».
سەرقان ئاجار ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرك تارىخ كۆزقارىشىنى غەربلىكلەرنىڭ ھىندى - ياۋرۇپا تارىخ كۆزقارىشىغا ئىنكاس شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان دەپ قاراشقىمۇ بولىدىكەن. ئۇنداقتا ھىنت - ياۋرۇپا تارىخ كۆزقارىشى قانداق بىر قاراشتى؟ بۇ ھەقتە ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفەسسور دوكتور تىمۇر كوجائوغلۇ ئەپەندى چۈشەنچە بەردى.
ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خىتاي تارىخچىسى لى دوڭفاڭغا رەددىيە بەرگەندە ئاساسلانغان تارىخ كۆزقارىشى تۈرك تارىخ كۆزقارىشى ئىدى. تۈرك تارىخ كۆزقارىشى بۈگۈڭە قەدەر نۇرغۇنلىغان ئىلمىي تەتقىقاتقا ئاساس بولغان ۋە بۇ كۆزقاراش سايىسىدا نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدىن كېيىن، تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار»ناملىق كىتابىمۇ تۈرك تارىخ كۆزقارىشىغا ئاساسەن يېزىلغان مۇھىم ئەسەردۇر. تۇرغۇن ئالماس «ئۇيغۇرلار»ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمقى دەۋىرلەردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ يەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ قەدىمقى ئالتۇن بۆشىگى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركچە «ئۇلۇسال تارىخىمىزىن ئانا خاتلارı» ناملىق كىتابنى مەنبە كۆرسەتكەن. تۇرغۇن ئالماس'ıن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى، كۆچۈشى ھەققىدىكى بايانلىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭكى بىلەن ئوخشايدۇ. بۈگۈنكى ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار ۋە تارىمدىن تېپىلغان مىڭلارچە يىللىق مۇميالار ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئون مىڭ يىللار بۇرۇنمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى خىتايچە sohu.com تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي رايونىنىڭ قابا ناھىيەسىدە بۇنىڭدىن ئون مىڭ يىل بۇرۇن سىزىلغان قىيا تاش رەسىملىرى بايقالغان. بۇ رەسىملەردە ھەر خىل ھايۋان ۋە ئوۋچىلىق مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن.
0:00 / 0:00