ھىدېيۇكى:مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ما جوڭيىڭ ھەققىدە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.11.03
Memet-Emin--Bughra-305.jpg مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا (1901-1965)
RFA/Arslan


ياپونىيىلىك ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخ تەتقىقاتچىسى ھىدېيۇكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت نەشىر قىلىنغان ماقالىلەر توپلىمىدىكى «ياپونلار يېتەلمىگەن زېمىن - شەرقىي تۈركىستان» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ياپونلارغا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلاتقان شەخس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى ھىدېيۇكى ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش غايىسى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىش ئارزۇسى توغرىسىدا توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مەقىسىتى ئۆز تۇپراقلىرىنى قوغداش،خىتاي كونتوروللىقىدىن قۇتۇلۇش، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش دېگەنلىكتۇر.مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتايغا قارشى تۇرۇپ ياپونىيىگە يېقىنلىشىش سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قوغدىنىش ۋە دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتۇر. شەرقىي تۈركىستان بولسا ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن ئىدى.ياپونىيە ئەمما ئۇ يەرگە يېتىپ بارالمىغان.كۆپلىگەن ياپون جاسۇسلىرى بۇ رايونغا بېرىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەۋەتىلگەن ئاخبارات خادىملىرى ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان.چۈنكى ئۇ چاغدا شەرقىي تۈركىستان تولىمۇ سىرلىق،سىياسىي ئورنى تولىمۇ مۇرەككەپ يەر ئىدى.ياپونىيە جاسۇسلىرى ئۇرۇشتىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.بۇ يەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سىرلىق،مەخپىي جاي دەپ قارالغان.

ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى ھىدېيۇكى ماقالىسىدە قۇمۇلدا كۆتۈرۈلگەن قۇمۇل قوزغىلىڭى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: 1930 - يىلى شىنجاڭدا كۆپلىگەن قوزغىلاڭلار يۈز بەردى.ئەينى چاغدىكى جىن شۇرىن ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى.قوزغىلاڭنىڭ ئاساسلىق كۆتۈرۈلۈش سەۋەبى بولسا جىنشۇرىننىڭ تۈرلۈك ئالۋاڭ،باج - سېلىقىنىڭ دەردىدىن خەلق كەمبەغەللىشىپ كەتكەن ئىدى.

ھىدېيۇكى ماقالىسىدە شىۋېدسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سۋېن ھېدىن ئۆزىنىڭ «قاچقۇن ماجۇڭيىڭ» «يىپەك يولى» «ئازغۇن كۆل» (لوپنۇر كۆلى) دېگەن كىتاپلىرىدىكى جىن شۇرىنغا دائىر ئۇچۇرلارنى مۇنداق بايان قىلغان: جىن شۇرىن 1931 - يىلى قۇمۇلدا خانلىق تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ،خانلىقنى يوق قىلىپ،ئۆلكە تۈزۈمىنى يولغا قويماقچى بولدى.ئۇ قۇمۇلدىكى قەلئە،ئوردۇلارنى چېقىپ قۇمۇلنى ۋەيران قىلدى.جىن شۇرىن ئادەم قېلىپىدىن چىقان ئالۋاستى ئىدى.

ئاپتور ماقالىسىدە قۇمۇل قوزغىلىڭىغا ما جۇڭيىڭ قوشۇنىنىڭ ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:

جىن شۇرىنغا قارشى خوجا نىياز ھاجى قوزغىلاڭ كۆتەردى.جىن شۇرىن قوزغىلاڭنى باستۇرماقچى بولغان خەتەرلىك پەيتتە خوجا نىياز ھاجى ماجۇڭيىڭنى ياردەم بېرىشكە چاقىرغان.خوجا نىياز بىلەن ما جۇڭيىڭ ئىككىسى ئىككى مىللەت بولسىمۇ،ئەمما ئىككىلىسىلا مۇسۇلمان ئىدى.تۇڭگانلار بولسا ئاساسلىقى گەنسۇ،نىڭشا،چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلەردە ياشايدىغان مۇسۇلمان خەلقلەر ئىدى.جۇڭگو كومپارتىيىسى بولسا ئۇلارنى خۇيزۇلار دەپ ئاتايتى.ماجۇڭيىڭ بولسا گەنسۇدا تۇغۇلغان،17 يېشىدا ئارمىيىگە قاتناشقان.ئۇ،ئۆزىنى ئارمىيىدە پەرقلىق تۇتقان ئىدى.ما جۇڭيىڭ خوجا نىياز ھاجىنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلۇپ شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەن.ئۇ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن مۇسۇلمان قەھرىمان دەپ تەرىپلىنىپ،قىزغىن قارشى ئېلىنغان.ئۇ،ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى بىلەن جىن شۇرىننىڭ ئەسكەرلىرىنى قۇمۇلدىن ھەيدەپ چىقىرىپ،ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قالغان ۋە كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتقان.

ئاپتور ماقالىسىدە شىۋېدسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سۋېن ھېدىننىڭ ما جۇڭيىڭ توغرىسىدا ئۆز ئەسەرلىرىدە بەرگەن ئۇچۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ،بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: سۋېن ھېدېن ما جۇڭيىڭنى كۆرمىگەن.لېكىن ئۇنىڭ تاشقىي قىياپىتىنى تەسۋىرلەپ كۆپلىگەن نەرسىلەرنى يازغان. ما جۇڭيىڭ ھەققىدە مۇنداق ئۇچۇرلارنى بەرگەن: ماجۇڭيىڭ ئېگىز بويلۇق، ئورۇق كەلگەن، ئەقىللىق يىگىت بولۇپ ئۇ،ھەممە نەرسىنى ئاسانلىقچە بىلىۋالالايدۇ. ئۇ،تولىمۇ زىرەك، خۇش - چاقچاق يىگىت ئىدى. سۋېن ھېدېن بۇ ئۇچۇرلارنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئۇچۇرلار بولۇپ ئۇ،يەنە باشىلاردىن ئاڭلىغان ما جۇڭيىڭ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى مۇنداق بايان قىلغان: ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلەرگە مىلتىق،تاپانچا ئېتىشنى ئۆگىتىپ.ئەسكەرلەر بىلەن دائىم پۇتبول ئويناشتى. ئۇ،ئەسكەرلەرگە تولىمۇ قاتتىق قول بولۇپ،ئەگەر بىرەر ئەسكەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا ئۇنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېتىۋېتىتەتتى.

ئۇيغۇر تارىخ تەتىقاتچىسى ھىدېيۇكى ماقالىسىدە ماجۇڭيىڭنىڭ بۇ خىل چۇس خاراكتېرىنى ياپونىيىلىك ھەربىي گېنېرال ئودا نوبۇناگاغا ئوخشايدۇ دەپ تەسۋىرلىگەن.

تارىخچى ھىدېيۇكى ماقالىسىدە خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:تارىخىي مەلۇماتلاردا دېيىلىشىچە،يىپەك يولىدىكى بوستانلىق ئىچىدىكى خوتەندە مۇدەررىس ئۆلۈما مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ،قوزغىلاڭ غەلبىگە ئېرىشىپ،مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خوتەندە خوتەن ئىسلام خانلىقى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.ۋە ئۆزى شۇ خانلىقنىڭ ئەمىرى دەپ تونۇلغان.خوتەن ئىسلام خانلىقى ھىلال ئاي،يۇلتۇزلار چۈشۈرۈلگەن يېشىل بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان.مۇسۇلمانلار كالېندارىنى قوللانغان.ئۇلار خوتەن چەرچەن،چاقىلىق قاتارلىق جايلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلغان.ئۇيغۇرلارنىڭ نامى ياپونىيىدە ئانچە تونۇش بولمىغان.لېكىن خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بولسا ياپونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلۇق ئورنىتىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان كىشى بولۇپ،ئۇ ئەڭ دەسلەپ ياپونلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان كىشى.شۇڭا ئۇنى ياپون - ئۇيغۇر دوستلۇق تارىخىدا ھەرگىز ئۇنتۇشقا بولمايدۇ.ئۇنى چوقۇم ئەسلەشكە تېگىشلىك شەخس.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى ياماگۇچى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇشى بىلەن بىرگە ياپونىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز - ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ئورنىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان شەخس.

ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى سېكىئوكا ماقالىسىنىڭ ئاخىرىسىدا شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللا ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللا بولسا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ يېقىن دوستى بولۇپ،ئۇلار بىرلىكتە خوجا نىياز ھاجىنىڭ قوزغىلىڭىنى قوللىغان ۋە قاتناشقان.ئۇلار بىرلىشىپ غايەت زور كۈچ ھاسىل قىلىپ بىرلىكتە قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغان.بۇ چاغدا قەشقەردىكى جىن شۇرىننىڭ ئىنىسى جىنشۇجى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.