ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيەدىن قالسا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى سەئۇدى ئەرەبىستان. ئەپسۇسكى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى 1 - 2 - ئەۋلات ئۇيغۇرلار ۋاپات بولۇپ، تۈگەي دەپ قالغان بولۇپ، ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن.
بۇ يەردىكى پېشقەدەم ئۇيغۇرلار ئۆز ئەۋلاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى يېزىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارماقتا. بۇلاردىن بىرى 86 ياشتىكى مۇھاممەت قاسىم تۈركىستانى ئەپەندىدۇر. ئۇ، قەشقەردە بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلەدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ئابدۇررەھىم ھاجى ئوقۇغان تىجارەتچى بولۇپ، ئۇنى ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەردىكى مەدرىسىلەردە ئوقۇتقان. ئۇ، پەننىي بىلىملەردىن باشقا ئەرەپ، پارس تىللىرىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەن. 1949 - يىلى كومۇنىست خىتاي ئارمىيەسى كىرىشتىن بۇرۇن ئۇلار ۋەتىنىدىن ئايرىلغان. بىرمەزگىل ھىندىستاندا تۇرغاندىن كېيىن 1950 - يىلى 3 - ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەشھۇر مەدرەسلىرىدىن فەلەق مەدرىسىدە 8 يىل ئوقۇغان.
بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن مۇھاممەت قاسىم تۈركىستانى ئەپەندى مەمەتئېمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرىنى ئەرەپچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغاندىن باشقا، «تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شەخىسلەر»ناملىق چوڭ تىپلىق ئەسەرنى ئەرەپ تىلىدا نەشىر قىلدۇرغان. بۇ ئەسەرگە قەدىمدىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن 1200 ئەتراپىدا مەشھۇر شەخسنىڭ ئىش - ئىزلىرى، تارىختا قوشقان تۆھپىلىرى بايان قىلىنغان. مۇھاممەت قاسىم تۈركىستانى ياشىنىپ قالغان بولغاچقا رادىئومىزغان گەپ قىلالمىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يېقىندا ئۇنى يوقلاپ كەلگەن سابىق شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇھاممەت قاسىم تۈركىستانىنىڭ 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب قويۇلغان ئائىلە كۈتۈپخانىسى بىلەن ئەرەپ تىلىدا تەييارلىغان بۇ ئىككى ئەسىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەرەپ دۇنياسىدا ئەرەپلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا ۋە ئەرەبلەرگە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن بەكلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00