مۇنىر يېرزىن: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى» نى كونترول قىلغان
2018.09.27
1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى 1946-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 11 ماددىلىق بىتىمنى ئىمزالىشى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپتىن كۆرسىتىلگەن ۋەكىللەردىن ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجى قاتارلىق 4 كىشى ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.
شۇنىڭدىن كېيىن قوراللىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب كەسكىن سىياسىي كۈرەش دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى سىياسىي كۈرەشكە يېتەكچىلىك قىلدى.
ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا ئۆتۈش بىلەن ئىلى تەرەپنىڭ ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ئاساسىي تەشۋىقات بازىسىغا ئايلانغان.
ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس، ئىلگىرىكى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇنىر يېرزىن ئەپەندى 1947-يىلى مايدىن تاكى ئاۋغۇستقىچە ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى» دە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن غۇلجىغا بېرىپ، «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن.
مۇنىر يېرزىننىڭ ئۆز ھايات ئەسلىمىسىدە تونۇشتۇرۇشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى» نى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر سايرانىنى بۇ گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى قىلىپ تەيىنلىگەن. ئەنە شۇ ئۇيغۇر سايرانى تېخى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننى يېڭىدىن تاماملىغان تاتار يىگىتى مۇنىر يېرزىننى بۇ گېزىتكە خىزمەتكە قوبۇل قىلغان ئىدى.
بۇ يىل 91 ياشقا كىرگەن «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ سابىق كەسپىي مۇخبىرى مۇنىر يېرزىن ئەپەندى 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدىدۇر. ئۇنىڭ ئەسلىشىچە ئەخمەتجان قاسىمى ۋەكىللىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپ بۇ گېزىتنى تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان بولۇپ، گېزىتنىڭ ئاساسىي نىشانى خىتاي گومىنداڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى پاش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش ئىدى.
مۇنىر يېرزىننىڭ ئېيتىشىچە، 1946-يىلى، 7-ئايدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، يەنى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى» تەرەپ غۇلجىدا «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى، چۆچەكتە «خەلق ئاۋازى» قاتارلىق گېزىت ۋە «كۈرەش» قاتارلىق بىر قانچە ژۇرناللارنى چىقارغان بولۇپ، مەزكۇر گېزىت-ژۇرناللار يەتتە ۋىلايەتكە يوشۇرۇن ئەۋەتىلەتتى.
بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە چىقىرىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن خىتاي تىلىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» بىر-بىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان سىياسىي مەۋقەدە تۇرىدىغان بولۇپ، خىتايچە گېزىت خىتاي گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلاشنى، «ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ» نى ئەيىبلەشنى مۇددا قىلغان. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىت بولسا، خىتاي گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى سۆكەتتى. بۇنىڭغا چىدىمىغان گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى گارنىزونى ۋە باشقا دائىرىلىرى بىرلىشىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىتنى سوتقا بېرىپ، باش مۇھەررىر ئۇيغۇر سايرانى باشچىلىقىدىكى بارلىق گېزىت خادىملىرى ۋە تەھرىرلىرىنى قولغا ئالماقچى بولغاندا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار غۇلجىغا كېتىش بىلەن تەڭ گېزىت خادىملىرىمۇ غۇلجىغا كېتىپ، خىتاينىڭ قولغا ئېلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالدى.
مۇنىر يېرزىنمۇ غۇلجىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى مۇخبىرى بولۇپ، ئۆز ژۇرنالىستلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى.
ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار غۇلجىغا كەتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» خىتاينىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا ئۆتۈپ، خىتاي گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلانغان. (داۋامى بار)