مۇنىر يېرزىن : ئەخمەتجان قاسىمى «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» نىڭ باش يۆنىلىشىنى بەلگىلەيتتى
2018.10.18

ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 91 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇرشۇناس، 1945-1949-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ شاھىتى مۇنىر يېرزىن ئەپەندى ئۆز ھاياتىدا شاھىت بولغان تارىخى ۋەقەلەرنى ئەسلىگىنىدە ئۆزىنىڭ 1947-يىلى، 27-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قېچىپ بارغاندىن كېيىن «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» دە مۇخبىر بولۇپ، تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىگەن ھايات مۇساپىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
«ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن نەشر قىلىنىشقا باشلىغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى «ئازاد شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» نىڭ داۋامى بولۇپ، مەزكۇر گېزىتى بىتىم ئىمزالانغاندىن كېيىن 1946-يىلى، 7-ئايدىن باشلاپ «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» دەپ ئاتالغان ئىدى.
مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ باشلىقى ئۇيغۇر سايرانى 1947-يىلى، 26-ئاۋغۇست كۈنى غۇلجىغا كەتكەندىن كېيىن مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنى «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھەم باش مۇھەررىرىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن. ئۇ 6 خىل تىلدا چىقىدىغان مەزكۇر گېزىتخانىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.
«ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى»، ئۇيغۇرچە، رۇسچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، شىبەچە ۋە خىتايچە تىللاردا چىقىرىلغان ئىدى. گېزىتخانىنىڭ تەخمىنەن 60-70 ئەتراپىدا خادىمى بار ئىدى.
مۇنىر يېرزىننىڭ ئېيتىشىچە، «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» ئىدارىسى ئۆز باسمىخانىسى، ئايرىم-ئايرىم تىللاردىكى مۇخبىرلىرى، تەھرىرلىرى، مالىيە ۋە كادىرلار ئىشلىرى باشقارمىلىرىغا ئىگە دۆلەت ئىدارىسى ئىدى.
«ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ قانداق ماقالىلەرنى، قانداق خەۋەرلەرنى بېسىش، خىزمەت يۆنىلىشى قانداق بولۇش بىۋاسىتە ئۇيغۇر سايرانىڭ رەھبەرلىكىدە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يوليورۇقلىرىغا بويسۇناتتى. ئەمەلىيەتتە ئەخمەتجان قاسىمى ئالدىراش بولۇشىغا قارىماي، «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» نىڭ مەتبۇئاتچىلىق يۆنىلىشىگە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلاتتى. گېزىتنىڭ ئاساسلىق ۋە مۇھىم ماقالىلىرىنى ئۆزى بىۋاسىتە ئوقۇپ چىقىپ تەستىق سالاتتى.
مۇنىر يېرزىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇيغۇر سايرانى مېنى كۆپ قېتىم گېزىتنىڭ مۇھىم ماقالىلىرىنى ئەخمەتجان قاسىمىغا ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتكەن، ئەخمەت ئەپەندى بۇ ماقالىلەرنى ئوقۇپ تەستىق سالغان ياكى پىكىر بەرگەندىن كېيىن مەن ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر سايرانىغا تاپشۇراتتىم» دەيدۇ.
مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» نىڭ تۈپ نىشانى خىتاي گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ 11 ماددىلىق بىتىمنى ئىجرا قىلمىغانلىقى، بىتىمگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، ئۇنىڭ يەتتە ۋىلايەت خەلقىگە سالغان زۇلۇملىرىنى پاش قىلىش، خەلقنىڭ ئەركىنلىك، ئازادلىق ۋە خەلقچىللىق ئىدىيەسىنى كۈچەيتىش شۇنىڭدەك ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەت، خەلقئارا ئەھۋال قاتارلىقلاردىن مەلۇمات بېرىش قاتارلىقلار ئىدى. چۈنكى، بۇ گېزىت ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان گېزىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ يۆنىلىشى ۋە مەيدانى ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلاتتى.
بۇ گېزىتتە تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسى قوللىنىلغان. گېزىتنىڭ سەھىپىلىرى مول بولۇپ، خەۋەرلەر سەھىپىسى ئەڭ مۇھىم سەھىپىلەردىن ھېسابلىنىپ، ئىچكى خەۋەرلەر ئۆز مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن، خەلقئارا خەۋەرلەر ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئاگېنتلىقلاردىن ئېلىناتتى.
سوۋېت ئىتتىپاقى ئاگېنتلىقلىرىدىن «ئۆزتاگ»، «قازتاگ» ۋە باشقا ئاگېنتلىقلارنىڭ خەلقئارالىق خەۋەرلىرى كۈندىلىك رادىيو ئارقىلىق ئاڭلىنىپ تەييارلىناتتى. «ئۇزتاگ» - بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ت ئا س س ئاگېنتلىقىنىڭ قارمىقى بولغان ئۆزبېكىستان تېلېگراف ئاگېنتلىقى، «قازتاگ» - قازاقىستان تېلېگراف ئاگېنتلىقى دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى ئىدى.
1947-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتاي ۋەزىيىتىگە ئائىت خەۋەرلەرمۇ كۆپلەپ بېرىلىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ خەۋەرلەرنى «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» نىڭ خىتاي تىلىدىكى نۇسخىسى بولغان «دېموكراتىيە گېزىتى» نىڭ خادىملىرى رادىيو ئارقىلىق ئالغاندىن كېيىن بەزى مۇھىم دەپ قارالغانلىرى ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ئېلان قىلىناتتى. بۇلار خىتاي تىلىدىكى «يېڭى دېھلى» ۋە «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» دىن كەلگەن.
«ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» ئىدارىسىگە، جۈملىدىن غۇلجا قاتارلىق جايلارغا سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان بىر قىسىم گېزىتلەر ۋە ژۇرناللارمۇ كېلىپ تۇراتتى، بۇلارمۇ زىيالىيلارنىڭ جۈملىدىن گېزىتخانا خادىملىرىنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ئىدى. «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان»، «كۈرەش» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللار مەخپىي يوسۇندا يەتتە ۋىلايەتكە ئەۋەتىلىپ تۇرۇلاتتى.