مۇنىر يېرزىن : « ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان»گېزىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىللىرى ئىشلىگەن ئىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.10.25
munir-erzin-kitab-305.jpg يېقىندا ئالماتادىكى «ئېكونومىكا» نەشرىياتىدا مەشھۇر قازاقىستانلىق تاتار تارىخچىسى، ئۇيغۇرشۇناس، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر ئېرزىننىڭ كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Oyghan

1944-يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب غەلىبىسىنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە شۇ يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ 17-نويابىردىن ئېتىبارەن چىقىشقا باشلىغان ئورگان گېزىتى - «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» 1946-يىلى، 7-ئايدا «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنىڭ بەش يىللىق مۇستەقىل مەتبۇئاتلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى.

20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر دىيارى مەتبۇئات تارىخىدىكى تۇنجى ئەڭ چوڭ ۋە كۆپ تىللىق مەزكۇر گېزىتتە 20-ئەسىر تارىخىدىكى بىر قىسىم مەشھۇر ئۇيغۇر، قازاق، تاتار، شىبە، موڭغۇل ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرى، ئەدىب-شائىرلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرى خىزمەت قىلغان ئىدى.

1947-1949-يىلىغىچە «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە مۇخبىر بولۇپ خىزمەت قىلغان، ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 91 ياشلىق ئۇيغۇرشۇناس ۋە ژۇرنالىست مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مەتبۇئاتنىڭ خەلق ھاياتىدىكى رولىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش بىلەن تەڭ جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشىدە ھۆكۈمەت ئورگان گېزىتى بولغان «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنى كۆپ تىلدا نەشر قىلىشقا كىرىشكەن. مەزكۇر گېزىتخانا 1947-يىلىدىن كېيىن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ كېڭەيدى، مۇخبىر ۋە خادىملىرى تولۇقلاندى، گېزىتلەرنىڭ تىراژىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى. ئۆزىنى قۇدرەتلىك دۆلەت دەپ ئاتىغان جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى پەقەت خىتاي، ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدا «شىنجاڭ گېزىتى» نى چىقارغان بولسا، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى بىراقلا ئالتە تىلدا گېزىت چىقىرىش بىلەن ئەينى ۋاقىتتا، ئۇيغۇر دىيارى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت ئىدارىسىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى.

مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى 6 خىل تىلدىكى تەھرىر بۆلۈمى ئىچىدە ئەڭ چوڭى بولۇپ، بۇ بۆلۈمنى ئاتاقلىق شائىر ۋە ژۇرنالىست نۇر بوساقوف باشقۇردى. بۇ ئورۇندا 20-ئەسىردە مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرلىرى-ئەدىبلىرى خىزمەت قىلىپ ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشتى.

«ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي مەسىلىلەر ۋە خەۋەرلەر سەھىپىلىرىدىن باشقا يەنە مەخسۇس ئەدەبىيات بېتى بار بولۇپ، بۇ بەت يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ئىدى.

پېشقەدەم تارىخى شاھىت مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى ئىدارىسىدە 1949-يىلى، 8-ئايدا مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، گېنېرال ئىسھاقبېك مۇنونوف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف بىلەن بىرگە ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئىشەنمەي كېلىۋاتقان سىرلىق ئايروپىلان ھادىسىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيەسىدە قازا قىلغان ئابدۇرېشىت ئىمىنوفمۇ ئىشلىگەن ئىدى.

«ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە ئىشلىگەنلەر: نۇر بوساقوف، ئىبراھىم نورۇزوف، ئەلقەم ئەختەم، ئابدۇرېشىت ئىمىنوف، خەمىت تۆھپى، تۇردۇش، نىمشېھىت ئەرمىيە ئېلى، تۇرغۇن ئالماس ئىشلىدى، زۇنۇن قادىرى چەتتىن قاتنىشاتتى، ماقالىلەر يازاتتى، ھەر دائىم كېلەتتى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دىنىي نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى سابىت داموللا دىنىي نازارەتتىن كېلىپ، گېزىتنىڭ دىنى مەزمۇنلىرىنىڭ تەپتىشلىقىنى قىلغان بولۇپ، ئۇ دىنىي مەزمۇنلار، ئەرەبچە ۋە فارىسچە سۆزلەرنىڭ تەھرىرلىكىگە ئەھمىيەت بېرەتتى.

«ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە خىزمەت قىلغان تۇرغۇن ئالماس 1990-1980-يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى سۈپىتىدە تونۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق ئەسەرلىرى ھازىرغا قەدەر چەكلەنمەكتە. مەزكۇر گېزىتخانىنىڭ ئاساسلىق خادىملىرىدىن زۇنۇن قادىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پروزىچىلىقىنىڭ ئاساسچىسى ۋە نامايەندىسى سۈپىتىدە، نىمشېھىت ئەرمىيە ئېلى، ئەلقەم ئەختەم، تېيىپجان ئەلىيوف قاتارلىقلارمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى نامايەندىلەر سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى-كېيىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدا ۋاپات بولغان.

1927-يىلى، ئالتايدا تاتار زىيالىيسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن مۇنىر يېرزىن ئەپەندى، 1949-يىلى، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلەپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىپ «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، 1954-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن. ئۇ، قازاقىستاندا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئۇيغۇر مەتبۇئات تارىخى مەسىلىلىرى ۋە باشقا تارىخىي ماۋزۇلاردا ئىزدىنىپ، تارىخ پەنلىرى دوكتورى بولغان ھەمدە كۆپلىگەن كىتاب ۋە ماقالىلەرنى نەشر قىلدۇردى. «ئۇيغۇر سوۋېت مەتبۇئات تارىخى» ناملىق ئەسىرى ئۇنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقات ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.