مۇنىر يېرزىن: مىللىي ئارمىيە ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلسا، ئۈرۈمچىنى ئازاد قىلالايتتى

0:00 / 0:00

1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى جىڭ ۋە شىخولارنى ئازاد قىلىپ، خىتاي قوشۇنلىرىنى قوغلاپ ماناس دەرياسىنىڭ شەرقىگە ھەيدەپ چىقاردى ۋە مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرى 13-سېنتەبىر كۈنى ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كېلىپ داۋاملىق شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئۈرۈمچىنى ئازاد قىلىشقا تەييارلاندى. مانا بۇ خەۋەر ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ ھەربىي-مەمۇرىي دائىرىلىرى ۋە خىتاي ئاھالىسىنى زور قورقۇنچقا سالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا جاڭ كەيشى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن جاڭ جىجوڭ ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى جاڭ كەيشىگە مەلۇم قىلدى. 8-ئۇرۇش رايونى قوماندانى جۇ شاۋلياڭ 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى جاڭ جىجوڭغا مەلۇم قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان قوشۇنلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئىككى كۈنلۈك يول بولغان ماناس دەرياسىنىڭ غەربىگە يېتىپ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەر قاچان ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى، ئەكسىچە ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئاران 6 باتاليون بولۇپ، 46-دىۋىزىيەنىڭ بىر قىسمى ۋە 5-كورپۇسنىڭ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن 8-10 كۈن كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەھۋالنى جاڭ ججوڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە خاتىرىلىگەن.

شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي تارىخچىسى جاڭ داجۈننىڭ ئۆز كىتابىدا خاتىرىلىشىچە، 1945-يىلى 9-ئايدا شەرقىي تۈركىستان پارتىزانلىرى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 8-9 كىلومېتىر نېرى جايلارغا يېتىپ كەلگەنىدى. ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىسى تۇشمۇتۇشتىن قېچىشقا باشلىغان بولۇپ، باھالار تېزدىن يۇقىرىلاپ كەتكەن. ھەتتا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى كۆچۈرۈش پىلانىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن. ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى ئادەملەر قورقۇنچقا چۆمگەن.

ئەينى ۋاقىتتىكى شىخو ئالدىنقى سېپىدىكى گومىنداڭ ئوفىتسېرلىرىدىن دوڭ شىنىڭ خاتىرىلىشىچە، ئەگەر مىللىي ئارمىيە داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسا ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرەلەيتتى. ئۇنداقتا ئەينى ۋاقىتتا، ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان مۇنىر يېرزىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنى ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ، مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلسا، مەلۇم قان تۆكۈلۈشلەر ئارقىلىق ئۈرۈمچىنى ئازاد قىلالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ يىل 92 ياشلىق مۇنىر يېرزىن 1946-1947-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» دە، 1947-1949-يىللىرى غۇلجادىكى «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە ئىشلىگەن. 1955-يىلىدىن ھازىرغىچە ئالمۇتا شەھىرىدە ياشىماقتا.