ئايشەمخان-شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ نامسىز قەھرىمانى ( 1)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2019-04-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە.
مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە.
RFA

ئازادلىق ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىش

ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللاردىن تولىمۇ پەخىرلىنىدۇ شۇنىڭدەك ئۇلار ئاياللارنى ئۇلۇغلاش، ھۆرمەتلەش، ھەتتا ئۆز تارىخىدىكى ئايال نامايەندىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سىمۋوللىرى سۈپىتىدە قەدىرلەش ھەم تىكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار پەخىرلىنىدىغان مىللىي سىمۋوللىرى قاتارىدا مىللەتنىڭ ئازادلىقى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئۆز ھاياتىنى شۇ يولغا ئاتىغان بىر قىسىم ئايال قەھرىمانلار مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئايال قەھرىمانلار ھەققىدە يۈزلىگەن داستان، رومان-پوۋېست، شېئىر-ھېكايە، ناخشا-مۇزىكىلار ۋە باشقا ھەر خىل ئەسەرلەر يېزىلىپ ۋە ئېغىزدىن-ئېغىزغا مەدھىيە ئوقۇلۇپ كېلىنمەكتە.

ئەنە شۇ ناملىرى ياد ئېتىلىپ، مەدھىيەلىنىپ كېلىنگەن نۇزۇگۇم، رىزۋانگۈل قاتارلىق قەھرىمان ئاياللاردىن باشقا يەنە بىر قىسىملارنىڭ نامى خەلق ئىچىگە كەڭ بىلىنمەي قالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ھايات-ماماتلىق كۈرەش سەپلىرىدە، جەڭ مەيدانلىرىدا ئەرلەر بىلەن تەڭ قەھرىمانلىق روھىنى نامايان قىلغان ئىدى.

ئەنە شۇنداق نامسىز قەھرىمانلارنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبقا ئەۋەتكەن قوشۇنىنىڭ جەڭچىسى، شەپقەت ھەمشىرىسى ئايشەمخاندۇر! .

ئايشەمخان ئاقسۇ ئۇرۇش مەيدانىدا پىداكارلىق بىلەن جەڭلەرگە قاتنىشىپ، يارىدارلارنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئاخىرىدا دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالغاندىمۇ تىز پۈكمەي دۈشمەن تەرىپىدىن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن باش ئەگمەس، ئۆز مەۋقەسى ۋە قەسىمىگە سادىق جەڭچى ئىدى. لېكىن، مىللىي ئارمىيەنىڭ مەزكۇر شەپقەت ھەمشىرىسىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ئۇرۇش مەيدانىدا بولغان جەڭچى-ئوفىتسېرلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىنكى تەقدىرى نامەلۇم قالغانلىقى، شۇنىڭدەك ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ نامى تارىخ بەتلىرىگە يېزىلىپ، تەشۋىق قىلىنماي قېلىشى بىلەن خەلق بۇ قەھرىماندىن خەۋەرسىز قالغان ئىدى.

ئايشەمخاننىڭ نامى ئاقسۇغا ئەۋەتىلگەن قوشۇننىڭ كوماندىرى سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسلىمىسىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئايشەمخاننىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەلەر شاھىتى، ژۇرنالىست ئەيسا يۈسۈپنىڭ «ئاقسۇدا 1945-يىلى» ماۋزۇلۇق كىتابىدىمۇ «قەمەرنىسا» دېگەن ئىسىم بىلەن مىللىي ئارمىيەنىڭ شەپقەت ھەمشىرىسى سۈپىتىدە خېلى كۆپ تەسۋىرلىنىدۇ. 1980-يىللاردىن كېيىن ئوقۇرمەنلەر ئەنە شۇ ئەسەر ئارقىلىق ئاقسۇ ئۇرۇش مەيدانىدا «قەمەرنىسا» ئىسىملىك شەپقەت ھەمشىرىسى بولغانلىقى بىلەن تونۇشقان ئىدى.

2000-يىللاردىن كېيىن ئاقسۇدىكى بىر قىسىم تارىخچىلارنىڭ ئىزدىنىشى، بولۇپمۇ ئاقسۇ ئۇرۇشىغا قاتناشقان سوپاخۇن سوۋۇروف، مۆمىن تالىپ، ئۆمەرجان كەرىموف، ئۆمەرجان سابىتوف ۋە باشقا سابىق مىللىي ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى ئارقىلىق ئاقسۇ ئۇرۇش مەيدانىدىكى مەزكۇر باتۇر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنىڭ ئايشەمخان ئىكەنلىكى بېكىتىلدى.

ئۇنداقتا ئايشەمخان ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىق داستانىنى قانداق يازدى؟

تارىخىي پاكىتلار بويىچە ئالغاندا، 1945-يىلى، 7-ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى باش قوماندانلىق شتابى شىمالىي ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى جەڭلەرنىڭ غەلىبىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سوپاخۇن سوۋۇروف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە 200 كىشىگە يېقىن بىر ئاتلىق ئەترەتنى ئاقسۇ يۆنىلىشىدە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتكەن. بۇ قوشۇن 8-ئاينىڭ بېشى تېكەس ئارقىلىق تەڭرى تېغىدىن ئۆتۈپ، باينىڭ قىيىر دېگەن يېرىگە چۈشۈپ، تاكى 10-ئايغىچە ئىلگىرى-كېيىن باي، ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەلىرىنى ئازاد قىلىپ، ئاقسۇنى بىر ئاي ئەتراپىدا قورشىغان. ئەنە شۇ قوشۇن تەركىبىدە ئايشەمخان شەپقەت ھەمشىرىسى سۈپىتىدە بارلىق جەڭلەرگە قاتناشقان ئىدى. مەزكۇر قوشۇننىڭ جەڭچىسى، كېيىنكى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىدا خىزمەت قىلغان، 2017-يىلى بىشكەكتە ۋاپات بولغان خەمىت كەنجىبايېف ھايات ۋاقتىدا، يەنى 2013-يىل ئۆزىنىڭ ئاقسۇدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالغاندا ئۇ ئۆزلىرى بىلەن ئايشەمخان ئىسىملىك ئۇيغۇر شەپقەت ھەمشىرىسىنىڭ جەڭلەردە بىرگە بولغانلىقىنى، بىراق كېيىن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا تۇيۇقسىز ئاقسۇدىن چېكىنىشكە توغرا كەلگەن ھەم دۈشمەننىڭ قاتتىق ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان.

مىرزىگۈل ناسىروف كوماندىرلىقىدىكى ئاقسۇدا جەڭ قىلغان ئاتلىق دىۋىزىيوننىڭ جەڭچىسى 1945-يىلى 9-10-ئايلاردا باي ئەتراپىدىكى قوراللىق كۈرەشكە قاتناشقان ھازىر ئالمۇتادىكى نۇرمۇھەممەد سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقسۇ ئۇرۇش مەيدانىدا ئايشەمخان بىلەن بىرگە يەنە باشقا ئايال جەڭچىلەرمۇ بولغان ئىدى. قوشۇن كوماندىرى سوپاخۇننىڭ ئايالى تۇخان ئەنە شۇنداق قەھرىمان ئايال جەڭچىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ھەتتا ئۇ ئۆزى خىزمەت قىلغان دىۋىزىيوندىمۇ ئايال شەپقەت ھەمشىرىلىرى بولغان ئىدى.

باي ۋە كۇچار ئارىسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان نۇرمۇھەممەد سادىقوف ئاقسۇ ئۇرۇش مەيدانىدا تۇخان، ئايشەمخان ۋە رۇس قىزى تانىيا قاتارلىق ئايال جەڭچىلەر، يەنى شەپقەت ھەمشىرىلىرىنىڭ جەڭچىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغان.

سوپاخۇن كوماندىرلىقىدىكى قوشۇن تەركىبىدە ئاقسۇ ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ئېسكادرون كوماندىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىدىن مەرھۇم ئۆمەرجان كەرىموف ۋە باشقىلارنىڭ ئەسلىمىلىرىمگە قارىغاندا، ئۇلار ئايشەمخان بىلەن باشتىن ئاخىرى بىرلىكتە جەڭ قىلغان. ئايشەمخان شۇ ۋاقىتتا 23 ياشلاردا ئىدى. ئايشەمخاننىڭ تولۇق تەرجىمىھالى ۋە باشقا ئۇچۇرلار يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئۇ باي ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قالغان، 1943-يىللىرى ئەتراپىدا توي قىلىپ، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ۋە شۇ يەردىكى شېڭ شىسەينىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش يولى ئىزدەش سەۋەبىدىن يولدىشى سەمەتاخۇن بىلەن بىرگە مۇزداۋاندىن ئۆتۈپ ئىلىغا چىقىپ كەتكەن. ئۇلار موڭغۇلكۈرە، تېكەس قاتارلىق جايلاردا كۆمۈر كانىدا ۋە باشقا جايلاردا مەدىكارچىلىق قىلىپ، جاپالىق ئىشلەپ يۈرگەن. ئەنە شۇ كۈنلەردە، يەنى 1944-يىلى، نويابىردا ئىنقىلاب پارتلىغاندا ئىنقىلابقا ئاۋاز قوشقان. 1945-يىلى، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوپاخۇن كوماندىرلىقىدىكى ئەترەت تېكەسكە كېلىپ، ئاقسۇغا ئاتلىنىش ئالدىدا ئايشەمخەن يولدىشى بىلەن بىرگە سوپاخۇن ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاقسۇدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنى بۇ قوشۇن تەركىبىگە قوشۇۋېلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان. ئۇ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرى، سوپاخۇن سوۋۇروف قاتارلىقلارنى بىردەك قايىل قىلغان، نەتىجىدە ئۇلار بىردەك ھالدا بۇ قىز ۋە يولدىشىنى ھەربىي سەپكە رەسمىي قوبۇل قىلىپ، ئايشەمخاننى شەپقەت ھەمشىرىسىلىككە، يولدىشىنى مىناميوت ۋىزۋودىغا تەقسىم قىلغان. ئايشەمخان مىللىي ئارمىيە ھەربىي كىيىمىنى كىيىپ، شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ۋە ئاقسۇ فرونتىدىكى قوشۇننىڭ شەپقەت ھەمشىرىسى بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جەڭ مەيدانىدا يارىدار ئەسكەرلەرنى قانداق قۇتۇلدۇرۇش، قورال ئىشلىتىش ۋە باشقا ھەربىي ئىنتىزام قائىدىلىرىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈۋالغان. شۇنداق قىلىپ، ئايشەمخان سوپاخۇن سوۋۇروف كوماندىرلىقىدىكى بىر ئاتلىق ئېسكادروندىن تەركىب تاپقان جەنۇبىي فرونت ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە 1945-يىلى، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۇرۇشقا ئاتلىنىش ئالدىدىكى تېكەس دەرياسى بويىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە، ھەربىي ئىشلار نازىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مەمۇرىي ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، يەرلىك مەمۇرىي شەخسلەر، ھەر مىللەت خەلقى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل بايرىقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بايراققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئايشەمخاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي فرونت ئاتلىق قوشۇنى خەتەرلىك، مۇزلۇق تىك چوقىلار ۋە مۇزلۇق داۋانلار بىلەن تولغان تەڭرى تاغلىرىدىن ھالقىپ، ئاقسۇنى ئازاد قىلىش جېڭىگە ئاتلانغان.

( داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت