ساتقۇنلۇقنىڭ قۇربانى: ھەربىي ئەسىر ئايشەمخان
سوپاخۇن سوۋۇروف كوماندىرلىقىدىكى ئاقسۇغا چۈشكەن قوشۇن ئاقسۇ كوناشەھەرنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، 1945-يىلى، 7-سېنتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن خىتاي قوشۇنلىرى بېكىنىۋالغان ئاقسۇ يېڭى شەھىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن شىددەت بىلەن قورشاپ ھۇجۇم باشلىدى. ئېگىز ۋە مۇستەھكەم سېپىلغا تايىنىۋاتقان خىتاي گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ 5-ئاتلىق پولكى ئاقسۇ ۋە كوناشەھەردىكى ئاز ساندىكى خىتاي ئاھالىسى، خىتاي سودىگەرلىرى، ھۆكۈمەت مەمۇرىي خادىملىرىدىن ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى قۇرۇپ، ئۆز قوشۇنىغا ماسلاشتۇرۇپ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى.
ئايشەمخان شەپقەت ھەمشىرىسى سۈپىتىدە ئاقسۇ سېپىلىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىش جەڭلىرىگە باشتىن ئاخىرى قاتنىشىپ، يارىدار جەڭچىلەرگە تېببىي ياردەم كۆرسىتىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى. تارىخىي شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇ، بەزىدە ئاقسۇ سېپىلىنى قورشاۋاتقان ئالدىنقى سەپ جەڭچىلىرى ئارىسىدا بولسا، بەزىدە يارىدار جەڭچىلەرنى ئېلىپ كوناشەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى مىللىي ئارمىيە دوختۇرلۇق پونكىتىغا ئورۇنلاشتۇراتتى، ئۇ ئەڭ خەتەرلىك، قىيىن ۋە جاپالىق يەرلەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت جەڭچىلەرنىڭ كۆزىگە چۈشۈپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشتىمۇ رول ئوينىغان ئىدى. ئاقسۇ فرونتىدا جەڭ قىلغان سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى، مىرزىگۈل ناسىروف كوماندىرلىقىدىكى ئاتلىق باتاليوننىڭ ئەسكىرى، ھازىر ئالمۇتادىكى 91 ياشلىق نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋاقىتتا مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىققا ئىنتىلگەن ئاقسۇ خەلقى مىللىي ئارمىيىگە ھەر جەھەتتىن ياردەم كۆرسەتكەن ۋە قوللىغان بولۇپ، ئۇلار مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھېچنېمىسىنى ئايىمىغان ئىدى. ئۇلارنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن كەڭ كۇشادە تەمىنلىسە، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى، ئىگەر-جابدۇقلىرىنى بەرگەن ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاتلىرىنى يەم-خەشەكلەر بىلەن تەمىنلىگەن.
مىللىي ئارمىيە قوشۇنى خەلق پىدائىيلىرىنىڭ كۈچلۈك ماسلىشىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا ئاقسۇ سېپىلىنى بىر ھەپتە قورشىغان بولسىمۇ، ئەمما 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى جىددىي قارار چىقىرىپ، سېپىل قورشاۋىنى بىكار قىلىپ، دەرھال جام ۋە قورغان تەرەپكە چېكىنىپ كەتتى. مەزكۇر قوشۇننىڭ كوماندىرى سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسلىمىسىدە، ئۆمەرجان كەرىموف قاتارلىق مەزكۇر قوشۇننىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرىدە شۇنىڭدەك ئەيسا يۈسۈپنىڭ «ئاقسۇدا 1945-يىلى» ماۋزۇلۇق تارىخى قىسسەسىدە قەيت قىلىنىشىچە، سان ۋە قورال-ياراق جەھەتتىن دۈشمەندىن ئاز ۋە ئاجىز ھېسابلانغان مەزكۇر مىللىي ئارمىيە قوشۇنى كۇچاردىكى خىتاي پولكىنىڭ ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئاقسۇ ۋە كۇچاردىكى خىتاي قوشۇنلىرىنىڭ بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشى ھەمدە كۇچاردىن كېلىدىغان دۈشمەن قوشۇنىنىڭ مۇزداۋان يولىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئاقسۇدىكى مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئازاد رايونى-ئىلى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىشىغا ئائىت خەۋپلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولغان ئىدى. سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى، ئەينى ۋاقىتتا مىرزىگۈل ناسىروف كوماندىرلىقىدا بايغا چۈشكەن قوشۇنىنىڭ جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىمۇ سوپاخۇنلارنىڭ ئارقا سېپىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن مىرزىگۈل ناسىروف، ئاسىلخان باشلامچىلىقىدىكى بىر دىۋىزىيوننىمۇ بايغا ئەۋەتكەن ئىدى. سوپاخۇن سوۋۇروف قاتارلىق كوماندىرلار ۋە رەھبەرلەر ئەنە شۇ قوشۇن بىلەن بىرلىشىپ، ئۆز كۈچىنى زورايتىپ قايتىدىن ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئاقسۇ قورشاۋىنى ۋاقىتلىق بىكار قىلىپ چېكىنىشنى قارار قىلغان ئىدى.
9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاقسۇدىكى مىللىي ئارمىيە قوشۇنى ۋە ئاقسۇ كوناشەھەردىكى دوختۇرخانا ھەم ئارقا سەپ خادىملىرى دەرھال مۇزداۋان تەرەپتىكى بوزدۆڭ، قورغان، جام قاتارلىق جايلارغا چېكىنگەن بولۇپ، مىللىي ئارمىيە شەپقەت ھەمشىرىسى ئايشەمخان ئەنە شۇ چېكىنىشتە سەپتىن قېلىپ، دۈشمەن قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان.
ئەپسۇسكى، سوپاخۇن قاتارلىق كوماندىرلار ئايشەمخاننىڭ سەپتىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقى، نېمە سەۋەبتىن سەپتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، قىسقىسى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئىدى.
مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئايشەمخاننىڭ تەقدىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ يولدىشى، يەنى مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ساۋۇتاخۇن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ھەم كوماندىرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئېنىق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان ھەتتا ئۇنىڭ يارىدارلارنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئۆلگەنلىكىمۇ ئېيتىلغان. ئاشۇ تارىخى ۋەقەلەر شاھىتى ئەيسا يۈسۈپ بولسا «قەمەرنىسا» ئىسىملىك ئۇيغۇر شەپقەت ھەمشىرىسىنىڭ قوشۇن چېكىنگەندە كوناشەھەر دوختۇرخانىسىدىكى يۆتكەشكە ئۈلگۈرەلمىگەن بىر قانچە ئېغىر يارىدارلارنى تاشلاپ كەتمەستىن، ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن قالغانلىقى ۋە ئاخىرىدا دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى يازىدۇ.
ئومۇمەن، ئايشەمخان، مىللىي ئارمىيە ئاقسۇ يېڭىشەھەردىن چېكىنگەن ۋە خىتاي قوشۇنلىرى قايتىدىن كوناشەھەرنى ئىشغال قىلغان ئاشۇ 9-ئاينىڭ 15-كۈنلىرى كوناشەھەردە دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئاقسۇ سېپىلى ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىلىپ ئەسىرلىك ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ سەپداشلىرى، مىللىي ئارمىيە كوماندىرلىرىغا مەۋھۇم قالغان ئىدى.
سوپاخۇن سوۋۇروف قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى قوشۇن چېكىنىپ جامغا ئورۇنلاشقاندا، يەنى 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى ئاسىلخان ۋە دىۋىزىيون كوماندىرى ناسىروف باشلىغان بىر ئەترەتمۇ جامغا يېتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ، جىددىي تۈردە ئاقسۇغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقى ئېلىپ بارغان. بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇ فرونتى رەھبەرلىرى غۇلجىغا ئەسكىرىي ياردەم ۋە ئوق-دورا ئەۋەتىش ھەققىدە ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ نەتىجە بولمىغان. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارغا بىرەر پولك دەرىجىلىك ئەسكىرىي كۈچ ۋە ياكى پارتلىتىش دورىسى، ئوق-دورا قاتارلىق جەھەتلەردىنمۇ ياردەم ئەۋەتمىگەن بولۇپ، تارىخىي شاھىتلارنىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەبنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى، يەنى 2-دومنىڭ ئاقسۇ فرونتىدىكى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى خالىمىغانلىقىدا دەپ قارايدۇ. سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسلىشىچە، بۇ ۋاقىتتا پەقەت غۇلجىدىكى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى دىسنىكوف باشچىلىقىدىكى ئوننەچچە كىشىلىك سوۋېت ئىتتىپاقلىق مەسلىھەتچىلەر، موڭغۇل دىۋىزىيونىنىڭ ئىككى ئىزۋوتىنىلا ياردەمگە ئەۋەتكەن. ئەمما، بۇ چاغدا مىللىي ئارمىيە جىڭ، شىخۇ ئۇرۇشلىرىدا غەلىبە قازىنىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ بىرەر ئىككى پولكنى ئاقسۇغا ئەۋەتىشكە پۈتۈنلەي ئىمكانىيىتى بار ئىدى.
سوپاخۇن سوۋۇروف، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئاسىلخان تۆرە ۋە مىرزىگۈل ناسىروف قاتارلىق كوماندىرلار مەسلىھەتلىشىپ، مىرزىگۈل ناسىروف باشلاپ كەلگەن 100 گە يېقىن ئادەمنى قوشۇپ، يېڭىدىن ئالغان پىدائىيلارنى بىرلەشتۈرۈپ، 1945-يىلى، 22-سېنتەبىر كۈنى ئىككىنچى قېتىم كوناشەھەرنى ئازاد قىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىنى ئىككىنچى قېتىم قورشىدى.
ئايشەمخاننىڭ يولدىشى ساۋۇتاخۇن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بۇ ۋاقىتتا ئايشەمخاننىڭ ئىز-دېرىكىنى يەنە سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئېنىق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدى. ئىككىنچى قېتىملىق ئاقسۇغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش جېڭى 20 كۈنلەرچە داۋاملاشتى. دېمەك ئارىلىقتا 20 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى سەۋەبىدىن 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاقسۇنى قورشاۋاتقان مىللىي ئارمىيىگە قورشاۋنى بىكار قىلىپ، چېكىنىش بۇيرۇقى يەتكۈزۈلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى سوۋېت قوراللىرى يىغىپ كېتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مىللىي ئارمىيە قايتىدىن ئاقسۇ ۋە باي تەرەپلەردىن ئىلىغا چېكىنىشكە باشلاپ، خىتاي قوشۇنلىرى بىلەن بىر تەرەپتىن ئېتىشىپ، بىر تەرەپتىن چېكىنىپ، ئاخىرى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىلى تەۋەسىگە قايتىپ كەلدى. ئەنە شۇ چېكىنىشتە ئايشەمخاننىڭ يولدىشى، مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ساۋۇتاخۇنمۇ سوپاخۇن بىلەن بىرگە ئىلىغا كېلىپ، تېكەس ئاتلىق پولكىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلدى ۋە ئايالى-مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئايشەمخان بىلەن ئەبەدىي ئايرىلدى.
ئايشەمخاننىڭ قىسمىتى ئۇنىڭ ئاقسۇ فرونتىدىكى سەپداشلىرىغا پەقەت 1949-يىلى 12-ئايدىن كېيىنلا مەلۇم بولدى. ئاقسۇ ئۇرۇشىغا قاتناشقان بىر قىسىم كوماندىرلار، جۈملىدىن مەرھۇم ئۆمەرجان سابىتوف ۋە ئاقسۇدىكى قوشۇنلارنىڭ كوماندىرى، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى سوپاخۇن سوۋۇروفلار ئايشەمخاننىڭ ئەھۋالىنى ئىزچىل سۈرۈشتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇئەللىپكە 1995-1996-يىللىرى ئارىسىدا سۆزلەپ بېرىشىچە، مىللىي ئارمىيىنىڭ بىر قىسمى 1949-يىلى، 12-ئايدا مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف كوماندىرلىقىدىكى 5-كورپۇسنىڭ 37-پولكى نامىدا قايتىدىن ئاقسۇغا كېلىپ ئورۇنلاشقاندا، گومىنداڭنىڭ ئاقسۇدىكى خىتاي كومپارتىيىسىگە تەسلىم بولغان قوشۇنلىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم سابىق ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىغا ئايشەمخاننىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئاقسۇ سېپىلى ئىچىدە قەتئىي تىز پۈكمەي ئۆلتۈرۈلگەنلىك ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
ئايدىڭ بولۇشىچە، ئايشەمخان ئەسلىدە 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى مىللىي قوشۇن چېكىنىش ئالدىدا كوناشەھەرنىڭ توخۇلا يېزىسىدىكى بالىسىغا قىزىل چىقىپ قالغان بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بالىغا دورا بېرىپ قايتقان، بىراق بۇ چاغدا قوشۇن ئاللىبۇرۇن چېكىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ مەزكۇر تۇيۇقسىز چېكىنىشتىن بىخەۋەر ئىدى. ئۇ ئۆز قوشۇنىنى ئىزدەپ تېپىشقا كىرىشىپ، ۋاقتىنچە يوشۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ جايدىكى بىر سېتىلما ئۇيغۇر كەنت باشلىقى، ئەمەل-مەنسەپ ۋە مۇكاپاتنى كۆزلەپ ئۇنى خىتاي ئەسكەرلىرىگە پاش قىلىپ تۇتۇپ بەرگەن. ئۇنى تۇتۇپ، ئاقسۇغا ئېلىپ بارغانلارمۇ گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى بولۇپ، ئۇلار ئايشەمخاننىڭ پۇت قوللىرىنى باغلاپ ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ جاۋ خەنچى باشچىلىقىدىكى خىتاي جاللات قوماندانلىرىغا تەقدىم قىلىشقان.
ئايشەمخان 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ تەخمىنەن 20 كۈنلەر ئەتراپىدىكى ھەربىي ئەسىرلىك ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوت يۈرەك شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى ئاقسۇ سېپىلى ئىچىدە 5-ئاتلىق پولك كوماندىرى جاۋ خەنچى باشلىق جاللاتلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن بىر قانچە كۈنلەر ئۆتۈپ، قەتلى قىلىنغان. ئۇنداقتا ئايشەمخان 20 نەچچە كۈنلۈك ئەسىرلىك ھاياتىدا دۈشمەنگە تەسلىم بولماي ئۆلۈم يولىنى قانداق تاللىدى؟ ئۇنى كىم قىلىچ بىلەن چاپتى؟ داۋامى كېلەر قېتىمدا دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.