مۇقەددەس قەسەمياد ئۈچۈن ئۆلۈمنى تاللىغان ئايشەمخان
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ جەڭچىسى، شەپقەت ھەمشىرىسى ئايشەمخان 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاقسۇ يېڭىشەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىپ، بۇ شەھەرنى خىتاي گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن شىددەتلىك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان مىللىي ئارمىيە ۋاقتىنچە قورغان تەرەپكە چېكىنگەندىن كېيىن خىتاي ئەسكەرلىرى قولىغا چۈشۈپ قېلىپ ئاقسۇ شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
بىراق، ئايشەمخاننى تۇتۇپ، ئۇنى «جاللات» دەپ نام ئالغان ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ 5-ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىرى جاۋ خەنچىگە تاپشۇرغانلارمۇ گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ياللانما ئەسكەرلىرى ئىدى.
ئاقسۇنى قورشىغان مىللىي ئارمىيە قوشۇنىنىڭ كوماندىرى، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى مەرھۇم سوپاخۇن سوۋۇروف، ئاقسۇنى قورشىغان قوشۇننىڭ ئىزۋوت كوماندىرى مەرھۇم ئۆمەرجان سابىتوف قاتارلىقلارنىڭ 1996-يىلى مۇئەللىپكە سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇلار ئايشەمخاننىڭ تەقدىرى ھەققىدە پەقەت 1950-يىللىرى ۋە 1990-يىللاردىلا تەپسىلىيرەك ئۇچۇرغا ئىگە بولغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ بىر قىسىم ھايات ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى ئايشەمخاننىڭ ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىنى ئاشكارىلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئايشەمخاننى بىراقلا ئۆلتۈرمەي، ئۇنى يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن ئالداپ يۇمشىتىپ ۋە ئاخىرىدا تەسلىم قىلىپ، ئۇنى جاسۇس سۈپىتىدە قايتىدىن مىللىي ئارمىيە ئىچىگە كىرگۈزۈپ ئۇچۇر توپلاشقا سالماقچى بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايشەمخان مىللىي ئارمىيىنىڭ شەپقەت ھەمشىرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي كوماندىرلىرى ئايشەمخاننى ئۆزىگە باش ئەگكۈزۈپ، ئۇنى يەنە ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي سېستراسى قىلىۋالماقچى بولۇشقان.
ئەنە شۇ مەقسەتتە جاۋ خەنچى قاتارلىقلار ئالدى بىلەن ئايشەمخاننى ئەسىرگە ئالغان گومىنداڭنىڭ بىر ئۇيغۇر ئەسكىرىگە ئۇنى خوتۇنلۇققا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى تاپشۇرغان. خىتاينىڭ مەزكۇر ئۇيغۇر ئەسكىرى ئۆز خىتاي خوجايىنلىرىغا قاتتىق سادىق بولۇپ، ئۇ ئايشەمخان بىلەن ئاقسۇ سېپىلى ئىچىدىكى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ۋەھالەنكى، ئايشەمخان مەزكۇر ئەسكەرگە خوتۇن بولۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە ئۇ ئەسكەردىن «سەنمۇ ئۇيغۇر، مەنمۇ ئۇيغۇر، مېنىڭ ئېرىم بار ئايال، مېنىڭ ئېرىم مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭچىسى، بىز خىتاي مۇستەبىتلىرىدىن ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قەسەم بېرىپ جەڭگە ئاتلانغان، سەن ماڭا چېقىلما، سەن مېنىڭ تىرىكىمگە ئەمەس، بەلكى ئۆلۈكۈمگە ئېرىشەلىشىڭ مۇمكىن. ياخشىسى بىز بىرلىكتە مىللىي ئارمىيە تەرەپكە قېچىپ ئۆتەيلى، ئەگەر خالىمىساڭ مېنى قويۇۋەت، ئەگەر ئۇنىمۇ خالىمىساڭ مېنى خىتاي خوجايىنلىرىڭغا تاپشۇرۇپ بەر، ئۇلار ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ مەيلى» دېگەنىكەن. ئاقىۋەتتە مەزكۇر ئەسكەر ئايشەمخاننى جاۋ خەنچى باشلىق خىتاي خوجايىنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىۋەتكەن. ئاقسۇدىكى جاۋ خەنچى قاتارلىق گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئايشەمخاننى تەسلىم قىلىشتىكى بىرىنچى تاكتىكىسى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنى ئاقسۇ سېپىلى ئىچىدىكى تۇردىخان سەيچى ئىسىملىك بىر خىتاي جاسۇسى ئايالنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئايالنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىشىگە تاپشۇرغان.
مەرھۇم تارىخىي شاھىت ئەيسا يۈسۈپنىڭ «1945-يىلىدىكى ئاقسۇ» ناملىق ئەسىرىدىمۇ مەزكۇر جاسۇس ئايال «تۇردىخان دەللە» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ خىتاي كوماندىرلىرى تەرىپىدىن سېپىل سىرتىدىكى مىللىي ئارمىيە ئارىسىغا كۆپ قېتىم ئەۋەتىلىپ، جاسۇسلۇققا سېلىنى ئاخبارات توپلىغان ۋە بەزى مىللىي ئارمىيە پىدائىيلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان داڭلىق جاسۇس ئىدى. تۇردىخان دەللە ئايشەمخاننى نەچچە كۈنلەپ يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن يۇمشىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئايشەمخاننى ئىرادىسىدىن ياندۇرالمىغان. ئۇ ئايشەمخاننىڭ مىللىي ئارمىيە قايتىپ كېلىپ، خىتاي گومىنداڭچىلىرىنى ئاقسۇدىن تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ، ئاقسۇنى بۇ نۆۋەت چوقۇم ئازاد قىلىدۇ دېگەن سۆزلىرىنى ئۆز خوجايىنلىرىغا ئېقىتماي-تېمىتماي يەتكۈزگەندىن كېيىن جاۋ خەنچى قاتارلىقلار ئايشەمخاننى ئۆلتۈرۈشنى ئويلىشىپ، ئاخىرقى قېتىم ئۇنى يەنە بىر نۆۋەت ئىرادىسىدىن ياندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىپ، ئۇنى ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئېرى ۋە ئۆزى گومىنداڭ قوشۇنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر تۇڭگان ئايالنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ ۋەقەگە قىزىققان بىر قىسىم تارىخچىلار 2000-يىللاردا مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، بەزى ماتېرىياللار توپلانغان. بۇ ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئاقسۇ سېپىلى ئىچىدىكى گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ دوختۇرخانىسىدا سېسترالىق قىلغان بۇ تۇڭگان ئايال ئايشەمخان بىلەن ئون نەچچە كۈنلەپ بىرگە تۇرۇش جەريانىدا ئۇنىڭغا خىزمەت ئىشلەپ، ئۇنى ئىرادىسىدىن ياندۇرۇشقا، تەسلىم بولۇپ گومىنداڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئۈندىگەن. ئەمما ئايشەمخان: ئۇنىڭ ئاۋارە بولماسلىقنى ئۇيغۇر خەلقىنى ئەزگەن، زۇلۇم-ئاسارەتتە تۇتقان خىتاي گومىنداڭچىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىدىغانلىقى، بۇ يولدا ئۆلۈپ كەتسىمۇ پۇشايمان قىلمايدىغانلىقى، ئەگەر ئۆزىنىڭ بەرگەن قەسىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاسىيلىق قىلسا ئىككى ئالەمدە قارا يۈز بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە: «مەن قەسەمياد قىلغان. سىزمۇ بىر مۇسۇلمان، قەسىمىدىن يانغان ئادەمنىڭ ھايات-ماماتلىق ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟سىز بىلىشىڭىز كېرەك، مەن قەسىمىمدىن يانمايمەن ۋە يانالمايمەن» دېگەن. مەزكۇر ئايال ئۇنىڭ ئەگەر ئىرادىسىدىن يانمىسا ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى، ھەتتا جادۇغا بېسىلىشى مۈمكىنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئايشەمخان قەتئىي ئۆز ئىرادىسىدە تۇرغان. نەتىجىدە، جاۋ خەنچى قاتارلىق خىتاي ھەربىي باشلىقلىرى ئايشەمخاننىڭ بۇ خىل قاتتىق ۋە قەتئىي تىز پۈكمەس ئىرادىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى ئۆلتۈرۈش ۋە بەلكى قىلىچ بىلەن كاللىسىنى ئېلىش قارارىغا كەلگەن. بۇ تۇڭگان ئايالمۇ ئايشەمخاننىڭ بۇ خىل تىز پۈكمەس ئىرادىسىدىن تەسىرلەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن.
جاۋ خەنچى، خوڭ يادوڭ قاتارلىق ئاقسۇدىكى مىللىي ئارمىيىگە جان-جەھلى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان گومىنداڭ 5-ئاتلىق پولكىنىڭ باشلىقلىرى ئايشەمخاننى قىيىن-قىستاققا ئېلىپ، تەسلىم بولمىسا ئۇنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان بولسىمۇ، ئەمما ئايشەمخان يەنىلا تىز پۈكمەي «قولۇڭدىن كەلگەننى قىلىش» دەپ سۆزىدە چىڭ تۇرغان.
بۇ دەل سوپاخۇن سوۋۇروف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرى، ئاسىلخان تۆرە، مىرزىگۈل ناسىروف قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى مىللىي ئارمىيە قوشۇنى ئاقسۇ سېپىلىنى ئىككىنچى قېتىم قورشاۋغا ئالغان 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 23-كۈنلىرىدىن كېيىنكى ئىشلار ئىدى. گومىنداڭ كوماندىر ۋە ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن ئەنسىرەپ ھەم قېچىشقىمۇ تەييارلىق قىلغاچ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىۋاتاتتى. جاۋ خەنچى ئەنە شۇ ئىككىنچى قېتىملىق قورشاۋ باشلىنىش بىلەن تەڭ لۇتفۇلا مۇتەللىپ قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىنى ئاقسۇ سېپىلى ئىچىدە دەھشەتلىك رەۋىشتە ئۆلتۈرۈپ، ئۆچ ئالدى. دېمەك، ئەمدىكى نۆۋەت مىللىي ئارمىيىنىڭ ئايال جەڭچىسى ئايشەمخانغا كەلگەن ئىدى.
قەلبى ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىگە چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن تولغان جاۋ خەنچى قاتارلىقلار ل. مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ، ئايشەمخاننى ئۆلتۈرۈش قارارىنى چىقىرىپ، ئۇنى ئوق بىلەن ئەمەس، بەلكى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈشنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىزنى ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياللانما ئەسكەرلىرىگە تاپشۇرۇشنى قارار قىلغان.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئايال جەڭچىسى ئايشەمخان دۈشمەنگە تەسلىم بولماي، ۋەتىنىنى باسقۇنچىلاردىن ئازاد قىلىش، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسى ۋە قەسىمىدىن يانماي ئۆلۈم يولىنى تۇتقان بۇ ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئاقسۇدا خىتاي گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىۋاتقان، گومىنداڭ قوشۇنى تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىۋاتقان گومىنداڭنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى، جاسۇس ۋە ياللانمىلىرى بار ئىدى. بۇ ئىككىسى روشەن سېلىشتۇرما ئىدى.
ئەمەلىيەتتە ئاقسۇ سېپىلى ئىچىدىكى گومىنداڭ 5-ئاتلىق پولكىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ يېرىمىگە يېقىنى ئۇيغۇر بولۇپ، بۇ قوشۇننىڭ 3-روتىسى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن، ئۇنىڭ كوماندىرى خوڭ يادوڭ ئىسىملىك جاللاتلىقتا داڭ چىقارغان كوماندىر ئىدى. مانا بۇ قوشۇن ئاقسۇنى ئازاد قىلىپ، ئارقىدىن قەشقەرنى ۋە «پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانى ئازاد قىلىمىز» دەپ كۈرەش قىلىۋاتقان مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاقسۇ سېپىلىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈرگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كوماندىرلىرى ئۈچۈن ئاقسۇنى جان تىكىپ قوغدىغان ئىدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ئاقسۇدىكى گومىنداڭ قوشۇنىدىكى بۇ ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنىڭ مىللىي ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەم ئۇلار ئىلىدا باشلانغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ نىشانىنى چۈشەنمىگەنلىكى، دۈشمەننىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن مىللىي ئارمىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغان ئىدى. ئۇلاردا ھەربىي بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش بۇرچىلا بولغان. ئۇيغۇرلاردىكى بۇ مىللىي ئاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىكى ئەينى ۋاقىتتىكى روشەن بىر ۋەزىيەت بولۇپ، بۇنداق ئادەملەر شېڭ شىسەي دەۋرىدىمۇ بار ئىدى. گومىنداڭ دەۋرىدىمۇ بولدى، كېيىن كومپارتىيە كەلگەندىمۇ بولدى. ئەسلىدە ئۇلار مىللىي ئارمىيىگە ئاقسۇنىڭ ئىچىدىن ماسلىشىپ خىتاي قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلغان بولسا ئاقسۇ شەھىرىنى ئاسانلا ئازاد قىلىش مۇمكىن ئىدى. لېكىن ئەھۋال ئۇنداق بولمىدى.
1945-يىلى، 9-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئاز ساندىكى قىسىملىرى ئاقسۇ يېڭىشەھەر سېپىلىنى قورشاپ، كۈندە دېگۈدەك شىددەتلىك ئوق ياغدۇرغان ۋە سېپىلغا شوتا قويۇپ ھۇجۇم قىلغان ھەم دەرۋازىغا ئوي قويغان بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئېگىز ۋە پۇختا سېپىلنى ئىگىلەشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىدى. مانا شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايشەمخان ئوسمان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر جاللات ئەسكەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈش مەيدانىغا ئېلىپ كېلىندى.