تارىخىي شاھىت مەسئۇد ئەخمەتوفنىڭ نىلقا قوزغىلاڭچىلىرى ھەققىدە ئەسلىمىلىرى (2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.01.01
Tarixiy-shahit-mesut-exmetof.jpg ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ مەركىزى چونجا يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تارىخىي شاھىت مەسئۇد ئەخمەتوف ئەپەندى. 2017-يىلى 19-دېكابىر.
RFA/Oyghan

تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ تەكىتلىشىچە، 1944يىلى نىلقا ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرى يەرلىك جامائەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. نىلقا ناھىيىسىنىڭ ۋاقىتلىق ھاكىمى تەيىنلىنىدۇ. يىغىندا غۇلجىدىكى «ئازادلىق تەشكىلاتى» بىلەن ئالاقە ئورنىتىش قارار قىلىنىدۇ. بۇ ۋەزىپە پاتىخ مۇسلىموفقا تاپشۇرۇلىدۇ. يېڭىدىن قۇرۇلغان نىلقا قوزغىلاڭچىلار شتابىغا ناھىيەدىكى ئىسيانچى ئەترەتلەرنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى يۈكلىنىدۇ. قوزغىلاڭچىلاردىن ئۈچ مۇستەقىل ئاتلىق ئەترەت تەشكىللىنىپ، 250 كىشىلىك ئەترەتكە غېنى باتۇر، 300 كىشىلىك ئەترەتكە ئەكبەر باتۇر، 200 كىشىلىك ئەترەتكە ئىۋان شۇتوف باشلىق بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. مەزكۇر ئەترەتلەر غۇلجىدا كۆتۈرۈلىدىغان ئاساسىي قوزغىلاڭنى قوللاشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى قىلىپ بېكىتىدۇ.

قەھرىمان غوجامبەردى، شىڭ شىسەينىڭ ئورنىغا كەلگەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭى ھۆكۈمرانى ۋۇ جۇڭشىننىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتتىن قاتتىق تەشۋىشلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ۋۇ جۇڭشىن تېز ئارىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشى ئۆگىنىپ چىقىپ، تېگىشلىك چارىلەرنى كۆرۈشكە باشلايدۇ.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەركەزدىن كەلگەن گېنېرال جۇ شاۋلياڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قوماندانى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى. 1944-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا گومىنداڭ ئارمىيىسىدە ئومۇمەن 70 مىڭغا يېقىن ئەسكەر بار بولۇپ، پىيادە، ئاتلىق، مېخانىكىلاشتۇرۇلغان قىسىملار، توپ دىۋىزىيەلىرى، ئايرىم پولكلار، ماددىي تەمىنات ھەم خىزمەت قىلىش بۆلۈملىرى، ھەربىي ئايروپىلان قىسىملىرى بار ئىدى. ئىلى ۋىلايىتىدىكى قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ سانى بولسا شۇ ۋاقىتتا 1500 ئادەمگە يەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ پەقەت 300 گە يېقىنى ھەربىي قورالغا ئىگە بولغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭى ھۆكۈمرانى نىلقا پارتىزانلىرىنى تېز ئارىدا يوقىتىش چارىلىرىنى كۆرۈشكە باشلىسىمۇ، ياخشى قوراللانغان گومىنداڭ قىسىملىرى چوڭ چىقىملارغا ئۇچرايدۇ. قوزغىلاڭچىلار ئۇلارغا ئاساسەن ئارا، گۈرجەك، توخماقلار بىلەن قارشى تۇرىدۇ. مەسئۇد ئەخمەتوف قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

مەسئۇد ئەخمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، نىلقىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى قاراتۆپىدىن كېلىۋاتقان دۈشمەن ئەسكەرلىرىگە غېنى باتۇرنىڭ ئەترىتى قارشى تۇرغان. ئىلى تاش يولى ئارقىلىق كېلىۋاتقان دۈشمەنگە رۇسلاردىن تەركىب تاپقان ئەترەت، باسىلگەن داۋانى ئارقىلىق كېلىۋاتقان گومىنداڭچىلارغا ئەكبەر باتۇرنىڭ قوشۇنلىرى قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. مەسئۇد ئەخمەتوف، ئەكبەر باتۇر ئەسكەرلىرىنىڭ باسىلگەن رايونىنى ياخشى بىلمىگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى تەرەپ-تەرەپتىن ئوققا تۇتۇپ، ئۇلارنى خېلى زور چىقىمغا ئۇچراتقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ. 

مەسئۇد ئەخمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى ئەخمەت ئىبراھىم نىلقىنىڭ قازاق باتۇرلىرى، بولۇپمۇ ئەكبەر باتۇر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ھەم ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نىلقىنىڭ بەزى ھال-ئوقەتلىك كىشىلىرى قوزغىلاڭچىلارنى ھەم مەنىۋى، ھەم ماددىي جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشىدۇ.

مەسئۇد ئەخمەتوف گومىنداڭچىلارنىڭ ئاساسىي كۈچنى قوزغىلاڭچىلار شتابىنى ئېلىشقا ئەۋەتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئەكبەر باتۇرنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرى بىلەن پاتىخ باتۇرغا ياردەمگە ئاتلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.