ئوسمان باتۇرنى ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى: موڭغۇلىيىلىك ئالاھىدە خادىم سەئىلخاننىڭ 70 يىلدىن كېيىنكى ئىقرارى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.09.22
osman-batur-1951-305.png ئوسمان باتۇرنىڭ خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ قولىغا چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر پارچە سۈرىتى، 1951 - يىل فېۋرال، چىڭخەي گەسكۆل
RFA/Qutlan


ئوسمان ئىسلام ئوغلى (1899 - 1951) ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمىدا يۈز بەرگەن زور تارىخىي ۋەقەلەردە سەھنىگە چىققان مۇرەككەپ شەخس. ئۇ دەسلەپ ئالتاي قازاقلىرىنىڭ 1940 - يىلىدىن باشلانغان شېڭشىسەيگە قارشى قوزغىلاڭلىرىغا قاتنىشىپ داڭق چىقارغان. 1941 - يىلىدىن كېيىن تەترىجىي ھالدا قوزغىلاڭچىلارنىڭ يېتەكچىسىگە ئايلانغان.

1943 - يىلىدىن 1945 - يىلىغا قەدەر ئالتايدا شېڭشىسەي ۋە گومىنداڭ ئارمىيەسى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىپ تونۇلغان. 1945 - يىلى مىللىي ئارمىيە ئالتايغا كىرگەندىن كېيىن ئېلىخان تۆرىنىڭ پەرمانى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەڭەن. بىتىمدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتى، قوشۇمچە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى بولغان. 1947 - يىلىدىن كېيىن ئىلى تەرەپتىن بۆلۈنۈپ چىقىپ گومىنداڭ تەرەپكە ماھىل بولغان. دەسلەپ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئىلى تەرەپ بىلەن يوشۇرۇن قارشىلاشقان بولسا 1947 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ مىللىي ئارمىيە بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا ئۇرۇش قىلغان. ئوسمان ئىسلام ئوغلى 1949 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەن خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. 1950 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قوغلاپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن چىڭخەي ئۆلكىسىدە تۇتۇلغان. 1951 - يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1940 - يىللاردىكى تارىخىدا بىر مەھەل غۇلغۇلا قوزغىغان ئوسمان ئىسلام ئوغلى ئۆز دەۋرىدىكى ئالتاي قازاقلىرى ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى گومىنداڭ دائىرىلىرى ھەمدە خەلقئارا ئاخباراتلاردىمۇ داڭدار شەخسكە ئايلانغان. ئۇ ئەينى دەۋردە ئۆزىنىڭ قورقۇمسىزلىقى، كۈچتۈڭگۈرلىكى ۋە تەۋەككۈلچىلىكى بىلەن قازاق قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئارىسىدا «ئوسمان باتۇر» نامى بىلەن تونۇلغان بولسا، سىياسىي جەھەتتىكى مەۋقەسىزلىكى، ئۆزگىرىشچانلىقى ۋە مەنپەئەت جەھەتتىن گومىنداڭغا باغلانغانلىقى سەۋەبلىك 1947 - يىلىدىن كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيە تەرەپتىن خەتەرلىك ياكى گۇمانلىق شەخس دەپ قارالغان. 1951 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ «باندىت»، «ئەكسىلئىنقىلابچى» دېيىلگەن بولسا مۇھاجىرەتتىكى قازاق جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن «مىللىي قەھرىمان» سۈپىتىدە تەرىپلەنگەن. ھەتتا قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن «ئوسمان باتۇر» نامىدا قازاقچە تەرجىمىھالى قايتا يېزىلىپ نەشىر قىلىنغان.

1940 - يىللاردا موڭغولىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوسمان باتۇرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلگەن ئالاھىدە خادىم بۈرگىتباي سەئىلخاننىڭ سۈرىتى (مەنبە: ئۇلانباتۇردا چىقىدىغان «بۈگۈن» ناملىق خەۋەرلەر گېزىتى، 2010 - يىل 26 - ئاپرېل سانى) (RFA/Qutlan)
1940 - يىللاردا موڭغولىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوسمان باتۇرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلگەن ئالاھىدە خادىم بۈرگىتباي سەئىلخاننىڭ سۈرىتى (مەنبە: ئۇلانباتۇردا چىقىدىغان «بۈگۈن» ناملىق خەۋەرلەر گېزىتى، 2010 - يىل 26 - ئاپرېل سانى) (RFA/Qutlan)

ئوسمان ئىسلام ئوغلى ۋە ئۇنىڭ تارىختىكى ئورنى ھەققىدە ھەققىدە پاتىخان سۇگۇربايېف، لىندا بېنسون قاتارلىق كىشىلەر ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئەسلىمە ۋە تارىخىي ماقالىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان.

موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتۇردا چىقىدىغان «ئۆنۆدۆر» (يەنى مونغۇلچە «بۈگۈن») گېزىتىنىڭ 2010 - يىللىق 26 - ئاپرېل سانىدا بۇنىڭدىن 70 يىل بۇرۇن موڭغۇلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئالاھىدە خادىم سەئىلخان بۈرگىتباينىڭ ئەسلىمىسى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ئەسلىمىدە ئالاھىدە خادىم سەئىلخاننىڭ 1943 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە موڭغۇلىيە تەرەپتىن مەخپىي تۈردە ئۇيغۇر ئېلىگە جاسۇسلۇققا ئەۋەتىلگەنلىكى ئۆز بايانىدىن بېرىلگەن. ئەسلىمىدە ئالتاي قازاقلىرىنىڭ رەھبىرى بولغان ئوسمان ئىسلام ئوغلىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىدىن يۈز ئۆرۈشى ۋە گومىنداڭ بىلەن بىرلىشىشى سەۋەبلىك موڭغۇلىيە تەرەپ ئۇيغۇر ئېلىغا ئىككى قېتىم ئالاھىدە گۇرۇپپا ئەۋەتىپ ئۇنى مەخپىي ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئۇيۇشتۇرغانلىقى ئاشكارا قىلىنغان.

ئەسلىمىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1943 - يىلى ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن قازاق يىگىتى سەئىلخان ئوتتۇرا مەكتەپتىن تاللىۋېلىنىپ موڭغۇلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە مەخسۇس تەربىيەلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھەم ئەرەب ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق يېزىقلىرىنى پۇختا بىلىشى ھەم موڭغۇلچە تىل - يېزىقتا راۋان بولۇشى سەۋەبلىك ئۇزاق ئۆتمەيلا مەخپىي تۈردە موڭغۇلىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى چېگراسىغا ئورۇنلاشتۇرغان بۇلگان 5 - دىۋىزىيەسىنىڭ ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئەۋەتىلىدۇ. بۇ يەردە ئۇ جاسۇسلۇققا دائىر بىلىملەر ۋە ئالاھىدە خادىملارنىڭ ئاخبارات ئىگىلەش تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىدۇ. بۇيرۇق بويىچە ئۆز سالاھىتىنى مەخپىي تۇتىدۇ.

1943 - يىلىنىڭ ئاخىرى شېڭشىسەي ئارمىيەسىنىڭ قاتتىق ھۇجۇمى بىلەن چىقىش يولى تاپالماي قالغان ئوسمان ئىسلام ئوغلى بىر قىسىم قازاق قوزغىلاڭچىلىرىنى باشلاپ مونغولىيە چېگراسىغا قېچىپ كىرىدۇ ۋە ۋاقىتلىق پاناھلىق تىلەيدۇ. مونغولىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مارشال چويبالسان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپى بىلەن 1944 - يىلى فېۋرالدا موڭغۇلىيە چېگرىسىدىن مۆكۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئوسمان ئىسلام ئوغلى بىلەن مەخپىي كۆرۈشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئوسمان ئىسلام ئوغلى ئالتايغا قايتىپ موڭغۇلىيىنىڭ مەخپىي ھالدا قۇرال - ياراغ تەمىنلىشى بىلەن شېڭشىسەيگە قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھالبۇكى، 1944 - يىلى 9 - ئايدا ئىلى ئىنقىلابى يۈز بېرىپ ناھايىتى تېزلىكتە ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئوسمان ئىسلام ئوغلىنىڭ سىياسىي مەۋقەسىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئۇنىڭ كوممۇنىزىمغا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان يوشۇرۇن قارشىلىقى ناھايىتى تېزلىكتە كگب ھەمدە مونغولىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بايقىۋېلىنىدۇ.

دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئالاھىدە خادىم سەئىلخان بۈرگىتباي مونغولىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەخپىي يوليورۇقى بىلەن چېگرادىن مەخپىي ئۆتىدۇ ھەمدە «ساراجان» دېگەن ئىسىم بىلەن سانجى ئەتراپىدا پەيدا بولىدۇ. ئۇ شۇ يىللاردا ئۈرۈمچى بىلەن ئالتاي ئارىلىقىدا تىنىمسىز قاتراپ يۈرۈپ، ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭولىيە تەرەپتىن مەخپىي كىرگۈزۈلگەن ياكى يەرلىك خەلق ئىچىدىن يېتىشتۈرۈلگەن جاسۇسلار بىلەن تور قۇرىدۇ. بۇ مەزگىللەردە ئوسمان ئىسلام ئوغلىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مەخپىي ئالاقىسى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى مونغولىيەگە قارشى ھەرىكەت پىلانى ھەققىدە ئاخبارات ئىگىلەش سەئىلخاننىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا موڭولىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى سەئىلخاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئوسمان ئىسلام ئوغلىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى تەشكىللەيدۇ. سەئىلخان بۇيرۇق بويىچە ئاكىسىنى ئىزدىگەن يىتىم بالا «ساراجان» دېگەن ساختا نام بىلەن ئوسمان ئىسلام ئوغلىنىڭ قېشىغا تولۇق تەييارلىنىپ بارىدۇ. بۇ ئوسمان باتۇرنىڭ ئۇلانبايدا چېدىر تۇتۇپ گومىنداڭ تەرەپ ئايرۇپىلان بىلەن ئەۋەتكەن ئالاھىدە دوختۇرغا كۆزىنى داۋالىتىۋاتقان مەزگىلى بولۇپ، مۇھاپىزەت بەكمۇ چىڭ بولغاچقا سەئىلخان قول سېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

بەيتىك ۋەقەسىدىن كېيىن موڭغۇلىيە تەرەپ ئوسمان ئىسلام ئوغلىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم مەخپىي ھەرىكەت تەشكىللەيدۇ. بۇ قېتىملىق ئوپېراتسىيىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن موڭغۇلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۆمۈرلۈك قاماققا ئېلىنغان ساغاداي ئىسىملىك قازاق تۇتقۇننى تۈرمىدىن بوشىتىپ ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىدۇ. ئوسمان باتۇرنى ئۆلتۈرۈش بەدىلىگە تۈرمىدىن بوشىتىلىش ئىمتىيازى ۋەدە قىلىنغان بۇ كىشى ئۆز گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئالاھىدە خادىم سەئىلخاننىڭ ئۇچۇر بېرىشى بىلەن ھەرىكەتنى باشلايدۇ. ھالبۇكى، نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ئوسمان ئىسلام ئوغلىغا بۇ سۈيقەستلىك ھەرىكەتتىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىشى بىلەن بۇ قېتىملىق ئوپېراتسىيىمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ.

شۇندىن كېيىن، ساغاداي موڭغۇلىيىگە قايتۇرۇلۇپ ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولىدۇ. سەئىلخان ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ، 1949 - يىلى 10 - ئايدا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندە بۇيرۇق بويىچە دۆلىتىگە قايتىدۇ. سەئىلخان بۈرگىتباي موڭغۇلىيىگە قايتقاندىن كېيىن تاكى 1959 - يىلىغىچە قوبدۇ ۋە بايان ئۆلگىي ئۆلكىلىرىدە ئارمىيە ئىچىدىكى ئالاھىدە خادىم سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. 1960 - يىلىدىن تاكى 1990 - يىلىغىچە ئۇلانباتۇردىكى ھاۋارايى ئىدارىسىدە ئىشلەپ پېنسىيەگە چىقىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.