ئالمۇتادا «پور-باجىن» قەدىمىي ئۇيغۇر قەلئەسى ھەققىدىكى فىلىم تونۇشتۇرۇلدى
2017.11.19
17-نويابىردا ئالمۇتا شەھىرىدىكى «ئاستانا» مېھمانخانىسىنىڭ مەجلىس زالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى تارىخىي يادىكارلىقلىرىدىن بىرى بولغان «پور-باجىن» قەلئەسى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
مەزكۇر فىلىمگە «پور-باجىن: ۋاقىتنى توختاتقان قەلئە» دېگەن نام بېرىلگەن بولۇپ، «ئىنايەت» بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا زىيالىيلار، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك ۋە ياشلار قاتناشتى.
دەسلەپتە سۆزگە چىققان سۇلايمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخچى دوكتور ئابلەھەت كامالوف، تىجارەتچى مايدىن ئابدۇللايېف ۋە «ئىنايەت» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سۈلفى مەشرەپوف قاتارلىقلار 2015-يىلى رۇسىيەنىڭ توۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى «پور-باجىن» قەلئەسىگە قىلىنغان ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇلار مەزكۇر ئېكسپېدىتسىيە داۋامىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىشلار ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، مەزكۇر قەلئە 8-ئەسىردە ھازىرقى موڭغۇلىيە ۋە رۇسىيە تېررىتورىيىسىدە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ پادىشاھى بىلگە قاغاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن سېلىنغان يازلىق ساراي بولۇپ، ئۇ دەسلەپ رۇسىيە ئالىمى لېئونىد كازلاسوف تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان ئىكەن.
«پور-باجىن» قەلئەسىگە قىلىنغان ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيە ئەزاسى، «ئىنايەت» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سۈلفى مەشرەپوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئېكىسپېدىتسىيەنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارى ئەينى ۋاقىتتىكى «ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، جەمئىيەت ئەربابى مەرھۇم تۇرغانجان روزاخۇنوف بولغان ئىكەن. بۇ ھەقتە فىلىم ئىشلەپ چىقىش تەكلىپىنى بەرگەن سۈلفى مەشرەپوف ئېكىسپېدىتسىيەنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «شۇ ۋاقىتلاردا بىز ئېكسپېدىتسىيە تەركىبىگە داڭلىق ئالىملارنى، يازغۇچىلارنى، ژۇرنالىستلارنى تەكلىپ قىلدۇق. بىز پور-باجىن قەلئەسىگە بېرىپ، كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى يۈرگۈزدۇق. بىز بۇ ھەقتە كىتاب چىقىرىش، فىلىم ئىشلەش مەقسىتىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق».
سۈلفى مەشرەپوفنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بۇ ئېكىسپېدىتسىيەنىڭ نەتىجىلىرى مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە كەڭ تۈردە يورۇتۇلۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئۆز مەقسەتلىرىگە يەتكەن.
تېببىي پەنلەر دوكتورى تۇرغان سۇپىيېفنىڭ دېيىشىچە، «ئىنايەت» جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان مائارىپ، سەنئەت، تەنھەرىكەت، ئەدەبىيات ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇ «پور-باجىن» غا قىلىنغان ئېكىسپېدىتسىيەنىڭ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نەتىجىلىكى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كونا تارىخى توغرىلىق مەلۇمات ئالغىنىمىزنى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ خۇشاللىق دەپ ھېسابلايمەن. مۇمكىن بولسا بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ئېلىپ بېرىپ كۆرسەتسە، پايدىلىق ئىش بولاتتى. مەن تارىخچى بولمىساممۇ، ئۇيغۇرنىڭ تارىخى بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرىمەن. بۇ ۋەقە شۇ ھەققىدە قوشۇمچە تارىخ بولدى دەپ ئويلايمەن».
پور-باجىن ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىم تارىخچىلار تەرىپىدىن تەپسىلىي ئۆگىنىلگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇلارمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇلارنىڭ بىرى ر. سۇلايمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ فىلىم پەقەت ئېكسپېدىتسىيە ھەققىدىلا بولماي، ئۇنىڭدا تارىخىي پاكىتلار، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە ھازىرقى توۋا مىللەتلىرىنىڭ بىر تۇغقان خەلقلەر ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ قىزىقارلىق پاكىتلار ئورۇن ئالغان. فىلىمدە يەنە ھازىرقى تۇۋالار ھەمدە قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ھەققىدىمۇ ماتېرىياللارنى ئۇچرىتىشقا بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئويلايمەنكى، بۇ فىلىم، بىرىنچىدىن، ئىلمىي جەھەتتىن دەلىللەنگەن. ئەلۋەتتە، بۇ فىلىمنى ئىشلىگۈچىلەر شۇ دەۋر مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپ، ئۇلار بارلىق جەريانلارنى ھېسابقا ئالغان. ئىككىنچىدىن، بۇ ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىققۇچىلارغا مۆلچەرلەنگەن فىلىمدۇر. چۈنكى ھازىرقى كۈندىكى بەزى چوڭلارمۇ، ياشلارمۇ ئۇيغۇر تارىخىنى بىلمەيدۇ. مېنىڭ ئويۇمچە، بۇ فىلىم ئەنە شۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ».
ر. كەرىموۋانىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخى، مەدەنىيىتى بويىچە فىلىملارنى ئىشلەش، كىتابلارنى يېزىش ۋە نەشر قىلىش، ئۇلارنى ياشلارغا تونۇشتۇرۇش پۈتكۈل ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ئۇ مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان «ئىنايەت» جەمئىيىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا يەنىمۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىدى.