قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يېزىسى بايسېيىت تارىخىدىن

0:00 / 0:00


1881 - يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىن، بولۇپمۇ ئىلى ۋىلايىتىدىن يەتتىسۇ تەۋەسىگە كۆپلەپ ئۇيغۇرلار كۆچۈپ چىقىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلار ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئاساسەن پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ناھىيىلىرىگە ئورۇنلىشىپ، كۆپلىگەن يېزىلارنى بەرپا قىلدى. دەسلەپ كۆچۈپ كەلگەنلەر تۇرۇشلۇق جاي بولمىغانلىقتىن ئىنتايىن كۆپ ئازابلارنى تارتىشقا توغرا كەلدى. ئەنە شۇ يېزىلارنىڭ بىرى چېلەك تەۋەسىگە جايلاشقان بايسېيىت مەھەللىسىدۇر.

1914 - يىلى سانكت - پېتېربۇرگتا نەشر قىلىنغان پيېتر رۇميانتسېفنىڭ «تارانچى» ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بايسېيىت يېزىسىنىڭ ھۇلى 1881 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، دەسلەپتە بۇ يەردە ئون ئىگىلىك ئورۇنلاشقان ئىدى. كۆچمەنلەرنىڭ ئاساسى قىسىمى 1882 - يىلى، ئاخىرقىلىرى بولسا 1885 - يىلى كەلگەن.

ئەنە شۇ يېزىدا تۇغۇلۇپ، ھازىر ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۆمەرجان باۋۇدۇن ئوغلى باۋدىنوفنىڭ «ئۆچمەس ئىزلار» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان ئىدى. ئاپتور بۇ ئەمگىكىدە بايسېيىت يېزىسىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، ئۇنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى، مەزكۇر يۇرتتىن ئۇچۇم بولغان كۆپلىگەن مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدە باي مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.

بىز ئۆ. باۋدىنوف بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.