قازاقىستانلىق ئۇيغۇر رېژىسسورنىڭ مىكرو فىلىمى ئاۋسترىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.06.22
qazaqistan-kino-bextiyar-islamof.jpg قازاقىستانلىق ئۇيغۇر رېژىسسورنىڭ بەختىيار ئىسلاموفنىڭ «ئەدىب تۇرىدىغان ياقتا» ناملىق قىسقا مىكرو فىلىمى «ئەڭ ياخشى سىناق فىلىمى» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى ئاۋسترىيە.
RFA/Oyghan

يېقىندا قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قازاقىستانلىق رېژىسسور بەختىيار ئىسلاموفنىڭ «ئەدىب تۇرىدىغان ياقتا» ناملىق قىسقا مىكرو فىلىمىنىڭ ئاۋسترىيەنىڭ لېنسىنگ شەھىرىدە ئۆتكەن «مىللەتلەر فېستىۋالى» ناملىق 45-خەلقئارا فېستىۋالدا «ئەڭ ياخشى سىناق فىلىمى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. «قازاقىنفورم» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستانلىق رېژىسسورنىڭ فىلىمى ئاۋسترىيەدە مۇكاپات ئالدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر فىلىم ئالماتا ۋىلايىتىدە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ، ئاخىرقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە قازاقىستان تەرىپىدىن فېستىۋالغا قاتناشقان ھەم «ئەڭ ياخشى سىناق فىلىمى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىن-بىر قازاقىستاننىڭ فىلىمىدۇر. ماقالىدە شۇنداقلا «مىللەتلەر فېستىۋالى»نىڭ ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى ھەم «يۇنېسكو» ئەزاسى ئۇنىچا تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، بۇ فېستىۋالغا ھەر يىلى 55 مەملىكەتتىن 1000 دىن ئوشۇق نامزات ئەسەر كېلىپ تۇرىدىغانلىقى، ئۇنىڭدا قويۇلغان فىلىملارنىڭ فېستىۋال قازىلىرى ھەم كىنو مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئوچۇق ھالدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئاۋسترىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورى ۋە قويغۇچى ئوپېراتورى بەختىيار ئىسلاموف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالماتا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە ئوتتۇرا مەكتەپنى، ئاندىن ئالىي سەنئەت مەكتىپىنى تاماملىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دۇنيا كۆز قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىدە، بولۇپمۇ مومىسى رىزۋانگۈلنىڭ ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن رېژىسسورلۇق كەسپىنى تاللاپ ئالغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن، كىنو سەنئەت يىغىندىسىدۇر. بۇ ھەم تەسۋىرىي سەنئەتكە، ئەدەبىياتقا، مۇزىكىغا دىققەتنى تەلەپ قىلىدىغان سەنئەت. بۇ كۆپ قىرلىق ھەم كۈچلۈك ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ۋاسىتە بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ھەر قايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغان ۋە ئېيتماقچى بولغان پىكرىمىزنى ئىزھار قىلالايمىز. مەن ئۆزۈمنىڭ تۇنجى ئەمگىكىمنى تېخى رېژىسسورلۇق كۇرسلاردا ئوقۇۋاتقىنىمدا يازغان ئىدىم. بۇ بالىلىق ۋاقتىمدا يېزىدا يۈز بەرگەن قىسقا ۋاقىتلىق ھەم تەسىرلىك ئۆتكەن مۇھەببەت ۋەقەسىگە بېغىشلىنىدۇ. مەن ئۇ ۋاقىتتا ئون ياشتا ئىدىم. بۇ فىلىمدا ئەنە شۇ چاغدىكى ئادەملەر ئارىسىدا شەكىللەنگەن مۇناسىۋەتلەر، سىرلىق سېزىملار ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.»

ب. ئىسلاموف ھازىر تولۇق ھەجىملىك ھۆججەتلىك فىلىم ئۈستىدە ئىشلىمەكتە. بۇ فىلىم ئەنجاندىن كېلىپ، بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئۆزبېك قېرىنداشلار ھەققىدە بولۇپ، بۇ فىلىمدىن زور ئۈمىد كۈتۈلمەكتە. ب. ئىسلاموف ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى، مىللىي ئۆزگىچىلىكى، ئۇلارنىڭ قايغۇلۇق، ئەمما ئوپتىمىستىك ئەھۋالى ھەققىدە فىلىم ئىشلەش ئويىنىڭ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر فىلىمنىڭ قەھرىمانلىرى ئەڭ ئاددىي كىشىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ بارلىق يۈكىنى ئۆز زىممىسىدە كۆتۈرۈپ ماڭماقتا. ب. ئىسلاموف مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەپ چىقىشقا ھازىرچە كۈچىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ب. ئىسلاموفنىڭ كەسىپدىشى، «ئەدىب تۇرىدىغان ياقتا» فىلىمىنى ئىشلىگۈچى داريا كورنېيېۋا ب. ئىسلاموفنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بەختىيار ئىسلاموف شائىر، رېژىسسور، بىر نەچچە قىسقا مىكرو فىلىملارنىڭ ئاپتورى. ئۇنىڭ «ئىككىنچى مۇھەببەت» ناملىق تۇنجى فىلىمى ئىسپانىيەنىڭ مادرىد، ئامېرىكانىڭ ئورلاندو ۋە ئۇكرائىنانىڭ خېرسون شەھەرلىرىدە ئۆتكەن كىنو فېستىۋاللىرىدا ‹ئەڭ ياخشى مىكرو فىلىم› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ فىلىم شۇنداقلا ئورلاندودا فېستىۋال قازىلىرىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىنى ئېلىشقىمۇ مۇيەسسەر بولغان. ب. ئىسلاموفنىڭ ‹مېنىڭ بالىلىق چېغىمدىكى بېرلىن ئاسمىنى› ناملىق فىلىمى 2015-يىلى ئامېرىكانىڭ گارلېم ۋە نيۇيورك شەھەرلىرىدە ئۆتكەن كىنو فېستىۋاللىرىدا ئىككى قېتىم ‹ئەڭ ياخشى سىناق فىلىمى› مۇكاپاتىغا ئىگە بولدى.»

د. كورنېيېۋا شۇنداقلا ياش رېژىسسورنىڭ كېلەچەكتىمۇ ياخشى فىلىملارنى بەرپا قىلىپ، قازاقىستان كىنو سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈردى.

ب. ئىسلاموف رېژىسسورلۇق پائالىيەتتىن تاشقىرى، شۇنداقلا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانماقتا. ئۇنىڭ رۇس تىلىدا يازغان بالىلىق دەۋرگە، ئانىغا، يۇرتىغا، كىشىلەر ئارىسىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرگە بېغىشلانغان بىر قاتار شېئىرلىرى «پروستور»، «قازاقىستاننىڭ ياش تالانتلىرى»، «نوۋايا يۇنوست»، «كنىگوليۇب» ئوخشاش ژۇرناللاردا 2009-يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان كىنو سەنئىتىدە تونۇلغان ئارتىسلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بولغان. قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف بۇ ساھەدە ئۇيغۇرلاردىن تالانتلىق ئارتىسلارنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «20-ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 80-يىللىرىدا، يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلغانلىقى ھەم ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلاردىن چىققان تارىخىي شەخس مەخمۇت غوجامياروفنىڭ پائالىيىتىگە بېغىشلانغان ‹ئاتاماننىڭ زاۋالى› ھەم ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ھەم ئۇنىڭ قەھرىمانى مايىمخان ھەققىدە ‹ئەجدىھا يىلى› دېگەن بەدىئىي فىلىملار چۈشۈرۈلگەن ئىدى. قازاقىستاننىڭ ‹قازاقفىلىم› كىنو ستۇدىيىسى چۈشۈرگەن ئەنە شۇ فىلىملاردا ئۇيغۇر ئارتىسلىرىنىڭمۇ رول ئوينىغانلىقىنى بىز ياخشى بىلىمىز. ئاتاپ ئېيتقاندا ‹ئاتاماننىڭ زاۋالى› فىلىمىدا ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ داڭلىق ئارتىسى ئەخمەت شەمىيېف، ‹ئەجدىھا يىلى› فىلىمىدا بولسا، يەنە شۇ تىياتىر ئارتىسلىرى زەينۇللام سېتەكوف، سۇلتان ئىسرايىلوفلار رول ئوينىغان ئىدى. ئەمدى پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقىدا داڭقى چىققان ‹موسفىلىم› كىنو ستۇدىيىسىدە چىقىرىلغان ‹دۆلەت چېگراسى› ناملىق فىلىمدا ئۆزى قازاقىستاندا تۇغۇلغان، كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ ‹ئۆزبېكفىلىم› كىنو ستۇدىيەسىدە بىر نەچچە يىل ئىشلىگەن مەخسۇت مەنسۇروف ئاساسىي روللارنىڭ بىرىنى ئوينىغان.»

ت. نۇراخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادا چۈشۈرۈلگەن بەدىئىي فىلىملارغا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان. شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستاننىڭ داڭلىق ئۇيغۇر بوكسچىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى قېتىملىق بوكس چېمپىيونى ئاتالغان ۋە قازاقىستاننىڭ تونۇلغان ئارتىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف «قازاقفىلىم» كىنو ستۇدىيىسى چۈشۈرگەن بىر نەچچە فىلىملاردا ئاساسىي ۋە قوشۇمچە روللارنى ئوينىغان ئىدى.

كېيىنكى يىللاردا، قازاقىستاندا كىنو ئوپېراتورلۇق پائالىيىتى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن ئۇيغۇرلارمۇ يېتىلىپ چىقتى. شۇلارنىڭ بىرى، ئەزىز جانباقىيېفنىڭ «گارمونىيە ساۋاقلىرى» ناملىق فىلىمى 2013-يىلى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكەن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا «كىنو ئوپېراتورلۇق سەنئىتىدە كۆرسەتكەن ئەڭ ياخشى نەتىجىلىرى ئۈچۈن» دېگەن كۈمۈچ مېدالى بىلەن تەقدىرلەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.