تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تارىخى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەتتىسۇدا يۈز بېرىشكە باشلىغان ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن زىچ باغلىق. بولۇپمۇ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان ئۇيغۇرلار ھاياتىدا دەسلەپكى مەتبۇئات سەھىپىلىرى 1910-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، يەنى يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن ئىلگىرى پەيدا بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى مۇنىر يېرزىننىڭ ئېيتىشىچە، يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەڭ تۇنجى گېزىتى «سادائى تارانچى» دەپ ئاتالغان ئىدى. مەزكۇر گېزىت يەتتىسۇدا قۇرۇلغان تارانچى-تۇڭگان كېڭىشىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى سانى 1918-يىلنىڭ باشلىرىدا چىققان. كېيىنكى ئىككى سانى يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ باش مۇھەررىرلىكىگە زەرىف بەشىرى بەلگىلەنگەن. ز. بەشىرى ئۇ چاغلاردا ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىنىڭ خەلق ئاقارتىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ «سادىر قاڭرۇق» درامىسىنى يېزىپ چىققان ھەم ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆزبېك، ئۇيغۇر تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرىدىن مۇئەللىملىك قىلغان. يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورناپ، گېزىت سەھىپىلىرىدە كوممۇنىستىك ئىدىيىلەر تەرغىب قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، گېزىتنىڭ خەلق ئارىسىدا تارقىلىشى توختاپ قالدى. ئۇيغۇر-تۇڭگان كومىتېتى كۈچىدىن قالدۇرۇلغاندىن باشلاپ مەزكۇر گېزىتنىڭ نەشر قىلىنىشىمۇ ئۈزۈل-كېسىل توختىغان ئىدى.
م. يېرزىن پەقەت 1921-يىلى 1-ئىيۇندا تاشكەنتتە «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ بىرىنچى سانىنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «‹كەمبەغەللەر ئاۋازى› سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىغاندىن كېيىن چىققان گېزىت. ئۇ ئالتەشەھەر ئىشچى-دېھقانلىرىنىڭ قۇرۇلتىيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇ يەردە بىرلا قېتىم چىققان. ئىككىنچى سانىدىن باشلاپ ئالماتادا چىقىشقا باشلىدى. 1931-يىلى بۇ گېزىت ياركەنتتە چىقىشقا باشلىدى. كېيىن ئۇ ‹كولخوزچىلار ئاۋازى› دەپ چىققان. ئومۇمەن ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنى ھېسابقا ئالغان ۋاقىتتا ‹كوممۇنىزم تۇغى› گېزىتىنىڭ چىققان دەسلەپكى يىللىرىنى 1921-يىلدىن ھېسابلاشقا بولىدۇ دېگەن پىكىرلەر بار.»
ئۇ ئۆز سۆزىدە قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تارىخىنى 1918-يىلى يورۇق كۆرگەن «سادائى تارانچى» گېزىتى بىلەن باغلاشتۇرۇۋاتقان پىكىرلەرنىڭمۇ كۆپلۈكى، مۇشۇ پىكىرنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
م. يېرزىننىڭ 1980-يىلى ئالماتادا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر سوۋېت مەتبۇئاتىنىڭ تارىخى» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ بىرىنچى سەھىپىسى «ياشىسۇن جۇڭغارىيە-قەشقەرىيە ئىشچى-كەمبىغەللىرىنىڭ بىرىنچى قۇرۇلتىيى!» دېگەن شوئار بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭدا يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا ئاكتىپ قاتناشقان ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ «قەشقەر-جۇڭغارىيە ئىشچى-كەمبىغەللىرىنىڭ بىرىنچى قۇرۇلتىيى» ناملىق ماقالىسى باشماقالە سۈپىتىدە بېرىلگەن. «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتى يەتتىسۇدا يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئۆزگىرىشلىرىنى يورۇتۇشتىن تاشقىرى، خەلق ئارىسىدا ساۋاتسىزلىقنى يوقىتىش بويىچە تەرغىبات ئىشلىرىنى ئاكتىپ ئېلىپ باردى. ئۇ 1926-يىلدىن 1930-يىلغىچە پۈتكۈل ئىتتىپاق كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دەسلەپتە يەتتىسۇ، ئاندىن ئالماتا ئوبلاستلىق كومىتېتىنىڭ ئورگان مەتبۇئاتى بولدى. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئومۇمىي سانى 2000دىن ئېشىپ، ئۇنىڭ باش مۇھەررىرى ۋەزىپىسىنى ئىبراھىم باقىيېف، ئابدۇرۇسۇل روزىقۇلوف، بۇرھان قاسىموفلار ئاتقۇرغان ئىدى.
م. يېرزىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېزىت 1930-يىلى كۈزدە ياركەنت شەھىرىگە كۆچۈرۈلۈپ، 1932-يىلى فېۋرال ئېيىدىن ئېتىبارەن «كولخوزچىلار ئاۋازى» دەپ چىقىشقا باشلىغان. ئۇ ھەپتىسىگە ئىككى قېتىمدىن، بەزىدە بىر قېتىمدىن نەشر قىلىنىپ تۇردى.
م. يېرزىن شۇنداقلا 1920-يىلدىن «قىزىل ئوقۇغۇچى»، 1922-يىلدىن «ياش ئۇيغۇر» ژۇرناللىرىنىڭ نەشر قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «1935-يىلى ئالماتادا ‹قىزىل تۇغ› دېگەن گېزىت چىقىشقا باشلىدى. لېكىن ئۇ، بىر نەچچە يىل چىققاندىن كېيىن توختاپ قالدى. گېزىتلەرنى چىقىرىشقا ئىشتىراك قىلغۇچى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سىياسىي تەقىبلەرگە ئۇچرىدى. 40-يىللاردا بىر نەچچە رايونلۇق گېزىتلەر چىقتى. ئۇيغۇر رايونىدا ‹ستالىنچى›، چېلەكتە ‹ئەمگەك تۇغى› گېزىتلىرى چىقىشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتىغا، تارىخىغا باغلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشتىن يىراق بولدى.»
ئەدەبىياتشۇناس رابىك ئىسمايىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، 1957-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ شۇ ۋاقىتتىكى قازاقىستان پايتەختى ئالماتا شەھىرىدە جۇمھۇرىيەتلىك «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىنىڭ چىقىشى پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى چوڭ مەدەنىي يېڭىلىق بولغان ئىدى. ئۇ قازاقىستاننىڭ، بولۇپمۇ ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىدە زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، مەدەنىيىتى، تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى، دۆلەت ۋە پارتىيە پائالىيىتى، ئىگىلىك ۋە جەمئىيەتنىڭ باشقىمۇ ساھەلىرىدىكى يېڭىلىقلارنى يورۇتتى. ئۇنىڭدا يەنە قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىمۇ بىر قەدەر يورۇتۇلدى.
ر. ئىسمايىلوف گېزىت قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنەرلىك دۆلەت، ئىگىلىك ئەربابلىرىنىڭ ۋە زىيالىيلىرىنىڭ كۆپلەپ ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ر. ئىسمايىلوف «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، مائارىپى، سەنئىتى، ئەدەبىياتىغا ئائىت كۆپلىگەن باي ماتېرىياللارنى دائىمىي ئېلان قىلىپ تۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەڭ ئەھمىيەتلىك تەرىپى، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىن كېيىن بىزنىڭ يېڭىدىن شەكىللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كەڭ ئورۇن بېرىلدى. ئۇنىڭدا ھېكايىلەر، ئوچېركلار، شېئىرلار، ھەتتا پوۋېستلاردىن ئۈزۈندىلەر بېسىلىشقا باشلىدى.»
ر. ئىسمايىلوف شۇنداقلا ئۇيغۇر شائىر، يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنىڭ «قازاق ئەدەبىياتى»، «كازاخستانسكايا پراۋدا» قاتارلىق گېزىت سەھىپىلىرىدە، «پروستور»، «ژۇلدىز»، «ژالىن» ئوخشاش ژۇرناللاردا پات-پات ئېلان قىلىنىپ تۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، سوۋېت دەۋرىدە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان پانفىلوف ناھىيىسىدە «يېڭىلىق ئاۋازى»، ئۇيغۇر ناھىيىسىدە «ئىلى ۋادىسى»، چېلەك ناھىيىسىدە «ئەمگەك تۇغى» گېزىتلىرى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ئالماتادا «پەرۋاز»، «ئارزۇ» ژۇرناللىرى، كېيىنرەك «يېڭى زامان»، «ئانا مەكتەپ»، «مەرىپەت»، «خۇش كەيپىيات» ئوخشاش كۆپلىگەن گېزىتلەر چىقىشقا باشلىغان. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن توختاپ قالغان ئىدى.