20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدىكى دەسلەپكى بىر قىسىم گېزىتلەر ۋە ژۇرناللار ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تاشكەنت ، بىشكەك ۋە ئالماتا شەھەرلىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىدى.
ھازىرقى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 100 يىللىق مەتبۇئات تارىخى مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە پەقەت قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى قاتارلىق ئونغا يېقىن گېزىت ۋە ژۇرناللار نەشر قىلىنماقتا. بۇ گېزىت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە «كوممۇنىزم تۇغى» دەپ ئاتىلىپ، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە تارقىتىلغان شۇنىڭدەك سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن 196-1980-يىللاردا مەزكۇر گېزىت سەھىپىلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىلگەن ۋە ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا قوشۇمچە «يېڭى ھايات» گېزىتى نەشر قىلىنغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، «كوممۇنىزم تۇغى» دېگەن نام «ئۇيغۇر ئاۋازى» غا ئۆزگەرتىلگەن ھەم ھازىرمۇ قازاقىستاندىكى، جۈملىدىكى چەتئەللەردىكى ئەڭ چوڭ ۋە دائىملىق ئۇيغۇر گېزىتى سۈپىتىدە پائالىيەت قىلماقتا.
دىققىتىڭلار ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ھازىرلىغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەتبۇئات تارىخىغا ئائىت تەپسىلاتتا بولسۇن.
ئۆتمۈشتىن مەلۇمكى، 1957-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ قازاقىستاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پايتەختى ئالماتا شەھىرىدە جۇمھۇرىيەتلىك «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتى چىقىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىلگىرىكى «سادائىي تارانچى»، «كەمبەغەللەر ئاۋازى»، «كولخوزچىلار ئاۋازى»غا ئوخشاش ئۇيغۇر مىللىي مەتبۇئاتىنىڭ ئاساسىنى سالغان گېزىتلەرنىڭ مىراسخورى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى. مەزكۇر گېزىت ئۇ ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ بولۇپمۇ ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر، ئەمگەكچىقازاق، چېلەك، ئۇيغۇر ناھىيەلىرى، تالدى-قورغان ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيىسىگە قاراشلىق يېزىلاردا، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلاتتى. «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتى مەملىكەتتىكى «قازاق ئەدەبىياتى»، «كازاخستانسكايا پراۋدا» ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن نەشرلەر بىلەن بىر قاتاردا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۆلۈنگەن خىراجەت بىلەن تەمىنلەندى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر پەيدا بولغانغا قەدەر قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا شۇنداقلا «كوممۇنىزم تۇغى» نىڭ قوشۇمچىسى «يېڭى ھايات»، چېلەك ناھىيىلىك «ئەمگەك تۇغى»، ئۇيغۇر ناھىيىلىك «ئىلى ۋادىسى»، پانفىلوف ناھىيىلىك «يېڭىلىق ئاۋازى» گېزىتلىرى نەشر قىلىناتتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، «پەرۋاز»، «ئارزۇ» ژۇرناللىرىمۇ يورۇق كۆرۈشكە باشلىدى.
«كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئىشلىگەن پېشقەدەم ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇدىياروفنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت ھاياتىدىن، ئىگىلىك، ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقىمۇ ساھەلەردىن ئېلىنغان ماتېرىياللاردىن تاشقىرى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مائارىپى، تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى ھەققىدىمۇ كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم نەشر قىلىنىدىغان مەزكۇر گېزىت مىڭلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈملۈك نەشرىگە ئايلانغان ئىدى. 1979-يىلدىن باشلاپ گېزىتنىڭ ھەپتىسىگە بەش قېتىم چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭغا جاي-جايلاردىن ژۇرنالىستلار، شۇنداقلا كۆپلىگەن شائىر-يازغۇچىلار تەكلىپ قىلىنىشقا باشلىغان. ئا. تۇدىياروف ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ياركەنت شەھىرىدىكى «يېڭىلىق ئاۋازى» گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسار بولۇپ ئىشلەۋاتقان پەيتىدە باشقىلار قاتارىدا ئالماتا شەھىرىگە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «دەسلەپ مەن يېزا ئىگىلىكى بۆلۈمىنى، ئاندىن پارتىيە بۆلۈمىنى باشقۇردۇم. مېنىڭ بۇ ياققا كېلىشىمگە دەسلەپتە ناھىيەلىك گېزىتتە ئىشلىگەن، كېيىن ئاتاقلىق يازغۇچى بولغان تۇرغان توختەموف سەۋەبچى بولدى. مەن كەلگەندە باش مۇھەررىر ئابدۇللام مەشۈروف ئىدى. گېزىتنىڭ ئابرۇيىنى ئابدۇللام ئاكىدەك كۆتۈرگەن ھېچ كىم بولمىدى. گېزىتنىڭ 20 يىللىقى جۇمھۇرىيەت بويىچە ئاتاپ ئۆتۈلدى».
ئا. تۇدىياروفنىڭ دېيىشىچە، «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتى شۇ ۋاقىتلاردا ئومۇمەن قازاقىستاندا چىقىدىغان كۆپلىگەن گېزىتلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئالغان. ئابدۇللا مەشۈروف تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا تۇداخۇن نەزەروف كەلگەن. كېيىنكى يىللىرى گېزىتنى يولداش ئازاماتوف، مۇختەرجان جۇماروف باشقۇردى. ھازىر ئۇنىڭغا يېرشات ئەسمەتوف رەھبەرلىك قىلماقتا.
باشقا نەشرلەر بىلەن بىر قاتاردا «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئىقتىساد تاپچىللىقىنى باشتىن كەچۈردى. ئا. تۇدىياروف بۇنىڭدىن تاشقىرى گېزىتكە مۇشتەرى توپلاشتىمۇ بەزى قىيىنچىلىقلارنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى، بولۇپمۇ قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن دەسلەپكى يىللىرى گېزىتنىڭ پانفىلوف ناھىيەسى بويىچە مۇخبىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە بۇنىڭ گۇۋاھچىسى بولغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «شۇ ۋاقىتلاردا بۆھرانچىلىق باشلاندى، خەلق مۈلكىنى بۇلاڭ-تالان قىلىش باشلىنىپ كەتتى، مەن شۇلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. شۇ ۋاقىتلاردا گېزىت 900 دانە تارالغان. بىز يىگىت باشلىرىنىڭ، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كۈچى بىلەن 2009-يىلى 3100 دانىغا يەتكۈزۈپ، مەن دەم ئېلىشقا چىقتىم. مەن كەتكەندىن كېيىن گېزىت 300 دانىغا چۈشۈپ كەتتى، بۇلتۇر 3000 غا يەتكەن ئىكەن، ئۇ بىراق تۇراقلىق بولمايۋاتىدۇ».
ئا. تۇدىياروف ئېيتقاندەك، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار زەردابىنى باشقىمۇ نەشرلەر تارتقان ئىدى. «يېڭى زامان»، «ئانا مەكتەپ»، «مەرىپەت»، «خۇش كەيپىيات» گېزىتلىرى، «پەرۋاز»، «ئارزۇ» ژۇرناللىرى شۇلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەلۇم بىر ۋاقىت ئاھالە تەرىپىدىن قوللاپ-قەۋۋەتلىنىپ تۇردى.
شۇلارنىڭ بىرى «پەرۋاز» ئەدەبىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ژۇرنىلى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى «جازۇشى» نەشرىياتى تەرىپىدىن يورۇق كۆرگەن ئىدى. ئۇ يىلىغا ئىككى قېتىم نەشر قىلىنىدىغان بولۇپ، كېيىنكى يىللىرى شېئىرىيەت، پروزا، پۇبلىستىكا، بىزنىڭ كالېندار، ئۇيغۇر ئېلى ئەدەبىياتى، خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى، تارىخ سەھىپىلىرى، ھەجۋىيلەر قاتارلىق بۆلۈملەردىن ئىبارەت بولغان. «پەرۋاز» ژۇرنىلىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خادىمى، ژۇرنالىست ئەخمەتجان ئىسراپىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، ژۇرنال ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان. ئۇ دەسلەپتە پەقەت ئومۇمىي ماۋزۇلۇق خاراكتېرگە ئىگە بولغان، يەنى سوۋېت ئىدىيەسىگە بولا پارتىيە، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىلىرى ۋە ئۇتۇقلىرى ھەققىدە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان، ئەدەبىي ماتېرىياللار بولسا، يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى.
ئەخمەتجان ئىسراپىلوف ژۇرنالنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «1988-يىلى بۇ نەشرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈشكە باشلىدى. "جازۇشى" نەشرىياتىنىڭ شۇ چاغدىكى مۇدىرى مەرھۇم ئالداربېك نايمانبايېف ئىلغار پىكىرلىك كىشى بولىدىغان. ئۆزىمۇ قازاق خەلقىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ خەلقىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەر پەرزەندلىرىنىڭ ئىلتىماسىغا بولا ژۇرنالغا ئالاھىدە ئورۇن بۆلۈپ، ئۇنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن سۈپەتلىك بولۇشىغا، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان نەشرگە ئايلىنىشىغا چوڭ ياردەم قىلغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر ئەدەبىيات بۆلۈمىنى تونۇلغان يازغۇچىمىز، مەرھۇم تۇرغان توختەموف باشقۇرىدىغان».
ئە. ئىسراپىلوف ژۇرنالنىڭ كېيىنكى سانلىرىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ، ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلەپ بېقىلىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان ئەدىبلەرنىڭمۇ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. «پەرۋاز» ژۇرنىلىغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خىراجەت بۆلۈندى، لېكىن 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئەۋج ئالغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى 1992-يىلى ئۈزۈل-كېسىل يېپىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، «ئارزۇ» ژۇرنىلىمۇ قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ قوش ئايلىق ئەدەبىي-بەدىئىي، ئىجتىمائىي-سىياسىي نەشرى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى سانى 1991-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا يورۇق كۆرگەن. بۇ سان ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ چونجا يېزىسىدىكى ئوسمان غاپپاروف رەھبەرلىكىدىكى ناھىيىلىك باسمىخانىدا نەشر قىلىنىپ، ئۇنىڭغا دەسلەپتە پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ ماھىر ئىگىلىك تەشكىلاتچىسى ئازاد مەشۈروف ھامىيلىق قىلغان. كېيىنكى يىللاردا بولسا، «ئارزۇ» ژۇرنىلىغا باشقىمۇ ئىگىلىكلەر، تىجارەتچىلەر، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋە باشقىلار ماددىي ياردەم كۆرسەتكەن ئىدى.
مەزكۇر ژۇرنالنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدىن تارتىپ ئىشلىگەن يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نەشر ھۇن ئىمپېرىيەلىرى، كۆك تۈرك قاغانلىقى، ئۇيغۇر ئورخون قاغانلىقى، ئۇيغۇر ئىدىقۇتى، ئۇيغۇر قاراخانىيلار مەملىكىتى، ياركەند خانلىقى ئوخشاش مەملىكەتلەرنىڭ تارىخى، بۈيۈك نامايەندىلەرنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئۇلۇغ مىراسى بويىچە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشنى كۆزلىگەن. ئا. مەسىموف شۇنداقلا باشقىمۇ مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئالىملار، يازغۇچىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى"نى، داۋۇت ئىسىيېفنىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر دۆلەتلىرىگە ئائىت ماقالىلىرىنى، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا ئائىت ئەسەرلىرىنى خەلققە تونۇشتۇردۇق. مۇڭلۇق باقىيېف ۋە مالىك كەبىروفنىڭ يۈتۈپ كېتىش خەۋپىدە قالغان "تاتاتۇنغا" رومانىنى تىكلىدۇق. ئۇنىڭدا تارىخىي ئەسەرلەر، كلاسسىك ئەدەبىيات، ئۇيغۇر سەنىتى نامايەندىلىرى، ئۇيغۇر دۆلەتلىرى، دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە باشقىلارنى ئوقۇرمەنگە تەقدىم قىلدۇق».
«ئارزۇ» ژۇرنىلى 1997-يىلى يېپىلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئالماتا شەھىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا يورۇق كۆرۈۋاتقان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدىن تاشقىرى، «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتى، «ئەخبارات»، «ئىخسان»، «ئىنتىزار»، «ئۇيغۇر-پېن»، «غۇنچە»، «ئىجادكار» ژۇرناللىرى ئاساسەن ئۆز خىراجىتى ھېسابىغا نەشر قىلىنماقتا.
0:00 / 0:00