«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2013 - يىلى 30 - ئىيۇن)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.06.30
qazaqistan-uyghur-mektep-yash-senetkar.JPG قازاقىستان زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-مەكتەپنىڭ ياش سەنئەتكارلىرى. 2013-يىلى 25-ماي.
RFA/Oyghan

«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممىسىنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمىدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك مەسىلىلىرى شۇنىڭدەك تارىخچى ۋە يازغۇچى مەرھۇم مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئاخىرقى ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆز بولىدۇ.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىڭ ئورتاق ئۇيغۇر مىللىي كىملىك ئىدىيىسى كۈچەيمەكتە

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى ئەڭ كۆپ ياشايدىغان ۋە ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى، مائارىپى، سەنئىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ياخشى ساقلاپ، ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان مەملىكەتتۇر. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى بۇ مەملىكەتنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر پۇقرالىرى ھېسابلاپ، قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشتى، قازاق خەلقىنى ئۆز قان - قېرىنداشلىرى تەرىقىسىدە كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن بۇزۇلماس دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەرەققىيات جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتتى. نۆۋەتتە، ئۇلار ئۆز مىللىي مائارىپىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچ ياشلار ئارىسىدا ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىك تۇيغۇلىرى كۈچەيمەكتە. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئاستا - ئاستا پەيدا بولۇپ، بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان يېڭى يۈزلىنىشتۇر. بۇ ھەقتە ئالمۇتا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور رۇسلان ئارزىيېف، تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابلەت كامالوف قاتارلىقلار مەخسۇس توختالدى.

بۇ يىل، ئۇيغۇرلارنىڭ 1881 - 1883 - يىللىرى ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە يەتتەسۇ ۋادىسىغا كۆچكىنىگە ساق 130 يىل بولدى.

مەلۇمكى، قازاقىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يەتتەسۇ رايونى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر خەلقى بۇ زېمىندىكى قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەر بىلەن يېقىن قوشنا ۋە قېرىنداشلىق ئەنئەنىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتەسۇ رايونىدا كۆپىيىشى 1860 - 1880 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ قوزغىلاڭلىرى ۋە رۇسىيە بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا شەرتنامە تۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر

1881 - يىلى 24 - فېۋرال كۈنى چار رۇسىيە بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسى«پېتېربۇرگ شەرتنامىسى» ئىمزالاپ، ئىلى چار رۇسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، 1882 - يىلى باھاردىن 1884 - يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا 9 مىڭ 572 ئائىلە، يەنى 45مىڭ373 جان ئۇيغۇر، رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى يەتتەسۇ رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشتى، ئىلى ۋىلايىتىدە 2565 ئائىلە ئۇيغۇر كۆچمەي قېلىپ قالدى. ئۇيغۇرلار، يەتتەسۇدا يەركەت شەھىرىنى قۇرغان ۋە 90 دىن ئارتۇق يېزا - قىشلاق ھەم ۋېرنېي شەھىرىدە، يەنى ھازىرقى ئالمۇتا شەھىرىدە تۆت مەھەللە پەيدا قىلغان قىلدى.

1954 - 1962 - يىللىرى ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم ئىلى، چۆچەك ۋە باشقا جايلاردىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە كېلىپ ماكانلاشتى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2010 - يىلىدىكى ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتى 227مىڭ بولۇپ، پۈتۈن قازاقىستان ئاھالىسىنىڭ 1.39 % نى تەشكىل قىلغان. لېكىن، ئەمەلىيەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 241مىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئالمۇتا ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ، پۇتۇن ئوبلاست ئاھالىسىنىڭ 9.16%نى تەشكىل قىلغان. ئۇيغۇرلار ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئەڭ كۆپ ۋە زىچ جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئاھالىنىڭ 56%نى تەشكىل قىلغان. بۇ جايدا ئۇيغۇرلار زور كۆپچىلىكنى ئىگىلىگەن.

پۈتۈن ئالمۇتا ۋىلايىتىدە 2010 - يىلى سانلىق مەلۇمات بويىچە 155158 ئۇيغۇر ياشىغان. ئۇيغۇرلار ئالمۇتا ئوبلاستىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا نوپۇس جەھەتتە قازاقلار ۋە رۇسلاردىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئۇيغۇر رايونى، پانفىلوف رايونى، ئەمگەكچى قازاق رايونلىرىغا ماكانلاشقان.

ئۇيغۇرلار قازاقىستاندىكى مىللەتلەر ئارىسىدا نوپۇس جەھەتتە قازاقلار، رۇسلار، ئۇكرائىنلار ۋە ئۆزبېكلەردىن قالسا، 5 - ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. قازاقىستاندا 131 مىللەت بار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ 131 مىللەت ئىچىدە نوپۇسى كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى مەركەزلىك ھالدا ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئالمۇتا شەھىرىدە 80 مىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى كۆپ تىللىق مىللەت بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرچە، رۇسچە ۋە قازاقچە ئۈچ تىلنى تەڭ ئىشلىتەلەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.