مەلۇمكى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سانى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- ۋە 60-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ چىقىش بىلەن خېلى كۆپەيگەن ئىدى. بولۇپمۇ 1950-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە «تەتۈر ئىنقىلابچىلارنى بېسىقتۇرۇش»، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش»، «ئىستىل تۈزىتىش» قاتارلىق سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزدى. «ئوڭچى ئۇنسۇر»، «يەرلىك مىللەتچى» قالپاقلىرى كىيدۈرۈلگەن مىڭلىغان كىشىلەر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا پالاندى. كۆچۈش مانا شۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش شارائىتىدا يۈز بەردى.
قازاقىستاندىكى سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئابلەھەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ قازاقىستانغا ئاممىۋى كۆچۈپ چىقىشى ئىككى باسقۇچتا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى «ئاتالمىش سوۋېت پۇقرالىرى جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاممىۋى پاسپورت تارقىتىشى نەتىجىسىدە 50-يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان. ئىككىنچى ئاممىۋى كۆچۈش 1962-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غۇلجىدا يۈز بەرگەن ماي ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بېرىپ، خەلقتە ئۇ «قاچ-قاچ» دېگەن نام ئالغان.
ئومۇمەن ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرى ھەم ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئا. كامالوف مۇنداق دېدى: «19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار سانى جەھەتتىن يەتتىسۇ ۋە قازاقىستان ئاھالىسى بويىچە قازاقلار ۋە رۇسلاردىن كېيىن ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى. يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى قېرىنداش قازاق خەلقىنىڭ تارىخى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. 1935-يىلى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر ناھىيەسى قۇرۇلدى. ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسمى ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوۋ، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيىلىرىدە ئورۇنلاشقان. ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان دوستلۇق، گورنىي گىگانت، زاريا ۋوستوكا، سۇلتانقارغانغا ئوخشاش مەھەللىلەر بار. ئاخىرقى ساناق بويىچە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 250 مىڭ ئەتراپىدا. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتنىڭ باشقىمۇ خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا ئاكتىپ قاتناشتى. ئۇلار شۇنداقلا ستالىن تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن سىياسىي تەقىبلەشلەرنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئازابلىرىنى باشتىن كەچۈردى. ئۇيغۇرلار ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىگىلىكنى تىكلەشتە، كۆپ مىللەتلىك قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى».
ئا. كامالوفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلار ئىككىنچى باسقۇچتا، يەنى 1962-يىلدىن كېيىن ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن قازاقىستاننىڭ تالدى-قورغان، قارىغاندا، جامبۇل، شەمەي ۋە باشقىمۇ ۋىلايەتلىرىگە تاشلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قىسمى ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن قازاقىستاننىڭ ۋە باشقىمۇ قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. ھازىر ئۇيغۇرلار جامبۇل، جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايەتلىرىدىمۇ كۆپلەپ ئۇچرىشىدۇ. مەسىلەن، جەنۇبىي قازاقىستاننىڭ سوزاق ناھىيىسىگە قاراشلىق سوزاق يېزىسىدا ئاتمىشتىن ئوشۇق ئۇيغۇر ئائىلىسى ئىستىقامەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى 1870-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىن كۆچۈپ چىققان.
1950-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىم قىسمىنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشى، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ جەڭچىسى، ھازىر ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تۇرگېن يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن تەشۋىقات نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشقان. ئۇ شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «1945-يىلى بىزنىڭ يېڭىدىن ئارمىيە سېپىگە كىرگەن ۋاقتىمىزدا مۇنداق تەشۋىقات چاپلانغان: ‹سوۋېتتىن كەلگەنلەر سوۋېتقا قايتىدىن كېتىمەن دېسە ھەممىسىگە رۇخسەت. ئۇلارنىڭ تارىخىدا بولغان ۋەقەلەر سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. ئۆي بىلەن تەمىنلىنىدۇ›. ئۇلار شۇنداق قىلىپ خەلقنى قوزغىدى.»
ن. سادىقوف سوۋېت تەرەپنىڭ ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ كۆپىنىڭ يالغان بولۇپ چىققانلىقىنى، ئۆزىگە ئوخشاش باشقىمۇ ئائىلىلەرنىڭ قازاقىستانغا چىقىپ، كۆپ ئازاب چەككەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە ئالماتا شەھىرىنىڭ تۈركسىب ناھىيىسىدە ئىشلىدىم. ئىش ئېغىر بولدى. بىزنىڭ غۇلجىدىن چىققان ئاغىنىلەر تۇرگېندا ئىكەن. شۇلار چاقىرىپ، تۇرگېندىكى كولغوزغا سۇچى بولۇپ ئىشقا كىردىم».
ئالماتا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان تۇردى نۇرجان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ سوۋېت پۇقرالىرىدىن بولۇپ، ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيىسىگە قاراشلىق خونىخاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا سوۋېت ھۆججەتلىرى بىلەن چىققانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «30-يىللىرى ئۇ ياققا قېچىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى پۈتكۈل سوۋېت ئېلىدە يېمەك-ئىچمەك يوق، قىيىنچىلىق، ئىككىنچى، شۇ مەزگىلدە كۇلاكلارنى يوق قىلىش. بايلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش سىياسىتى قوزغىلىپ، كىمنىڭ مېلى قانچىلىك بولسا، شۇنىڭغا لايىقلاپ سېلىق تۆلەش. پۈتكۈل تىرىك مالنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق. ئەگەر بۇ سېلىقنى تۆلىمىسە، سارۆزەك پويېزىغا ئولتۇرغۇزۇپ، سىبىرغا ئېلىپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ۋەتەنگە قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ».
1962-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، جامبۇل ۋىلايىتىنىڭ چۇ ناھىيىسىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئابدۇلەھەد ئۇزاقوف قانداق قىلىپ كۆچۈپ چىققانلىقى ھەم بۇ يەردە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختالدى.