قورىچۇر تېكىن مازار تېشىنىڭ تارىخىي قىممىتى ھەققىدە سۆھبەت

0:00 / 0:00

0:00 / 0:00

خىتايدا تېپىلغان ئۇيغۇر شاھزادىسى قورىچۇرنىڭ مازار تېشى تېشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىلچى ۋە تارىخچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. يېقىندا بۇ مازار تېشىنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى پروف. در. سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر خانىم بىلەن قەدىمقى تۈرك تارىخى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئوقۇپ چىقتى.

ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ «ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى» ناملىق جۇرنالدا ئېلان قىلىنماقچى. بۇ مازار تېشىدا نېمىلەر يېزىلغان؟ بۇنىڭ تارىخى قىممىتى نېمە دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئۇيغۇر شاھزادىسى قورىچۇر تېكىننىڭ مازار تېشىنى كۆكتۈرك ئابىدىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئاز بولسىمۇ ئۇنىڭ تارىخى چىنلىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. در. ئەركىن ئەكرەم بۇ قىسقا مازار تېشى يېزىقى ئارقىلىق تارىختىكى بەزى سۇئاللارغا جاۋاب تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.