قوش يېزىق ئىشلىتىش ئۇيغۇرلارنىڭ تەقىدىرىمۇ؟


ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق مەدەنىيەتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى تۈركولوگلارنىڭ، تىلشۇناسلارنىڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور خاتىجە شىرىن ئۇسەر خانىم يازغان «باشلانغۇچتىن ھازىرغىغا قەدەر تۈرك يېزىق سەستىمىلىرى ناملىق كىتاب نەشىر قىلىنغان بولۇپ ئۇيغۇر يېزىق مەدەنىيىتى بۇ كىتابنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلغان.

كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان كۆكتۈرك يېزىقى، سوغدى يېزىقى، مانى يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى، سۈريانى يېزىقى، براخمى يېزىقى، تىبەت يېزىقى، ئەرەپ يېزىقى، سلاۋيان يېزىقى، لاتىن يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق كۆپ خىل يېزىقلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىدە ئىقتىسادىي، دىنىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەر مۇھىم رول ئوينىغان. مەسىلەن سوغدى يېزىقى ئىقتىسادىي سەۋەبلەر بىلەن، مانى، سۈريانى، براخمى، تىبەت، ئەرەب يېزىقى دىنىي سەۋەبلەر بىلەن، سلاۋيان ۋە لاتىن يېزىقى بولسا سىياسى سەۋەبلەر بىلەن قوبۇل قىلىنغان.

( ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور خاتىجە شىرىن ئۇسەر خانىم، 2015 - يىل 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى )

دوتسېنت دوكتور خاتىجە ھانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم دىن ئالماشتۇرۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەپنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

بۇنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ، ئۇيغۇر ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا باشقا ھېچبىر خەلقتە كۆرۈلمىگەن كەڭ قورساق، مەرت ۋە ئەپۇچان خىسلەتكە ئىگە بولغانلىقى، پەرقلىق دىن ۋە ئېتىقادلارغا ھۆرمەت بىلەن قارىغانلىقىدىندۇر. بۇنىنغا بىر مىسال ئۈچۈن ئالايلۇق، ئەينى دەۋىردىكى پارس زېمىنىدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان مانى دىنى مۇخلىسلىرى ئۇيغۇر دۆلىتىدىن پاناھلىق تىلىمەك ئۈچۈن مىڭلارچە كىلومەتر يولنى بېسىپ يىپەك يولى بويىدىكى ئۇيغۇر شەھەرلىرىگە بېرىپ پاناھلىغان.

قەدىرلىك ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر يېزىق مەدەنىيەتى تارىخىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئومۇمەن قوش يېزىق ئىشلىتىش ئەنئەنىسىگە ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە كۆكتۈرك يېزىقى بىلەن بىرگە سوغدى يېزىقى، مانى يېزىقى ۋە كېيىن مانى يېزىقى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. ئىدىقۇتى ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بولسا، ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بىللە يەنە سۈريانى يېزىقى، براخمى يېزىقى ۋە تىبەت يېزىقىنىمۇ ئىشلەتكەن.

İسلامىيەتتىن كېيىن، ئەرەپ يېزىقى بىلەن بىللە ئۇيغۇر يېزىقى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە پارالەل ھالدا ئىشلىتىلگەن. بەزى ئەسەرلەر ئەرەپ يېزىقىدا، بەزىلىرى ئۇيغۇر يېزىقىدا، بەزىلىرى بولسا ئۇيغۇر - ئەرەپ يېزىقىدا يېزىلغان. قۇتادغۇ بىلىگ، ئەتەبەتۇل - ھەقايىق قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە نۇسخىلىرى بۇنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. چاغاتاي خانلىقلىرى دەۋرىدىمۇ ئەرەپ يېزىقى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر يېزىقىمۇ خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئىشلىتىلگەن. دوتسېنت خاتىجە شىرىن خانىمنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر يېزىقى شەرقىي تۈركىستان، خارەزم ۋە ئالتۇن ئوردا رايونىدىن ئىستانبۇلغىچە بولغان كەڭ زېمىندە 17 - ئەسىرگە قەدەر ئىشلىتىلگەن.

دوتسېنت خاتىجە خانىمنىڭ پىكرىچە، بۇ خىل قوش يېزىق ئىشلىتىش ئەنئەنىسى مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا مەلۇم دەرىجىدە پايدىسى بولسىمۇ، لېكىن مىللى بىرلىكنى بەرپا قىلىشتا سەلبىي تەسىرىمۇ يوق ئەمەس.

قوش يېزىق ئىشلىتىش يېڭى يېزىقنى بىلمىگەن، ئۆگىنەلمىگەن كىشى ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ يازما ئەسەرلەردىن ئايرىلىپ قالماسلىقى ۋە مەدەنىيەتتىن چەتنەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ئورتاق ئېلىپبەنىڭ مىللى بىرلىكنى شەكىللەندۈرۈش ۋە قوغداش رولىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، قوش يېزىق ئىشلىتىشنىڭ زىيىنى مىللى بىرلىكنى بوزۇش خەۋپى بولغانلىقىدۇر.

1930 - يىللاردا سوۋېت ئۇيغۇرلىرى باشقا تۈرك خەلقلىرىگە ئوخشاش لاتىن يېزىقى ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بەزى رايونلىرىدىمۇ لاتىن يېزىقى قوبۇل قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن. لېكىن بۇ يېزىقلار ئومۇملىشىپ كېتەلمىگەن. يەنى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلار چاغاتاي يېزىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا قىسمەن بولسىمۇ لاتىن يېزىقىنى ئىشلەتكەن.

1956 - يىلى بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ سلاۋيان يېزىقى ئىشلىتىشى ھەققىدە قارار چىقىرىلىپ ئۈچ يىل ئىشلىتىلگەندىن كېيىن 1958 - يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1959 - يىلى لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى لاھىيەسى تۈزۈپ چىقىلغان. بۇ يېزىق 1960 - يىللارنىڭ باشلىرىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلگەندىن كېيىن 1965 - يىلى 1 - ئايدا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە بۇ يېزىق تەسىرگە ئۇچراپ چوڭلار كونا يېزىقنى، ياشلار يېڭى يېزىقنى ئىشلىتىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. 1983 - يىلى ھۆكۈمەتنىڭ 44 - نومۇرلۇق ھۆججىتى بىلەن لاتىن يېزىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ 1984 - يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار قايتىدىن كونا يېزىققا ئۆتكەن.

ھازىر، ئۇيغۇرلار ئىنتەرنەت ئالاقىسىدا يەنە كونا يېزىق بىلەن بىرگە لاتىن يېزىقىنى ئىشلەتمەكتە. ئەگەر ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە قوش يېزىق ئىشلىتىش ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتىپ بىرلا يېزىقنى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت بىر تاللاشقا دۇچ كەلسە قايسى يېزىقنى تاللىۋېلىشى كېرەك دىگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن خاتىجە خانىم مۇنداق دېدى:

مېنىڭ شەخسىي پىكرىم لاتىن يېزىقىنى تاللاشقا تەرەپتار. بۇنىڭ سەۋەبى شۇ: ھازىر نۇرغۇن تۈرك دۆلەت ۋە توپلۇلۇقلىرى لاتىن يېزىقىغا ئۆتكەن بولغاچقا ئورتاق ئۇچۇر - ئالاقىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتە ئەڭ مۇۋاپىق يېزىق لاتىن يېزىقىدۇر.

1991 - يىلى سوۋېت İتتىپاقىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا مەدەنىيەت بىرلىكى مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كېلىشكە باشلىغان ئىدى. ئېلىپبە بىرلىكى مەدەنىيەت بىرلىكىنى بەرپا قىلىشتا ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ قارىلىپ 1991 - يىلى ئستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان «خەلقارالىق ھازىرقى زامان تۈرك ئېلىپبەلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى دا تۈرك دۇنياسىدىكى پۈتۈن تۈرك دىيالېكتلىرى ئۈچۈن 34 ھەرپلىك ئورتاق ئېلىپبەنى ئىشلىتىش قارار قىلىنغان ئىدى. بۇ قاراردىن كېيىن ئەزەربايجان، 1991 - يىلى 12 - ئاينى 25 - كۈنى؛ تۈركمەنىستان 1993 - يىلى 4 - ئاينى 12 - كۈنى؛ ئۆزبېكىستان 1993 - يىلى 9 - ئاينى 3 - كۈنى سلاۋيان يېزىقىنى تاشلاپ لاتىن يېزىقى ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن گاگاۋۇزلار، قاراكالپاقلار، قىرىم ۋە قازان تاتارلىرىمۇ لاتىن يېزىقىنى ئىشلتىلىشنى قارارلاشتۇردى.

ئۇنداق بولسا 34 ھەرپلىك تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىلدىلىكىگە مۇۋاپىق كېلەمدۇ؟ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا خاتىجە خانىم نۇنداق جاۋاب بەردى.

ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋە يېتەرلىك. ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىدە ئۆلچەملىك ئۇيغۇر تىلىدىكى پۈتۈن تاۋۇشلارنىڭ ھەرپ ئىشارىتى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.