قۇمۇلدىن يېقىندا تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىلار ھەققىدە

قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تەڭرىتاغ يېزىسىغا قاراشلىق نېرناسۇ كەنتىنىڭ توڭگۇز جىلغىسىدىن يېقىندا تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازما پارچىسى (مەنبە: «چوغلان مۇنبىرى»)

0:00 / 0:00


قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى مىلادىيە 8 - ئەسىردىن 15 - ئەسىرگىچە بولغان ئۇزاق جەرياندا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئورتا ئاسىيا دائىرىسىدە كەڭ قوللىنىلغان يېزىقتۇر. بەزى مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي رايونلىرىدا ھەمدە خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىدا تاكى 17 - ئەسىرلەرگىچە ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم. بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىجات قىلغان بولۇپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ئومۇمىييۈزلۈك ئىشلەتكەن. تارىختا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك قىممەتكە ئىگە بولغان ئەدەبىي، مەدەنىي، دىنىي، تىببىي ۋە تارىخىي تېمىلاردىكى ئەسەرلىرىنى بۇ يېزىق بىلەن خاتىرىلەپ قالدۇرغان. ئورتا ئاسىيا بۇددىزىم مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن ئۆرنەكلىرىدىن ھېسابلانغان «مايتىرى سىمىت»، «ئالتۇن يارۇغ»، «چىستانى ئىلىگ بەگ»، «ئىرق بىتىگ»، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» شۇنىڭدەك ئىدىقۇت شېئىرلىرى قاتارلىق زور كۆلەمدىكى يازما يادىكارلىقلار دەل مۇشۇ يېزىق ئارقىلىق دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە روسىيە ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ قېدىرىپ - تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۇرپان، دۇنخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى زور كۆلەمدىكى يازما يادىكارلىقلارنى يىغىۋالغان. ھازىر بۇ يادىكارلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇزېي ۋە كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلانماقتا. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ گېرمانيە تۈركولوگلىرى بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشىمۇ ئەمەلىيەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىن باشلانغان.

ئەپسۇسكى، يېقىنقى بىر ئەسىر مابەينىدە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلارنى داۋاملىق بايقاش ئىشىدا كۆرىنەرلىك نەتىجە بولمىدى. 1959 - يىلى قۇمۇلنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق كەنت - تۆمۈرتىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «مايتىرى سىمىت» ناملىق ئەسەرنىڭ قوليازما نۇسخىسى تېپىلغاندىن باشقا، بۇ يېزىقتا ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى چەككۈدەك يېڭى ۋەسىقىلەر بايقالمىدى.

يېقىندا قۇمۇلنىڭ تاغلىق يېزىلىرىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يازما ۋەسىقىلەرنىڭ تېپىلىشى ئىلىم ساھەسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا. بۇ خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ خوشاللىنارلىق يېڭىلىق ھېسابلانماقتا.

«چوغلان تورى» نىڭ 21 - نويابىردىكى سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان «قۇمۇلدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازما تېپىلدى!» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئىلىم ساھەسىدىكى بۇ يېڭىلىقنىڭ خەۋىرى دۇنياغا ئايان بولدى. مەلۇم بولۇشىچە، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەزكۇر قوليازما بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى قۇمۇلنىڭ شىمالىدىكى تەڭرىتاغ تىزمىلىرىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان نېرناسۇ كەنتىنىڭ «توڭگۇز جىلغىسى» دىن بايقالغان. بۇ قوليازمىنى تاپقۇچىلار ئۇنى ئۆيىدە بىرقانچە ۋاقىت ساقلاپ، پۇلغا يارىغۇدەك بولسا سېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىيىن تۇرمۇشىنى قامداش خىيالىدا بولغان. كېيىنچە بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان قۇمۇل شەھەرلىك ياربۇلۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بۇرھان مۇئەللىم قوليازمىنى تاپقۇچى يىگىتلەرگە تەربىيە خىزمىتى ئىشلەپ، بۇ قىممەتلىك مىراسنى قالايمىقان كىشىلەرگە سېتىۋەتمەسلىككە قايىل قىلغان ھەمدە ئۆزى ساقلىغان. 2012 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئابلىز ئورخۇن ھەمدە قۇمۇل ۋىلايەتلىك مىللەتلەر تىل - يېزىقلىرى ۋە قەدىمكى ئەسەرلىرى ئىشخانىسىنىڭ خادىمى مۇجىبۇللا قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تىتىلىپ كەتكەن بۇ قوليازما رەتلىنىپ رەسىمگە ئېلىنغان. ھازىر بۇ قوليازمىنى قۇلۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە ئىدارىسى تاپشۇرۇپ ئالغان.

مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ قوليازمىنى ئوقۇپ ھۆكۈم قىلىشىغا قارىغاندا، قەدەمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان بۇ ۋەسىقە مىلادىيە 9 - ئەسىردە تۇخار تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «مايتىرى سىمىت» ناملىق بۇددىزىم مەزمۇنىدىكى 28 پەردىلىك سەھنە ئەسىرىنىڭ ھازىرغىچە تېپىلمايۋاتقان قىسمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بىز بۇ ھەقتە ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن مەزكۇر قوليازمىنىڭ تېپىلىش جەريانىغا شاھىت بولغان كىشىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. مەزكۇر قوليازمىنى تاپقۇچىلارنىڭ بىرى بولغان مۇسا ئىسىملىك يىگىتنىڭ ئاكىسى بۇرھان مۇئەللىم بىزگە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇلارنى سۆزلەپ بەردى.

ئۇندىن باشقا، بىز يەنە بۇ قوليازما ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن قۇمۇل ۋىلايەتلىك مىللەتلەر تىل - يېزىقلىرى ۋە قەدىمكى ئەسەرلىرى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن سۆزلەشتۇق.

يوقۇرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.