رابىك ئىسمايىلوف: ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن يوقىتىلغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-07-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رابىك ئىسمايىلوف (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى) ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار بىلەن بىللە
رابىك ئىسمايىلوف (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى) ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار بىلەن بىللە
RFA/Oyghan

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا تونۇلغان ئەدەبىياتشۇناس، ئۇيغۇرشۇناس رابىك ئىسمايىلوف ئەپەندى 24-ئىيۇن كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە 84 يېشىدا ۋاپات بولدى.

پروفېسسور رابىك ئىسمايىلوف ئەپەندى(1934-2018) ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخى، سىياسىي قىسمەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 1918-1930-يىللاردا كوممۇنىزمنىڭ سىياسىي قۇربانلىرىغا ئايلىنىش تارىخى مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەن بولۇپ، ئۇ بۇ مەسىلىلەردە ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رابىك ئىسمايىلوف يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات ۋە سىياسىي باغلىنىشلىرى، ئورتاق قىسمەتلىرى ئۈستىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ يېقىنقى يىللاردا خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سىياسىي قىسمەتلىرى ھەققىدە دوكلاتلار بەرگەن ئىدى. پروفېسسور رابىك ئىسمايىلوف ھايات ۋاقتىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 1920-1930-يىللاردا ستالىن تۈزۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى، ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ سىياسىي تەقدىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاپتونومىيەلىك ھوقۇققا ئېرىشىشى يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ سىياسىي قۇربانغا ئايلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ، سوۋېت كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ 1937-1938-يىللىرىدىكى چوڭ تازىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇنتۇلغۇسىز پاجىئەلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رابىك ئىسمايىلوف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1918-يىلىدىن باشلانغان سىياسىي تازىلاش، جۈملىدىن « ئاتۇ» ۋەقەسىدەك ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق، كوپىراتسىيەلەشتۈرۈش، ئاچارچىلىقتىن كېلىپ چىققان ئاممىۋى كۆچۈش، 1937-1938-يىللىرىدىكى چوڭ تازىلاش ۋە 1941-1945-يىللىرىدىكى سوۋېت -گېرمان ئۇرۇشى قاتارلىق تۈرلۈك سىياسىي ۋەقەلەر ھەم ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا، بولۇپمۇ پەرغانە ۋادىسىدا ياشايدىغان زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازلاپ كەتكەن. 1934-1940-يىللىرى ئوخشاشلا شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، جازالاش قىلمىشلىرى ئۇيغۇرلارغا بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇيغۇرلار ئورتاق قىسمەتكە دۇچ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت