بۇ يىل دۇنياغا داڭلىق مەشھۇر تۈركولوگ ھەم ئۇيغۇرشۇناس رەشىت راخمەتى ئاراتنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 115 - يىلى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە تاتارىستاننىڭ قازان شەھرىدە خەلقارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تەرتىپلەنگەن بولۇپ، بۇ يىغىنغا پروفېسسور ئوسمان فىكرى سەرتقايا، ئاكادېمىك م. زەكىيەۋ، پروفېسسور مۇستافا ئۆنەر قاتارلىق تۈركولوگلار قاتنىشىپ دوكلات بەرگەن. يىغىندا ئالدى بىلەن رەشىت راخمەتى ئاراتنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى تونۇشتۇرۇلغان، ئارقىدىن ئۇنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
قەدىرلىك ئاڭلىغۇچىلار، رەشىت راخمەتى ئارات مودەرن تۈركولوگىيىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. قۇتادگۇ بىلىگ، ئوغۇزنامە، بابۇرنامە ۋە ئەتەبەتۇل - ھەققايىق قاتارلىق يادىكارلىقلارنى ھازىرقى زامان تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان. ئاراتنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ناھايىتى يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە «ئۇيغۇر تۈركچىسى بۈگۈنكى تۈرك تىللىرى ئۈچۈن ئانا تىل خاراكتېرىگە ئىگە» دېگەن ئىدى.
بۇ ھەقتە زىيارەتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور زەكى قايماز ئەپەندى ئاراتنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى باھالاپ مۇنداق دېدى:
پروفەسسور رەشىت راخمەتى ئارات تۈركىيەدە بولۇپمۇ قەدىمقى تۈركچە ئۈستىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەمگىكى گېرمانىيىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇرچە تەكىستلەر ئۈستىدىكى نەشىر پائالىيەتنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئاننە ۋون گابائىن ۋە ۋىللى باڭ بىلەن بىرلىكتە تۇرپان تېكستلىرىنىڭ بىر قىسمىنى نەشىر قىلدۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئوغۇزنامە داستانىنى ۋىللى باڭ بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى زامان تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلغان. ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەپ يېزىقىدىكى قۇتادغۇ بىلىگ نۈسخىسىنى ھازىرقى زامان تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. ئەتەبەتۇل ھەققايىق ناملىق ئەسەرنىمۇ ئارات نەشىرگە تەييارلىغان. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئىسلامىيەت دەۋرىگە ئائىت ئۇيغۇرچە تېكستلارنى توپلاپ «قەدىمكى تۈرك شېئىرلىرى» نامىدا نەشىر قىلدۇردى. بۇ تۈرك مەدەنىيىتى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم.
ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار، رەشىت راخمەتى ئاراتنىڭ 1965 - يىلى نەشىر قىلىنغان «ئەسكى تۈرك شىئىرى»، يەنى «قەدىمقى تۈرك شېئىرى» ناملىق كىتابى پۈتۈنلەي قەدىمقى ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇر بۇددىزم ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر مانىخەئىزم ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر ئىسلامىي دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت شېئىرلار ئورۇن ئالغان. مەشھۇر تۈركولوگ گەڭ شىمىن ئەپەندى تۈزگەن «قەدىمقى ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق خىتايچە كىتابتىكى شېئىرلار رەشىت راخمەتى ئاراتنىڭ مانا مۇشۇ كىتابىدىن ئېلىنغان.
1987 - يىلى رەشىت راخمەتى ئاراتنىڭ «ماقالىلار» توپلىمى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابقا ئۇنىڭ 84 ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇ ماقالىلارنىڭ 21 ئى قەدىمقى ئۇيغۇرچە، بىرى ئوتتۇرا دەۋىر ئۇيغۇرچىسى، 11 ئىسلام دەۋرى ئۇيغۇرچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. بۇ كىتابتا ئستانبۇلنى پەتىھ قىلغان فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن يازدۇرغان بىر يارلىغىمۇ بار.
1987 - يىلى يەنە ئۇنىڭ «دوغۇ تۈركچىسى مېتىنلەرى»، يەنى «شەرق تۈركچىسى تېكىستلىرى» دېگەن كىتابى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابتا ۋىلھەم رادلوف، ۋون لە كوق، مالوۋ، مەڭەس ۋە گۇننار جاررىڭ قاتارلىق ئالىملارنىڭ تۇرپان، قۇمۇل، كۇچا، لۈكچۈن، داۋانچىڭ، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن ۋە لوپنۇر قاتارلىق رايونلاردىن توپلىغان تېكىستلەر كىرگۈزۈلگەن. بۇ تېكسىتلەر ئىچىدە، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، ئەنئەنىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىئاللار بار.
ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار، زەكى قايماز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، رەشىت راخمەتى ئارات، 1900 - يىل قازاندا كونا ئۈجۈم دىگەن يەردە تۇغۇلغان. ياشلىق چاغلىرىدىن بېرى مەدەنىيەت ۋە ئىلىم ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1918 - يىلى ئارمىيىگە قاتنىشىپ 1920 - يىلى خىتاينىڭ خاربىن شەھىرىگە بارغان ۋە خاربىندە «يىراق شەرق» ناملىق بىر جۇرنال چىقارغان. 1922 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا گەرمانىيىگە بېرىپ بېرلىن ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا كىرگەن. ئۇ بۇ جەرياندا تۈركولوگىيەگە ئائىت دەرسلەرنىمۇ ئالغان. 1927 - يىلى سېلىشتۇرمىلىق تۈرك تىلى تەتقىقاتى ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىسى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. 1931 - يىلىغىچە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدە شىمالى تۈركلەرنىڭ تىل، ئەدەبىيات ۋە تارىخ ئىلىملىرى بويىچە دوتسېنت بولۇپ ئىشلىگەن.
راھمەتى ئارات 1933 - يىلى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىنىپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتەتى تۈرك تىلى بۆلۈمىدە پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن. ئارات 1964 - يىل 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 64 يېشىدا ۋاپات بولغان.
0:00 / 0:00