ئۇيغۇرلارمۇ كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرى

0:00 / 0:00

بۇ يىل، يەنى 2017-يىلى، 7-نويابىر كۈنى 1917-يىلىدىكى رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ 100 يىللىقى توشقان خاتىرە كۈنى، بۇ كۈنى، يەنى كونا رۇس كالېندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 25-كۈنى لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلەر، يەنى كوممۇنىستلار پېتېربۇرگدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شۇ يىلى 2-ئايدا چار پادىشاھنى ئاغدۇرۇش بەدىلىگە كېرىنسكىي قاتارلىقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان رۇسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى، يەنى رۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئۆز ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلەر، يەنى، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ھاكىمىيىتى 1917-1921-يىللىرى ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا ئۆزىگە قارشى پۈتۈن رۇسىيە مىقياسىدىكى قارشىلىقلارنى باستۇرۇپ، 1922-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىنى قۇردى ۋە تاكى 1991-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.

بۇ يىل 7-نويابىر كۈنى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلگەن كوممۇنىزم ھەرىكىتى شوئارىدىكى كوممۇنىزمنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن ئاپەتلىرى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 7-نويابىر كۈنىنى «كوممۇنىزم قۇربانلىرىنىڭ دۆلەتلىك خاتىرە كۈنى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاقساراينىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا، مەزكۇر خاتىرە كۈننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرىنىڭ 100 يىللىقىنى ئەسلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بېكىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكادا چىقىدىغان «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» دا 6-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان سىياسەتشۇناس داۋىد ساتتېرنىڭ «كوممۇنىزمنىڭ 100 يىللىقى ۋە 100 مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈمى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىگە تايانغاندا، 1917-يىلى، 7-نويابىر كۈنى، يەنى كونا رۇس كالېندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 25-كۈنى پېتېربۇرگدا يۈز بەرگەن «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان سىياسىي ئۆزگىرىش بولشېۋىكلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىلەن دۇنيا ئىككى سىياسىي لاگېرغا، يەنى كوممۇنىزم ۋە كاپىتالىزم لاگېرىغا ئايرىلىش سەھىپىسى ئېچىلدى. لېنىن باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستلار ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش بىلەن تەڭ كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى دۇنياغا تارقاتتى ۋە ئۆز ئىچىدە ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش جەريانىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ چېكا ناملىق مەخپىي ساقچى كۈچلىرى تەرىپىدىن پۇقرالارغا قارىتا زىيانكەشلىك قىلىش، ئۆلتۈرۈش ئېلىپ باردى. ئاپتور ماقالىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا، ئەنە شۇ تۈرلۈك تەقىبلەش سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن 20 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، بۇنىڭغا يەنە ئۇرۇشلار، ئاچارچىلىق، كېسەللىك قاتارلىق بولشەۋىكلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەردە ئۆلگەنلەرنى قوشسا بۇ ساننىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

داۋىد ساتتېرنىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1918-1922-يىللىرىدىكى قىزىل تېررور مەزگىلىدە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن. ئىچكى ئۇرۇش، 1928-1933-يىللىرىدىكى باي-كۇلاكلارغا زەربە بېرىش ۋە ئاچارچىلىقتا قاتارلىقلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1937-1938-يىللىرىدىكى چوڭ تازىلاشتا 700 مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، 1929-1953-يىللىرى، بىر مىليون 600 مىڭ ئادەم مەجبۇرىي كۆچۈرۈشتە ئۆلگەن ۋە 2 مىليون700 مىڭ ئادەم گۇلاگ، يەنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تارىخى مەلۇماتلارغا تايانغاندا، ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىمۇ بولشېۋىكلەر بىلەن ئۇنىڭغا قارشى كۈچلەر ئارىسىدا ھاكىمىيەت تالىشىش يۈزبەرگەن بولۇپ، 1917-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاشكەنت، ۋېرنېي، يەنى ئالمۇتا قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ بولشېۋىكلەر ئىسيان كۆتۈرگەن 1918-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۇلار ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا تاشكەنتتە بولشېۋىكلارنىڭ تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىمۇ ئەۋجى ئالغان.

رۇسىيەدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى يەتتىسۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىغىمۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ كوممۇنىستلار باستۇرۇشىغا بىۋاسىتە ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، كوممۇنىستلارنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش جەريانىدا 1918-يىلى، 5-ئايدا يەتتىسۇ ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن ئاممىۋى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى ئاشكارىلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن، قازاقىستان ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ۋە يازغۇچىلىرىدىن مالىك سادىروف، خەمىت ھەمرايېف، ئابلەت كامالوف، ئىسمايىلجان ئىمىنوف قاتارلىقلار «ئاتۇ پاجىئەسى» دەپ ئاتالغان قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ۋە كىتابلارنى ئېلان قىلدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن بىرى، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە مىللىي سىياسىي تارىخى» ماۋزۇلۇق كىتابنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، 1918-يىلى، 3-ئايدا ئالمۇتا ھاكىمىيىتى بولشېۋىكلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قىزىللارغا قارشى كازاك رۇسلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىسيانغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن سوۋېت ھۆكۈمىتى تاشكەنتتىن قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ، باستۇرغان، ئەنە شۇ جەرياندا قىزىل ئارمىيە ئالمۇتادىن تاكى ياركەنتكىچە بولغان يېزىلاردا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنە شۇ قىرغىنچىلىق، ئىچكى ئۇرۇش، 1928-1933-يىللىرىدىكى كوممنۇنىلاشتۇرۇش، باي-كۇلاكلارغا زەربە بېرىش ۋە ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن قازاقىستان ۋە باشقا رايونلاردىن زور ساندىكى ئاھالە ئۇيغۇر دىيارىغا ھەم باشقا رايونلارغا قېچىشقا، ئاممىۋى كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوف ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە يازغان ماقالىسىدە 20 مىڭدىن 25 مىڭغىچە ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايدا بىراقلا ئازلاپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.
بۇ يىل 5-ئايدا ئەنە شۇ قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ 99 يىللىقى ۋە كېلەر يىلى 100 يىل بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قازاقىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، تارىخچى ۋە ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور رابىك ئىسمايىلوفنىڭ قەيت قىلىشىچە، «ئاتۇ قىرغىنچىلىقىدا 14 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرنىڭ كۆپى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا بىۋاسىتە ئەينى ۋاقىتتىكى موسكۋادىكى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ بۇيرۇقى سەۋەبكار ئىدى. بۇ قىرغىنچىلىقتىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئاممىۋى تۈردە ئىلىغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، لېكىن سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ قىرغىنچىلىقنى پۈتۈنلەي يوشۇرۇپ، ئاقلارغا ئارتىپ قويغان ئىدى.

لېكىن، پروفېسسور رابىك ئىسمايىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۆزىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە راۋاجلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلگىرى-كېيىن ئۆز مىللىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاشلا 1928-1933-يىللىرى كوپېراتسىيەلەشتۈرۈش ۋە 1937-1938-يىللىرى قاتتىق تەقىبلەش ھەم تازىلاش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشى ھەم خانىۋەيرانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇيغۇرلار تېخىمۇ قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ يېتىشكەن زىيالىيلىرى، يازغۇچى ئەدىبلىرى تازىلاندى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۆمىن ھەمرايېف، تۇردى ھەسەن، نۇر ئىسرايىلوف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى ۋە باشقا سىياسىي ئەربابلارمۇ بار ئىدى.

ئامېرىكا سىياسەتشۇناسى داۋىد ساتتېرنىڭ «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان كوممۇنىزمنىڭ ئاپەتلىرىگە ئائىت ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، سوۋېت رۇسىيەسى ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىلگىرى-كېيىن كوممۇنىزم ھەرىكىتى بولغان ۋە ھاكىمىيەت بەرپا قىلىنغان شەرقىي ياۋروپا، خىتاي، كۇبا، شىمالى كورېيە، ۋىيېتنام، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەنە شۇنداق ئىچكى ئۇرۇش ۋە باشقا تۈرلۈك تەرىپلەشلەر تۈپەيلىدىن 100 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى پروفېسسور رابىك ئىسمايىلوفنىڭ قارىشىچىمۇ، ئۇيغۇرلار سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ، يەنى كوممۇنىزمنىڭ ئەڭ ئېغىز زىيىنىغا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.