1923-يىلىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ بىكار قىلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى
2018.02.08

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يەنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا، رۇسىيەدىكى ئۆكتەبىر سىياسىي ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە كوممۇنىستلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشى ۋە مۇستەھكەملىشى جەريانىدا پۈتۈن رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر شەرق خەلقلىرى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، ئۇيغۇرلار دىيارى ۋە خىتايغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.
بولشېۋىكلار پارتىيەسى ئۆز رەقىبلىرى بولغان غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى كۈرەشتە ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ كوممۇنىزم لوزۇنكىسى ئاستىدىكى تەسىر دائىرىسىنى يېيىش مەقسىتىدە دۇنيا پرولېتارىيات ئىنقىلابى شوئارى ئاستىدا شەرقتە، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، خىتاي قاتارلىق ئەللەردىمۇ كوممۇنىستىك ئىدىيەنى تەرغىب قىلىش، كومپارتىيە گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇش ۋە يەر ئاستى ئىنقىلابى تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇش ھەم ياردەم بېرىشكە كىرىشتى.
ئەنە شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مىلىتارىستلىرىغا قارشى ئۆز مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش غايىسى ۋە بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ھەم ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىلگەن، ھەتتا بۇنداق خىلدىكى پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى.
يېقىندا ئاشكارىلىنىۋاتقان رۇسىيە تارىخى ئارخىپ ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1922-1923-يىللىرى رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسى ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ئاساسىي نىشاننى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆزىدە مەخپىي تەشكىلاتلارنى كېڭەيتىش ئىشلىرىغا قاراتقان. رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسى 1923-يىلى، 20-ئىيۇللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق يەر ئاستى ئىنقىلابى تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى چاقىرىش ۋە ئىنقىلابى پارتىيە قۇرۇشنى قارار قىلغان ھەم پارتىيەنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزگەن. بىراق، مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ ئېچىش پىلانى كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇۋېتىلگەن.
«رۇسىيەنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزەرلىرى» دەپ ئاتالغان تەتقىقات لايىھەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سوۋېت ئارخىپ ھۆججەتلىرىنىڭ قاتارىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسىنىڭ خادىمى م.يۇماكايېۋنىڭ «ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى چاقىرىش تەييارلىقى ھەققىدە» ناملىق بىر مەخپىي دوكلاتى ئورۇن ئالغان بولۇپ، 1923-يىلى، 8-ئايلاردا يوللانغان مەزكۇر دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسى 1923-يىلى، 27-ئىيۇن قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەدىكى مەخپىي ئىنقىلابى تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلتىيىنى ئېچىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇلتاي خىتاي تەرەپنىڭ چېگرىلارنى تاقىۋەتكەنلىكى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېچىلمىغان، ئۇنىڭ ئورنىدا بولسا مەزكۇر قۇرۇلتاينى كېيىن ئېچىش مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر يەر ئاستى تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئېچىلغان.
1923-يىلى 10-سېنتەبىر كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا بىيۇروسىغا يوللانغان «ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدىكى دوكلات»دەپ ئاتالغان ھۆججەتتىكى مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بىرىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر يەر ئاستى ئىنقىلابى تەشكىلاتلىرى قۇرۇلتىيى ئېچىلماي ئۇنىڭ ئورنىدا ئالمۇتا شەھىرىدە 1923-يىلى، 13-15-ئاۋغۇست كۈنلىرى مەخسۇس يىغىن چاقىرىلغان: مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «رۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا بىيۇروسىغا. بۇ يىل 13-15 ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىشەھەر ۋە جۇڭغارىيە ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنى بىزنىڭ ئالتىشەھەر ۋە جۇڭغارىيەدىكى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىنى بېكىتتى ۋە يەر ئاستى ئىنقىلابى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن نىزامنامىسى، ۋەزىپىسى ۋە تەشكىلى ئىسخېمىسىنى قوبۇل قىلدى».
يىغىن ئاخىرىدا ئابدۇللا روزىباقىيېف باشچىلىقىدا يەتتە كىشىلىك ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ئاستى ئىنقىلابى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىنچى قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق قىلىش مەركىزى تەشكىلىي بيۇروسى بېكىتىلگەن. تەشكىلى بيۇرونىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە جايلىشىپ، بىرىنچى قۇرۇلتاي ئېچىلىشىغىچە رەھبەرلىك قىلىش ۋەزىپىسى قوبۇل قىلىنغان.
يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ۋە تەشكىلى بيۇرونىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى 1919-1922-يىللىرى ئارىسىدا قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا يەر ئاستى ئىنقىلابى پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشتىن قۇتۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ كەلگەن كىشىلەر ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر تەشكىلىي بيۇرو ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ئاستى تەشكىلاتلار قۇرۇلتىيىنى چاقىرىشقا ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈچەيتمەكچى بولغان خىزمەتلىرىگە جىددىي تۇتۇش قىلغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر قۇرۇلتاي ئېچىلماي قويغان ھەمدە ئارخىپ ھۆججەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسى ئۇلارنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەشنىمۇ توختاتقان.
رۇسىيە كومپارتىيەسى ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ پائالىيەتلەرنى توختىتىپ قويۇشىدىكى تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بىرىنىڭ بۇ ۋاقىتتا موسكۋانىڭ ئۆز ئىستراتېگىيەسىنى خىتايغا بەكرەك قاراتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيەسى ئۆز تەسىر كۈچىنى يېيىش ۋە ئۆزىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شەرق خەلقلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر، موڭغۇللارغىلا ئەمەس، بەلكى خىتايغا قارىتامۇ دىپلوماتىك ۋە سىياسىي تەشكىلىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ئۆز ۋەتىنىدە ئازادلىق ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى ۋە ياكى ئۇ جايلاردا يەر ئاستى كوممۇنىستىك ئىنقىلابى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللىشى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى دۇنيا ئىنقىلابى شوئارىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئەمما 1923-1924-يىللىرى ئارىسىدا، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن بۇ شوئاردىن ياندى.
تارىخى ھۆججەتلەر كۆرسەتتىكى، رۇسىيە كومپارتىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسىنىڭ ئۇيغۇر ئىنقىلابىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەخپىي بىرىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى چاقىرىشنى باشتا قارار قىلىپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن يېنىشى پۈتۈنلەي سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەم ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.