ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قوشنا بولغان گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي - شىمالىي قىسمىدىكى چىليەن تاغلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان بىر خەلق ھېلىھەم ياشىماقتا.
گەرچە ئۇلار 1953 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىق بولغان ئايرىم مىللەت دەپ قارالغان ھەمدە خىتايچە «يۈگۇ مىللىتى» دەپ نام بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنى «يوغۇر» ياكى «سارى ئۇيغۇر» دەپ ئاتايدۇ. ئۇلار يەنە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايوندىكى ھەيۋەتلىك چىليەن تاغلىرىنى قەدىمكى ھون ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا «تەڭرى تاغلىرى» نامى بىلەن ئاتايدۇ.
1980 - يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنەن ناھىيىسىدىكى سېرىق ئۇيغۇر توپلۇقىغا بولغان قىزىقىشى باشلانغان. بولۇپمۇ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، ئۆرپ - ئادەت، ناخشا - مۇزىكا ۋە ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان پەۋقۇلئاددە مەدەنىيەت تۇغقانچىلىقى ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇنىڭ بىلەن ئىلىم ساھەسىدىن باشلانغان مەدەنىيەتتىكى يىلتىز ئىزدەش قىغىنلىقى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنەن ناھىيەسىدىكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ رىشتىسىنى بىر - بىرىگە قايتا تۇتاشتۇرغان.
مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخىي رەشىدى» ناملىق ئەسىرىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، يەركەن خانلىقىنىڭ سۇلتانلىرىدىن سەئىدخان بىلەن ئابدۇرەشىدخانلارنىڭ قوشۇن باشلاپ سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا ئىسلام ئېچىش ئۈچۈن بارغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ «شىزھىنىڭ خازھىدان گېلتى يوغۇرلار» ناملىق مەشھۇر تارىخىي داستانىغا قارىغاندىمۇ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ تۇرپان، قومۇل، چەرچەن، چارقىلىق رايونىدىكى ئۇيغۇرلىرىغا باغلىنىدىغانلىقىنى، 15 - 16 - ئەسىرلەر ئەتراپىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى خالىماي سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. سۇنەن سېرىق ئۇيغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىدە ياشىغۇچى سېرىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن تارىخچى تېمور ئەپەندىم تەلەفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى يىلتىزى ھەققىدە پىكەر بايان قىلدى. تېمور ئەپەندى سۆزىدە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بىلەن قان - قېرىنداشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، 13 - ئەسىردىن كېيىن سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەركىبىگە چاغاتاي نەسلىدىن بولغان مونغول قان تەركىبلىرىنىڭمۇ قوشۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەمما تارىخىي مەنبەلەرنىڭ دەلىللىشىگە قارىغاندا، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى يىقىلغاندىن كېيىن خېشى كارىدورىغا كۆچۈپ، بۇ يەردە گەنجو ئۇيغۇر قاغانلىقى قۇرغان قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە باغلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر قەبىلە ناملىرىنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۈگۈڭىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللىمەكتە. كېيىنچە ئىسلام دىنىنىڭ شەرققە كېڭىيىشى بىلەن تۇرپان - قومۇل ۋە چەرچەن - چارقىلىق رايونىدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى شەرققە كۆچۈپ ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان گەنجو ئۇيغۇرلىرىغا قوشۇلغان ھەمدە بۈگۈنكى سېرىق ئۇيغۇرلارنى شەكىللەندۈرگەن. سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۈگۈڭىچە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان «شىزھىنىڭ خازھىدان گېلتى يوغۇرلار» ناملىق تارىخىي داستاندىمۇ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ كۈن پەتتىش تەرەپتىن شەرققە سۈرۈلۈپ دۇنخۋاڭدىكى بۇددا مىڭ ئۆيلىرى ئارقىلىق ئاخىرى چىليەن تاغلىرى باغرىغا يېتىپ كەلگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن.
تېمور ئەپەندىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، سېرىق ئۇيغۇرلار 1953 - يىلى خىتايدىكى 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تىلىنى خاتىرىلەيدىغان رەسمىي مىللىي يېزىق بەرپا قىلىنمىغان. تارىختا ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۇزاق مەزگىل قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىشلىتىلىشتىن قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان 2000 - يىلىدىكى نوپۇس ئىستاتېسكىسىغا قارىغاندا، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 13719 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىڭ كىشى سۇنەن سېرىق ئۇيغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىدە، 1800 نەپىرى جىئۇچىۋەن ۋىلايىتىنىڭ خۋاڭنىپۇ سېرىق ئۇيغۇر يېزىسىدا، 300 - 500 نەپىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قومۇل ۋىلايىتى ۋە ماناس ناھىيەسىدە ياشىماقتا ئىكەن.
تېمور ئەپەندى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى ھەرۋاقىت «يوغۇر» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى، «يۈگۈ مىللىتى» دېگەن بۇ خىتايچە نامنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى مىللەت بەرپا قىلىش سىياسىتى تۈپەيلى مەجبۇرىي تېڭىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سېرىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشىغان مۇرەككەپ جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى تىل جەھەتتىن شەرقىي يوغۇر ۋە غەربىي يوغۇر دېگەن ئوخشىمىغان ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي يوغۇرلار موڭول تىلىنىڭ ئەڭگار دىئالېكتىدا، غەربىي يوغۇرلار بولسا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. تىلشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، غەربىي يوغۇر تىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىۋاسىتە داۋامى بولۇپ، ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنىڭ ھېچقانداق تېسىرىگە ئۇچرىمىغان نىسبەتەن ساپ ھالەتتىكى تىل ھېسابلىنىدىكەن. گەرچە يېقىنقى مەزگىللەردە غەربىي يوغۇر تىلىنىڭ لۇغەت فوندىغا خىتايچە، موڭغۇلچە ۋە تىبەتچە قىسمەن سۆزلەر قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىل ئۆزىنىڭ قەدىمىي قۇرۇلمىسى ۋە ئەسلى پۇرىقى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى جانلىق شەكلى دەپ قارالماقتا ئىكەن. غەربىي يوغۇرلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان «قوي ساناماق» ناملىق خەلق ناخشىسىمۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللەيدۇ.

سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق مەدەنىيىتىدە داستانچىلىق بىلەن ناخشا - قوشاقچىلىق ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرى، تۇرمۇش تەسىراتلىرى ھەمدە ھېس - تۇيغۇلىرى ئاغزاكى سەنئەتنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىرىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا مېلودىيە ۋە سەنئەت ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بىلەنلا تۇغقاندارچىلىققا ئىگە بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئوتتۇرا ياۋروپادىكى ۋېنگەرلار (ماجارلار) بىلەنمۇ يېقىن باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە (خەلق ناخشىسى)
(داۋامى بار)