بۈگۈنكى كۈندە نوپۇسى ئاران 13 مىڭدىن ئاشىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار تارىخىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈركىي ۋە موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلغان. موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 4 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار موڭغۇل تىلىنىڭ 13 - ئەسىردىكى ئەڭ قەدىمىي دىئالېكتى ھېسابلانغان ئېڭگار تىلىنى ساقلاپ كەلگەن.
تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ۋە جۈملە تەركىبلىرىنى خېلى زور دەرىجىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بىز تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزاكى جانلىق تىلى ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ياش بىلىم ئادىمى ئارسلان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سېرىق ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
«مەنىڭ ئىسمىم ئارسلان، مەن سېرىق ئۇيغۇر، ياغلاقار قەبىلىسىدىن بولىمەن. مەن ھازىر لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتىمەن». ئارسلان ئەپەندى يۇقىرىقى سۆزلەر بىلەن ئاددىي قىلىپ ئۆز تەرجىمىھالىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى. ئۇ يەنە سېرىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ تىلنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى: «ئەھۋال تولىمۇ قىيىن، مىللىي مەدەنىيەتتىكى يوقىتىش كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلاشماقتا. ھازىر سېرىق ئۇيغۇر تىلى ئاللىقاچان خەتەر ئاستىدا قالغان تىللار قاتارىغا ئۆتۈپ بولدى».
بۈگۈنكى كۈندە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى خاتىرىلەيدىغان مىللىي يېزىقى مەۋجۇت بولمىغانلىقى، مائارىپ ۋە ئوقۇ - ئوقۇتۇشنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەمدە ھازىرقى زامان مەدەنىيەتىنىڭ جىددىي رەۋىشتە تەسىر كۆرسىتىشى سەۋەبلىك ياشانغانلار بىلەن ياش - ئۆسمۈرلەر ئوتتۇرىسىدا ھاڭ شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئارسلان ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىگە قارىغاندا، سېرىق ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇپمۇ مەكتەپ بالىلىرى ئۆز تىلىدا سۆزلىشەلمەيدىغان، ئاتا - ئانىلىرىنىڭ سېرىق ئۇيغۇر تىلى بىلەن سورىغان سوئاللىرىغا خىتايچە بىلەن جاۋاب بېرىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان.
سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان يەنە بىر بىلىم ئادىمى، تارىخچى تېمور ئەپەندىمۇ نۆۋەتتە سېرىق ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، بولۇپمۇ مىللىي تىلنىڭ خەۋپكە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «سېرىق ئۇيغۇر تىلى نۆۋەتتە خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان تىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. گەرچە جۇڭگودىكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 13 مىڭدىن ئاشسىمۇ، لەكىن ئۇلارنىڭ يېرىمى موڭغۇل تىلىنىڭ ئېڭار دىئالېكتىدا، يېرىمى تۈركى تىلىدا، بىر قىسمى خەنزۇ تىلىدا يەنە بىر قىسمى تىبەت تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇ تىلىنىڭ تەسىرى كۈنسايىن كۈچىيىپ بارماقتا».
مەلۇمكى، سېرىق ئۇيغۇر تىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىۋاسىتە داۋامى ھەمدە ئەرەب - پارس تىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان نىسبەتەن ساپ ھالەتتىكى شەرقىي تۈركى تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن خېلى بۇرۇنلا شەرقشۇناسلارنىڭ، بولۇپمۇ تىلشۇناسلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. گېرمانىيە گۆتتىنگەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئابلەت سەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سېرىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

يېقىنقى ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق جەھەتتە دۇچ كەلگەن بىر قاتار جىددىي ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان سەرخىللارنى ئويلاندۇرۇشقا باشلىغان. ئۇلار سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئۆز تىلىنى ئۆگىنىش ھەمدە مىللىي ئىسىم - فامىلە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان. «خەنزۇچە ئىسىم - فامىلە قوللىنىش ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن كېيىنكى سىياسىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا مەجبۇرىي يوسۇندا يولغا قويۇلغان. كۆپلىگەن سېرىق ئۇيغۇرلار ئەسلىدە خەنزۇچە ئىسىم - فامىلە قوللىنىشنى خالىمايدۇ. مەن ئۆزۈممۇ ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى›دىن كېيىن خەنزۇچە ئىسىمدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزۈمنىڭ سېرىق ئۇيغۇرچە ‹تېمور› دېگەن ئىسمىمنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدىم».
ئارسلان ئەپەندىمۇ ھازىر كۆپلىگەن سېرىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتايچە ئىسىم - فامىلىلەرنى تاشلاپ، ئۆز ئانا تىلىدىكى «ئارسلان»، «تېمور»، «ئۇلار»، «بارس» قاتارلىق مىللىيچە ئىسىملارنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنداقتا، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بىۋاسىتە ۋارىسلىرى بولغان بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئوتتۇرىسىدا قانداق ئىچكى باغلىنىشلار ۋە پەرقلەر مەۋجۇت؟
بۇ مەسىلە ھەققىدە دوكتور ئابلەت سەمەت تارىخىي ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن پىكىر بايان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى.
دوكتور ئابلەت سەمەت يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشتۈرمە ئۇسۇل بىلەن تەرجىمە قىلىنغان بۇددىزىم ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىلىرىدىن «ئالتۇن يارۇغ» ناملىق ئەسەرنىڭ بىر نۇسخىسىنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدىن تېپىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئەسەرنىڭ تارىختا تۇرپان رايونى بىلەن گەنجو ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئوخشاشلا ئىشلىتىلگەنلىكى ھەمدە تىل جەھەتتىكى كۆپلىگەن ئىچكى باغلىنىشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە بىرلا مەنبەدىن كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاساس بولالايدىكەن.
ئاخىرىدا ئابلەت سەمەت ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالەكت - شېۋىلىرى ئىچىدە قومۇل شېۋىسىنىڭ سېرىق ئۇيغۇر تىلى بىلەن مەيلى جانلىق تىل ئالاھىدىلىكى، فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى ياكى جۈملە قۇرۇلمىسىنى جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن ناھايىتى يېقىن باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى شۇنداقلا بۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن كېلىۋاتقان ئەنئەنە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
- - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - - -
سۈرەتلەرنىڭ چۈچەندۈرۈلىشى:
رەسىم - 1: سۇنەن ناھىيە بازىرىدىكى سېرىق ئۇيغۇر رېستورانىدا كۈتكۈچىلىك قىلىۋاتقان سېرىق ئۇيغۇر قىزى - سۈتقىز (2005 - يىل ئاۋغۇست، سۇنەن ناھىيەسى، قۇتلان فوتوسى)
رەسىم - 2: سۇنەن بازىرىدا ياشايدىغان بىر سېرىق ئۇيغۇر ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەر. بىرىنچى رەتتىكى بوۋاي بىلەن موماي سېرىق ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلەيدۇ، ئىككىنچى رەت (سول تەرەپ) تىكى ئوتتۇرا ياش ئاتا سېرىق ئۇيغۇر تىلىنى قىسمەن سۆزلەيدۇ. ئىككىنچى رەت (ئوڭ تەرەپ) تىكى بالا سېرىق ئۇيغۇر تىلىنى پەقەتلا سۆزلىيەلمەيدۇ، بەلكى پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا سۆزلەيدۇ. (2005 - يىل ئاۋغۇست، سۇنەن ناھىيىسى، قۇتلان فوتوسى)
رەسىم - 3: سۇنەن سېرىق ئۇيغۇر ئاپتونوم ناھىيىسى سېرىق ئۇيغۇر تەتقىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن پىن - يىن ئاساسىدىكى لاتىن يېزىقى بىلەن نەشىر قىلغان سېرىق ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى سان ژۇرنال (قۇتلان فوتوسى)