جۇ ئېنلەي قوشۇلمىغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى»
سەيپىدىن ئەزىزنىڭ «ئۆمۈر داستانى» نىڭ 3-تومى، «تەڭرىتاغدا قۇياش» نىڭ بىرىنچى قىسمى ئۇنىڭ 1949-يىلى، 9-ئايدا بېيجىڭدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن «شىنجاڭ» غا ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە نېمىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار بىلەن باشلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئەسەردىكى 1949-يىلى، 9-10-ئايلاردا سەيپىدىن ئەزىزنىڭ بېيجىڭدا خىتاي رەھبەرلىرىدىن ماۋ زېدوڭ، جۇ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى ۋە جۇ دې قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى، مىللىي ئاپتونومىيە، مىللىي ئارمىيەنىڭ تەقدىرى ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە مەخسۇس سۆھبەتلەشكەنلىكى ئۆزگىچىلىككە ئىگىدۇر.
سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ ئالدى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي بىلەن مەخسۇس خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىنكى ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ھوقۇقى مەسىلىسى، قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى تەركىبى ھەم ھەر قايسى تەرەپلەردىن، جۈملىدىن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» تەرەپتىن قاتنىشىدىغان ئەزالارنىڭ سانى، ھۆكۈمەتنىڭ پروگراممىسى قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلغان. مىللىي مەسىلە ئالاھىدە مۇھىم سۆزلىشىش تېمىسى بولغان بولۇپ، جۇ ئېنلەي ھەممە مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولىدىغانلىقى، بىراق مىللىي زىددىيەتلەرنى كۈچەيتكەن چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇشنى شۇنىڭدەك خىتاي دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئوخشاشلا يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
سەيپىدىن ئەزىز قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ نامىنىڭ نېمە دەپ ئاتىلىشىنى سورىغاندا جۇ ئېنلەي ئۇنى «شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى» دەپ ئاتاشنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما سەيپىدىن ئەزىز ئۇنىڭغا قارشى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ: «بۇ مەسىلىنى قايتا ئويلىشىپ باقساق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومىيەسى ياكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومىيەلىك ھۆكۈمىتى دېسەك دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. جۇ ئېنلەينىڭ پىكىرى: شىنجاڭدا ئاپتونومىيە چوقۇم قۇرۇلۇشى كېرەك. ئاپتونومىيە قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شەرتلەرنى تەييارلاش كېرەك. بۇ شەرتلەر ئاۋۋال پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي جەھەتتىكى تەشكىلىي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇش، كېيىن خەلقنىڭ ئىدىيەۋى سەۋىيەسىنى كۆتۈرۈش. مۇشۇ ئاساستا يېڭى ئاپتونومىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلساق دېدى» دەپ يازغان. سەيپىدىن ئەزىزنىڭ بۇ ئەسكەرتىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدىكى خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ۋە يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزلىرىنىڭ 1921-يىلىدىن بۇيان تەكىتلەپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقلىرى، فېدېراتسىيە تۈزۈمىدىن پۈتۈنلەي يانغانلىقى ئۈچۈن مىللەتلەرگە ھېچقانداق يۈكسەك ئاپتونومىيە ياكى سوۋېت ئىتتىپاقى مودېلىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىشنى كۈنتەرتىپكە قويمىغان. شۇڭا بۇ سۆھبەتلەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھېچقانداق مىللىي ھوقۇقى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنمىغان بولۇپ، ئەقەللىيسى سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ياكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكىدەك «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى» نامىنى قوللىنىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇش تەكلىپىمۇ جۇ ئېنلەي باشچىلىقىدىكى خىتاي رەھبەرلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. سەيپىدىن ئەزىز بايان قىلىشىچە، ئۇ بەرىبىر جۇ ئېنلەينىڭ پىكىرىگە قوشۇلغان.
سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئەسلىمىسىنىڭ 3-تومىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ قېتىمقى دۆلەت قۇرۇش سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدا سەيپىدىن ئەزىزگە ئالاھىدە يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۇ ماۋ زېدوڭ رەئىسلىكىدىكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغاندىن تاشقىرى يەنە ئۇنىڭغا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ھەيئىتى ئەزاسى، قانۇن ھەيئىتى ئەزاسى ۋە خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق سالاھىيەتلەر بېرىلدى. بولۇپمۇ، سەيپىدىن ئەزىزنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى 28 يىل كۈرەش قىلىپ ۋە قانلىق جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى قۇرۇپ چىققان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماۋ زېدوڭ رەئىس ۋە 5 مۇئاۋىن رەئىس بولغان ھەم 56 ئەزادىن تەشكىل تاپقان 62 كىشىلىك خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھۆكۈمىتى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى، تيەنئەنمېن راۋىقىدا ماۋنىڭ يېنىدىنلا ئورۇن ئېلىشى ئالاھىدە ۋە زور سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش ھەم مۇددىئالار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسى سابىق مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرى بولغان ۋە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئورنىغا يىغىنغا قاتناشقان سەيپىدىن ئەزىزگە مۇنداق يۇقىرى سالاھىيەت بەردى؟ ئەگەر ئەخمەتجان قاسىمى قازا قىلماي ساق-سالامەت بارغان بولسا شۇ سالاھىيەتلەر بېرىلىشى مۇمكىنمىدى؟
شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا ئىككى خىل ئامىل بار بولۇپ، بىرىنچىدىن، بۇ بېيجىڭدىكى خىتاي دۆلەت قۇرۇش يىغىنىغا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسىي مىللەت، يەنى ئەينى ۋاقىتتىكى نوپۇسنىڭ 80% تىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يەنە بىر مۇھىم ئامىل سوۋېت ئىتتىپاقى ئامىلى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرى سەيپىدىنگە ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىش ئارقىلىق ئۇنى بېيجىڭغا ماڭدۇرغان ۋە ئۇنى ساق-سالامەت يەتكۈزۈپ قويغان شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىغا قالدۇرغان سوۋېت ئىتتىپاقىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
تارىخچىلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، سەيپىدىن ئەزىزنىڭ خىتاي رەھبىرى جۇ ئېنلەيگە يېڭى قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى» دەپ ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى ئارقىغا قالدۇرۇشى ئەمەلىيەتتە رەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، سەيپىدىن ئەزىز بۇنىڭغا ماقۇل دېگەن. ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەسلىدە سەيپىدىن ئەزىز ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىندا فېدېراتسىيە شەكلىدىكى ھوقۇققا، ھېچ بولمىغاندا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىدىغان بولۇپ، بىراق ئۇ خىتاي رەھبەرلىرىگە بۇ تەلەپنى قويمىغان، ئەمما ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بېيجىڭغا بارماي تۇرۇپلا بۇ تەلىپىدە چىڭ تۇرغانلىقى شەكسىز.
ئەسلىدە ماۋ زېدوڭ، 1949-يىلى، 20-ئاۋغۇست كۈنى غۇلجىغا ئەۋەتكەن ۋەكىلى دېڭ لىچۈن ئارقىلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنى بېيجىڭدىكى يىغىنغا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ھازىرغىچە سىرلىق دەپ قارالغان ئايروپىلان قازاسىدا، 27-ئاۋغۇست كۈنى سوۋېت تېررىتورىيەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سەيپىدىن ئەزىز قاتارلىق بىر ئۇيغۇر، بىر ئۆزبېك، بىر خىتايدىن تەركىب تاپقان، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرى ھېسابلانمىغان ئۈچ ۋەكىل 1949-يىلى، 15-سېنتەبىر كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن بېيجىڭغا ساق-سالامەت بېرىپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنغا قاتناشقان شۇنىڭدەك سەيپىدىن ئەزىز يىغىندا سۆز قىلىپ، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدىغانلىقى» نى جاكارلىغانىدى. مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى سەيپىدىن ئەزىزنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلمىدى، ئەمما مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى خەلقنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، ھاياتىدىن ئايرىلدى دەپ قاراپ ئۇنى يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەتلەپ كەلدى.
ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجىدا چىقىدىغان ھۆكۈمەت ئورگان گېزىتى «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» مۇخبىرى، ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان، ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان 91 ياشلىق تاتار تارىخشۇناس مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچىمۇ، «ئەخمەتجان قاسىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشتا چىڭ تۇرغان ھەقىقىي رەھبەر ئىدى». ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ئەگەر ئۇ بېيجىڭغا ساق-سالامەت بارسا خەلقنىڭ تەلىپى، يەنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشى مۇمكىن ئىدى، مانا شۇ نۇقتا سوۋېت-خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ پىلانىغا ماس كەلمىگەن بولسا كېرەك».
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، سەيپىدىن ئەزىز، ئەسلىمىسىنىڭ 3-تومىدا پاش قىلغان ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى» تەلىپىنىڭ جۇ ئېنلەي تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇر ئۇنىڭ بۇ ئەسلىمىسىنىڭ نەشر قىلىنماي قېلىشىدىكى ئامىللاردىن بولسا كېرەك؟!
0:00 / 0:00