سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتمىگەن «ئۆمۈر داستانى» نىڭ 3-تومىدىكى ئۇچۇرلار (3)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت» چۈشىنىڭ بەربات بولۇشى

خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ھەرقايسى مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە باشقىلارغا قانداق مىللىي سىياسىي ھوقۇق بېرىشى ۋە خىتاينىڭ فېدېراتسىيە تۈزۈمىگە مېڭىش-ماڭماسلىقى مەسىلىسى 1950-يىللىرىغىچە ھەر قايسى مىللەتلەر ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلە ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغان 1922-يىلىدىن تارتىپ تاكى 1949-يىلى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەنگە قەدەر بولغان جەرياندىكى ئۆزىنىڭ بارلىق قارارلىرى ۋە خىتابنامىلىرىدە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە خىتايدا فېدېراتسىيەلىك تۈزۈم يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى.

تارىخىي شەخس سەيپىدىن ئەزىز ئۆز ئەسلىمىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى نەشر قىلىشنى چەكلىگەن 3-تومى، يەنى «تەڭرى تاغدا قۇياش» نىڭ بەشىنچى قىسمى «ئاپتونومىيە قۇرۇش» تا ئۆزىنىڭ ۋە باشقا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ھەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تاكى 1950-يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا مىللىي ئاپتونومىيە قۇرۇش مەسىلىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرلەشمە جۇمھۇرىيەت، يەنى فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىغا ئۈمىد باغلىغانلىقى ۋە شۇنداق قىلىدۇ دەپ قارىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە كۆپ تالاش-تارتىشلار بولغانلىقىنى پاش قىلىدۇ.

سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئەسلىمىسىنىڭ 2-تومىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1949-يىلى، 8-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى ۋەكىلى دېڭ لىچۈن غۇلجىغا كېلىپ، مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارغا ماۋ زېدوڭنىڭ ئۇلارنى خىتاي مەملىكەتلىك بىرىنچى قېتىملىق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىشى ھەققىدىكى تەكلىپىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بېيجىڭدىكى بۇ يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ قانداق سىياسىي تەلىپىنى سۇنۇش مەسىلىسىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىنغا بارسا قانداق بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمەت ماتېرىياللىرىدا ئاشكارا ئېيتىلماي كەلگەنىدى. بۇ زادى قانداق بىر تەلەپ بولۇشى مۇمكىن ئىدى؟

سەيپىدىن ئەزىز ئۆز ئەسلىمىسىنىڭ 3-تومىدا، ئەينى ۋاقىتلاردىكى مۇزاكىرىلەردە ئۆزلىرىنىڭ، يەنى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھبەرلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بۇ جايدا «ئىتتىپاقداش رېسپۇبلىكا قۇرۇلۇشى كېرەك»، «جۇڭگودا ئىتتىپاقداش سوۋېتلار ھاكىمىيىتى بولىدۇ» دېگەن قاراشقا كەلگەنلىكىنى، چۈنكى جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ 6-قۇرۇلتىيىدا «جۇڭگودا فېدېراتسىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ» دەپ قارار ئالغانلىقى ۋە ماۋ زېدوڭنىڭمۇ ئۆز سۆزىدە بۇنى ئېيتقانلىقىنى ئەسلەيدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئەنە شۇلارغا تايىنىپ، ئاپتونومىيە توغرىسىدا شۇ خىل پىكىردە، يەنى «ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت» پىكرىدە بولغان.

سەيپىدىن ئەزىز دەل بۇ نۇقتىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ھەقىقەتەن ئەينى ۋاقىتتا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە باشقا ئىنقىلاب رەھبەرلىرى 1949-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىملىرىدىن باشلاپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايدا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قۇرۇشى، يەنى فېدېراتسىيە تۈزۈمىگە مېڭىشىغا ئىشەنگەنىدى.

بىراق، سەيپىدىن ئەزىز ئۆزىنىڭ 1949-يىلى بېيجىڭدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقان چاغدىكى بۇ مەسىلىگە ئائىت نۇقتىنى كۆرسىتىپ: يىغىندا «مەيلى ماۋ زېدوڭ بولسۇن، مەيلى باشقا رەھبەرلەر بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاپتونومىيە توغرىسىدا ئوچۇق گەپ قىلمىدى»، «جۇ ئېنلەيمۇ ئاپتونومىيە توغرىسىدا ھېچقانداق گەپ ئاچمىدى» دەيدۇ. ھەتتا ئۇ جۇ ئېنلەينىڭ خىتايدا فېدېراتسىيە تۈزۈمى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ «شىنجاڭدا قۇرۇلىدىغان» ھۆكۈمەتنى «ئۇيغۇر مۇختارىيەت ھۆكۈمىتى» دەپ ئاتاش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ۋە «ئاپتونومىيە مەسىلىسىنى كېيىن مۇزاكىرە قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى» ئەسكەرتىدۇ. ( سەيپىدىن ئەزىز ئەسلىمىسى. 3-توم. 164-بەت)

ھەقىقەتەن، خىتاي كومپارتىيەسى ئىلگىرى فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما 1949-يىلى، ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش بىلەن فېدېراتسىيە تۈزۈمىدىن تولۇق ۋاز كەچكەن. شۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق تارىخچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سەيپىدىن ئەزىز قاتارلىقلار شۇ ۋاقىتقىچە خىتاي رەھبەرلىرىدىن بۇ خىل ئۈمىدنى كۈتكەن بولسىمۇ، كومپارتىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بېرىش نىيىتىدە بولمىغانىدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئەنە شۇ ئۆز تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرغان ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت، يەنى فېدېراتسىيە تۈزۈمى ھوقۇقى تەلەپ قىلىشى سوۋېت ئىتتىپاقىغىمۇ ۋە خىتايغىمۇ توغرا كەلمەيتتى.

سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئەسلىمىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سەيپىدىن ئەزىز قاتارلىقلار 1949-1950-يىللىرى مىللىي ئاپتونومىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، «ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت مەسىلىسى»، «مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھوقۇقى» مەسىلىسى يەنە ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىغا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن سۆزلىشىشكە ئەۋەتكەن ۋەكىلى دېڭ لىچۈن ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى قوماندانلىرىدىن ۋاڭ جېن قاتارلىقلار بۇنىڭغا قارشى تۇرغان. سەيپىدىن ئەزىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 6-قۇرۇلتىيىدا بۇ مەسىلىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، دېڭ لىچۈن «بۇنىڭ ئاللىبۇرۇن ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئېيتقان»، سەيپىدىن ئەزىز 1952-يىلىدىكى بىر قېتىملىق يىغىندا لېنىننىڭ مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھوقۇقى پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما دېڭ لىچۈن قاتارلىقلار لېنىننىڭ بۇ پرىنسىپىنىڭ مۇستەملىكە ئەللەردىكى ئېزىلگەن مىللەتلەرگە قارىتىلغانلىقىنى ئېيتىپ رەت قىلغان. سەيپىدىن ئەزىز بۇنىڭ شىنجاڭغىمۇ توغرا كېلىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان ئۇ: «بىز بۇ مەسىلىدە خېلى تالاش-تارتىش قىلدۇق، دېڭ لىچۈن لېنىننىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلىپ چىقتى، مەنمۇ لېنىننىڭ، ئىستالىننىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، مەجلىستە خېلى مۇنازىرىلەشتۇق، لېكىن بۇ مۇزاكىرىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىمىزنى قايىل قىلالمىدۇق» دەپ بايان قىلىدۇ. (سەيپىدىن ئەزىز ئەسلىمىسى، 165-بەت)

مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ۋە زىيالىيلارنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت شەكلىدىكى بىر سىياسىي مىللىي ھوقۇق ئېلىش تەلىپى، بولۇپمۇ «ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى» ئىدىيەسى 1949-يىلىدىن كېيىن ئىزچىل داۋاملىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسى چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاق يولىدا ماڭىدۇ، لېنىن ۋە ئىستالىننىڭ ئۇسۇلى بويىچە مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ دەپ ئىشەنگەنىدى. قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، 1951-يىلىدىكى «51 چىلەر» دەپ ئاتالغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى غۇلجىدا يىغىن ئېچىپ، 51 كىشى ئىمزا قويغان «ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش لايىھىسى ۋە تەلىپى بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر.

بىراق، خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرى ئىتتىپاقداش ياكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمىغان بولۇپ، مەزكۇر «ئۇيغۇرىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەرنى ئۈرۈمچىگە چاقىرىپ قاتتىق تەنقىد قىلغان ۋە بىر قىسمىنى جازالىغان.

سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1954-يىلى، بېيجىڭدا مىللىي ئاپتونومىيە مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن چاقىرىلغاندا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت، يەنى بىرلەشمە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى مەسىلىسى يەنە ئوتتۇرىغا چىققان. سەيپىدىن ئەزىز: «يىغىندا يالغۇز مەنلا ئەمەس، باشقا مىللىي رايونلاردىن كەلگەنلەر، مەسىلەن يەنە ئىچكى موڭغۇلىيەدىن كەلگەنلەرمۇ بىرلەشمە رېسپۇبلىكا تۈزۈمىنى تەكىتلىدى» (ئەسلىمە، 166-بەت) دەپ بايان قىلغان شۇنىڭدەك يىغىندا بۇ تەلەپلەرنىڭ يەنىلا قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ئاخىرى، 1955-يىلى، 10-ئايدا ئۇيغۇرلارغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نامىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش بىلەن چەكلەنگەن.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى تەلەپلىرى خىتاينىڭ 1957-1959-يىللىرىدىكى يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ خىل ئىدىيە ۋە تەلەپلەردە بولغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبىرىي كادىرلىرى، زىيالىيلار ۋە باشقىلارغا «يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى كۆيدۈرۈلۈپ قاتتىق جازالانغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىدىن «ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت» ياكى «فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى» كۈتۈش چۈشى تولۇق بەربات بولغان.